ئەپيۇن ئۇرۇشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئەتكەسچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئەتكەس قىلىپ كىرگۈزگەن ئەپيۈن مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ كۈمۈشلىرى كۆپلەپ سىرتقا ئېقىپ كەتكەچكە، كۈمۈش باھاسى ئۇچقاندەك تېز ئۆرلەپ خەزىنە قۇرۇقدىلىپ قالدى. 1838- يىلىنىڭ ئاخىرى پادىشاھ داۋگۇاڭ لىن زېشۈنى خان مۇپەتتىشى قىلىپ تەيىنلەپ، گۇاڭدۇڭغا ئەپيۇن چەكلەشكە ئەۋەتتى. لىن زېشۈ ئىككىنچى يىلى 6- ئايدا گۇاڭجۇدىكى خۇمىن دېڭىز ساھىلىدا 2 مىليون 300 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئەپيۈننى جامائەت ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئەپيۈننى چەكلەش ۋە كۆيدۈرۈشتەك ھەققانىي ھەرىكەت ئەنگىلىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا باھانە بولدى.
ئەنگلىيە ئارمىيەسى 19 مىڭ ئادەم؛
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 200000__ 91680 ئادەم؛
1840- يىلى 6- ئايدا ئەنگىلىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى يى لۈ 40 نەچچە 40- نەچە ھەربىي كېمىگە چۈشكەن 4000 كىشىلىك ھەربىي قوشۇننى باشلاپ گۇاڭدۇڭ دېڭىز تەۋەسىگە كېلىپ، جۇجياڭ پورتىنى قامال قىلىپ، ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغىدى. گۇاڭجۇنىڭ مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولغاچقا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى گۇاڭجۇغا ھۇجۇم قىلالماي 7- ئايدا شيامىنغا ھۇجۇم قىلدى. فۇجىيەندىكى ئارمىيە ۋە خەلقتىن دەككىسىنى يېگەن ئەنگلىيە، شىمالغا بۇرۇلۇپ جېجياڭغا ھۇجۇم قىلىپ مۇداپىئەسى ئاجىز بولغان دېڭخەينى ئىشغال قىلدى. ئاندىن يەنە شىمالدىكى داگۇغا ھۇجۇم قىلىپ تيەنجىنگە تەھدىت سېلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىدى. 9- ئايدا پادىشاھ داۋگۇاڭ چى شەننى گۇاڭجۇغا سۈلھى قىلىشقا ئەۋەتتى، لىن زېشۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمىلىدىن قالدۇردى. 1841- يىلى 1- ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى چى شەننىڭ ئۇرۇش تەييارلىقلىرىنى بىكار قىلغانلىقتىن ئىبارەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، گۇاڭجۇدىكى ساجياۋ، داجياۋ پوتەيلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن چى شەن ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىگىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىدىغان ۋە دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان چۈەنبى شەرتنامىسىنى ئوپۇل-توپۇل ئىمزالاپ، گۇاڭجۇنى ئېچىپ بېرىشكە، 6 مىليون كۈمۈش تەڭگە تۆلەشكە ۋە شياڭگاڭنى بۆلۈپ بېرىش ۋەھاكازالارغا ۋەدە قىلدى. پادىشاھ داۋگۇاڭ بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشنى رەت قىلىپ، باش ۋەزىر لى شەننى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىشقا گۇاڭجۇغا ئەۋەتتى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى گۇاڭجۇنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بارلىق پوتەيلىرىنى ئىشغال قىلدى. يى شەن تاجاۋۇزچىلار بىلەن گۇاڭجۇ تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، 6 مىليون كۆمۈش تەڭگە تۆلەم بېرىشكە قوشۇلدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شەھەر سىرتىغا چېكىندى. 5- ئاينىڭ 30- كۈنى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي ئەتراپىدىكى سەنيۈەنلى خەلقى ئىستىخيلىق ھالدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ 200 نەپەر دۈشمەننى ئۆلتۈردى، بۇ يېقىنقى زامان جۇڭگو تارىخىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا سىتىخيلىق ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىش يولىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ 1841- يىلى 8- ئايدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ دائىرسىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىيامىن، جېنخەي، نىڭبۇ قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتتى. 1842- يىلى 6- ئايدا ئەنگلىيە قوشۇنى چاڭجياڭ دەرياسىغا كىرىپ مۇۋسۇڭ پوتىيىگە ھۇجۇم قىلدى. جاڭئەن مۇداپىئە قۇماندانى چېن خۇاچىڭ قوشۇن باشلاپ قارشىلىق كۆرسىتىپ يېڭىلىپ قالدى، باۋشەن، شاڭخەيلەر كەينى-كەينىدىن قولدىن كەتتى.
جاڭئەن مۇداپىئە قۇماندانى چېن خۇاچىڭ قوشۇن باشلاپ قارشىلىق كۆرسىتىپ يېڭىلىپ قالدى، باۋشەن، شاڭخەيلەر كەينى-كەينىدىن قولدىن كەتتى. 7- ئايدا تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى شىددەتلىك كوچا ئۇرۇشىدىن كېيىن جېنجاڭنى ئالدى. 8- ئايدا ئەنگلىيە كېمىلىرى ئۇدۇللا نەنجىڭغا بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئاتلاندى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ سۈلھى تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇرۇش ئاياغلاشتى.
ئەنگلىيە ئارمىيەسى 523 ئادەم يارلانغان، 69 ئادەم ئۆلگەن.
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 22790 ئادەم يارلانغان.[0]
بىرىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى1842- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەكىلى جىيىڭ، يىلىبۇ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ كورنىۋاللىس ناملىق ھەربىي پاراخۇتىدا جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى تەڭسىز شەرتنامە- نەنجىڭ شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى، كېيىن يەنە جۇڭگو ئەنگلىيە بەش ئېغىزدا (پورتتا) سودا قىلىش نىزامنامىسى ۋە خۇمىن شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، بۇنى نەنجىڭ شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچىسى قىلدى.
ئەپيۇن ئۇرۇشى جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېگىلىك ھوقۇقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۈچلۈك كاپىتالىستىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىشقا باشلىدى، جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيەتتىن پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆزگەردى. جۇڭگو خەلقىمۇ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.