بېھى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بېھى (ئۆسۈملۈك)
  2. بېھى (خام دورا)
ئۆسۈملۈك
بېھى

بېھى (Cydonia oblonga Miler)، ئەتىرگۈل ئائىلىسى (Rosaceae)، بېھى ئۇرۇقدىشى (Chaenimeles lindl) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا بېھىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بېھى
ئىنگلىزچە نامى Cydonia oblonga
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى ئەتىرگۈل ئائىلىسى (Rosaceae)
تۈرى بېھى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 榅桲
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى بېھى ئۇرۇقدىشى (Chaenimeles lindl)
لاتىنچە نامى Cydonia oblonga Mill

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇپۇرمىقى 

بېھىيۇپۇرمىقى ئۇزۇنچاق تۇخۇم شەكىللىك يوپۇرماق بۇلۇپ، شالاڭ ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك تۇخۇمسىمان شەكلىدە ئۆسىدۇ. ئۇزۇن 4-7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5 - 4 سانتىمېتىر ، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، تۈپى قىسمى يۇملاق ھەرە چىشىدەك كېلىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 - 5 سانتىمېتىر ، تۈكسىز ، تاقىر.

چېچىكى 

بېھىكۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ ، 3 ~ 6 تال گۈلى بار، ئومۇمىي گۈل سېپىدە شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گۈل چېچىكى ئاق رەڭلىك، ئاتىلىق گۈل بەرگى سەل قىسقا، ئانىلىق گۈل بەرگى ئاتىلىققا يېقىن ئۇزۇنلۇقتا بۇلۇپ، تۈۋى قىسمىدا شالاڭ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ . 

تەمى

مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ ، دىئامېتىرى 1 - 1.5 سانتىمېتىر، مېۋە پوستى سېرىق ، مېۋە يۈزىدە يۇمشاق قوڭۇر رەڭ تۈكچىلەر بار. چۈرۈك ، شىرنىلىك ، تەمى چۈچۈمەل.

شىنجاڭدا بېھىنىڭ توققۇز خىل سورتى بار. يەنى سېرىق بېھى، چىلگە بېھى، ئالما بېھى، قوغان بېھى، ئاق بېھى ، كۆك بېھى ، يىشىل بېھى ، قارا بېھى ، كورلا بېھىسى قاتارلىق سورتلار ئۆستۈرىلىدۇ.

سېرىق بېھى

سېرىق بېھىبۇ سورت ئاقسۇ رايۇنىدا كۆپىرەك ئۆستۈرىلىدۇ ، مېۋە شەكلى ئامۇت شەكلىدە بولغاچقا ، يەنە ئامۇت بېھى دەپمۇ ئاتايدۇ ، مېۋىسىنىڭ دىئامېتىرى cm 5.77 * 6.65 ، مېۋە پوستى سېرىق ، مېۋە يۈزىدە يۇمشاق تۈكچىلەر بار ، ساپىقىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ئېتى سېرىق بولۇپ خۇشپۇراق ،چۈرۈك ، شىرنىلىك ، تەمى چۈچۈمەل ، تەركىبىدىكى ئېرىشچان ماددا ، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ . بىر تال بېھىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 - 26 تال ئۇرۇق چىقىدۇ . 

بۇ خىل سورتنىڭ دەرەخ تاجىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ، نوتىلىرى قىزغۇچ سۆسۆن رەڭدە ، تۈكچىلىرى بىرقەدەر شالاڭ ، يوپۇرمىقى يۇمىلاق ، چىچەك بىخلىرى كىچىك ، شەكلى تۇخۇمسىمان بولىدۇ . 6 -8 يىلدا تولۇق مېۋىگە كىرىدۇ ، 14 يىل بولغان دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 4.6 مېتىر ، دەرەخ تاجى دىئامېتىرى 3.6 * 2.3 مېتىر كېلىدۇ . بىر يىلدا 62.9 سانتېمىتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ . 

چىلگە بېھى

چىلگە بېھىئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر رايۇنى ۋە كۇچار ناھىيەسىدە كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ ، يوپۇرمىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8.3 سانتىمىتىر ، كەڭلىكى 7.3cm ، يوپۇرماق ساپاق ئۇزۇنلۇقى 14cm چىكرەك بولۇپ ، يىيىلىپ ئۆسىدۇ ، مېۋىسى تار شەكىللىك ياكى يۇمىلاقراق ، دىئامېتىرى 7.44*6.44 سانتىمىتىر ، مېۋە يۈزى سىلىق ئەمەس ، مېۋە پوستى يىشىل رەڭدە ، يۇمشاق قويۇق تۈكچىلىرى بار ، شاختىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ، ئېتى ئاق سېرىق ، سۇلۇق، مېۋە شىرنىسى ئاز ، چۈچۈمەل ئەمما خۇشبۇي پۇرايدۇ . ئۇرۇقى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ ، يېپىشقاق كىلىدۇ . بۇ سورتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى پىشقاندىن كېيىنمۇ شاختىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ، 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ياخشى پىشىدۇ ، مېۋىسىنى ناھايىتى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ .

ئالما بېھى

ئالما بېھىئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاقسۇ رايۇنىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ يوپۇرمىقى ئوتتۇراھال چوڭ ، ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 5.9cm ، كەڭلىكى 4.6cm ، يوپۇرماق ساپاق ئۇزۇنلۇقى 0.6cm ، يوپۇرمىقى نېپىز ، يوپۇرماق دۇمبىسىدە تۈكچىلىرى كۆپ ، شۇ يىللىق نوتىسى تەخمىنەن 80.4cm ئۆسىدۇ .

بۇ خىل سورتنىڭ مېۋىسى يۇمىلاق شەكىللىك ، دىئامېتىرى 5.05 * 5.68 سانتىمىتىر ، سەل چوڭىراق ، تۈكچىلىرى قوڭۇر ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ . ئېتى ئاق سېرىق رەڭدە ، مېۋە ئۆزىكى چوڭراق بولۇپ ، بەش بۆلۈمچىگە بۆلۈنگەن . ئېتى قاتتىقراق شېرنىسى ئاز ، 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا پىشىدۇ .

دەرەخنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، دەرەخ تاجى چوڭ ، 14 يىللىق دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ، دەرەخ تاجى دىئامېتىرى 3.7 * 3.8 مېتىر كېلىدۇ . بۇ خىل سورت ساقلاشقا توشۇشقا سەل چىدامسىز . 

قوغان بېھى

قوغان بېھىئاساسەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، دەرەخنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك بولۇپ ، تىك ئۆسۈدۇ ، يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 9.7cm كەڭلىكى 7.2cm ، يوپۇرماق ساپاق ئۇزۇنلۇقى 1.5cm كېلىدۇ . مېۋىسى سەل چوڭىراق ، ئامۇت شەكلىدە ، دىئامېتىرى 6.99 * 7.16 سانتېمىتىر ، مېۋە يۈزى تەكشى ئەمەس ، ئېرىقچىلىرى قالايمىقان ، ساپاق ئەتراپى ئېرىقچىلىرى روشەن ئەمەس . مېۋە پوستى رەڭگى ئوچۇق سېرىق رەڭدە ، مېۋە ئۆزىكى كىچىك ، تۈكچىلىرى قېلىن ، تەمى چۈچۈمەل ، خۇشبۇي پۇرايدۇ ، ھەر بىر دانە بېھى ئىچىدە 4 - 6 دانە ئۇرۇق بولىدۇ . 

بېھىبېھى ( Cydonia oblonga Miler ) ، ئەتىرگۈل ئائىلىسى ( Rosaceae ) ، بېھى ئۇرۇقدىشى ( Chaenimeles lindl ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ . جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ . 

ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا بېھىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، ئۇنى لاك ئامۇت ۋە نەشپۈتنىڭ ئەڭ ياخشى پاكارلاشتۇرغۇچى ئۇلاق تېگى قىلىشقا بولىدۇ . تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى ، ئۇلىغاندىن كېيىن كۆچەت ساغلام ۋە تەكشى ئۆسىدۇ ، بالدۇر مېۋىگە كىرىدۇ .

بېھىبېھىنى بىۋاستە ئىستىمال قىلسىمۇ ياكى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭ مېۋىسى كېيىن پىشقاچقا ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ . ئۇ سانائەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش خام ماتىرىيالى . ئۇنىڭ ئۇرىقىدا يىپىشقاق ماددا ۋە ماي ماتىرىيالى بار بولۇپ ، توقۇمچىلىق ساھەسىدە رەختلەرنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ ، تىبابەتچىلىكتە مېۋىسىنى دورىغا ئارلاشتۇرۇپ ، رەئىس ئەزالارنى قوۋەتلەش ، جىگەر ، تال ، ئاشقازان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ ، يەنى پولوغا بېسىپمۇ ئىستىمال قىلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا بېھىدىن ئىبارەت بۇ ئىسىل مېۋىنىڭ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش ، مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەتقىقاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

 ئىللىق ھەم نەم تۇپراقلىق رايونلارغا ۋە شىنجاڭنىڭ  ئاقسۇۋىلايىتى، كۇچار ناھىيەسى ۋە قەشقەر رايۇنى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#