قۇلاق ئاقمىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇلاق ئاقمىسىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، قۇلاققا سۇ ياكى يات ماددا كىرىپ كېتىش، قۇلاق ئاغرىقى ياكى قۇلاق ياللۇغىنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۆتكۈر ھالەتتە بولغاندا ئومۇمىي بەدەن قىزىش، ھالسىزلىق، قۇلاققا قوشۇلۇپ باشمۇ ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاقتىن سېرىق سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ، قۇلاقتىن سېسىق پۇرايدىغان يىرىڭ ئېقىش، بەزىدە قۇلاق ئىششىپ قېلىش، قۇلاق چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئاڭلاش كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
2-رېتسېپ
قۇلاق ئاقمىسىتەركىبى: كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، مەدەستان 10 گىرامدىن، كۈدە سۈيى 15 مىللىلىتىر، سىركە 30 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: كۈدە سۈيى ۋە سىركىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈدە سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە سېركىنى قۇيۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا سۈركىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.