جۇ دې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ مەشھۇر رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. جۇ دې (1886-1976-يىللار). سىچۇەننىڭ يىلۇڭ دېگەن يېرىدىكى ياللانما دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ بېرىلىپ ئوقۇپ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدەنگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇدې
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۈەن ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1976-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 朱德
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1886-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
شان-شەرەپلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشالى ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇ دې (1886-1976-يىللار). سىچۇەننىڭ يىلۇڭ دېگەن يېرىدىكى ياللانما دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ بېرىلىپ ئوقۇپ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدەنگەن. 1909-يىلى يۈننەن جياۋۇ مەكتىپىگە ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، يۈننەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە قوشۇنغا ئەگىشىپ سىچۇەنگە بارغان. 1915-يىلى يۈننەندە سەي ئې رەھبەرلىكىدىكى يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلغان دۆلەتنى قوغداش قوشۇنىنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە دۆلەتنى قوغداش قوشۇنىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش لىنىيەسىدىكى تايانچلاردىن بولۇپ قالغان. 1917-يىلى، ئۇ يەنە سىچۇەندە دۈەن چىرۇيگە جازا يۈرۈشى قىلىنغان قانۇننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇغان. 

1922-يىلى جۇ دې گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن، كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1925-يىلى يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە بېرىپ موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي بۇيرۇققا بىنائەن نەنچاڭغا بېرىپ، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 3-جۈنىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش ئۆمىكىنى قۇرغان. 

1927-يىلىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇ پ قېلىش ئۈچۈن، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «1-ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ،  9-ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان ھەمدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ 1-پاي ئوقىنى ئاتقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ شياڭنەن قوزغىلىڭىنى كۆتۈرۈپ، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغان. 1928-يىلى  4-ئايدا، قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە چىقىپ، ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنىڭ  4-جۈنىنى قۇرۇپ، بۇ جۈننىڭ جۈنجاڭى بولغان. 1930-يىلىدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە 1-جۈنتۇەنىنىڭ جۈنتۇەنجاڭى، 1-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، قىزىل ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭخۇا رۇسىيە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ماۋزېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ 1-، 2-، 3-قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، جۇ ئېنلەي بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىپ، 4-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

 1934-يىلى  10-ئايدا، ئۇ  25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا جاڭ گوتاۋ بۆلگۈنچى گۇرۇھىنىڭ پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. 

1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، جۇ دې 8-ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ 8-ئارمىيەنى باشلاپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كەڭ بازا قۇرغان. ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى سەككىز يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا، ئۇ ماۋزېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئازاد رايونلاردىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جاپالىق جەڭ قىلىپ، ياپون ئالۋاستىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشتا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇ دې جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە لياۋ شېن، پىڭجىن، خۇەيخەيدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە زور تۆھپە قوشقان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇ دې مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1954-يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. مەملىكەتلىك 2-، 3-، 4-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان. 1955-يىلى ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتنىڭ مارشالى دېگەن ھەربىي ئۇنۋان بېرىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئۇ لىن بياۋ بىلەن جياڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان.

جۇ دې جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىق زېھنىي كۈچىنى خالىس تەقدىم قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. 1976-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#