- يېڭىئاۋات يېزىسى (خوتەن ناھىيەسى)
- يېڭىئاۋات يېزىسى (يېڭىشەھەر ناھىيەسى)
- يېڭىئاۋات يېزىسى (ئۇچتۇرپان ناھىيەسى)
يېڭىئاۋات يېزىسى
يېڭىئاۋات يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن شەھىرىگە 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا تەۋەسىدە 15 مەمۇرىي كەنت، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېڭىئاۋات يېزىسى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن شەھىرىگە 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا تەۋەسىدە 15 مەمۇرىي كەنت، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، يېزا بويىچە 5410 ئاھالە بار، نوپۇس 23705 ئادەم، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 18 مىڭ 600 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 0.8 مو.
يېڭىئاۋات يېزىسى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، خوتەن شەھىرىگە 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربىي قىسمى قاراقاش دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقىي شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى، شەرقىي بىلەن يېڭىئېرىق يېزىسى تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي بىلەن خانئېرىق يېزىسى تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى سېغىزكۆل يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، مەمۇرىي رايون كۆلىمى تەخمىنەن 88.91 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا قارىمىقىدا 15 مەمۇرىي كەنت، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 21621 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %8 نى ئىگەلەيدۇ. يېزىدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جياڭ باغ كەنتى، يېزا ئورگانلىرىدىن 74، يەتتە پونكىت بار بۇلۇپ، سەككىز ئورۇندىكى كادىرلار 96 ئادەم. يېزا تەۋەسىدە 15 پارتىيە ياچېيكىسى، 505 نەپەر پارتىيە ئەزالىرى، 107 نەپەر كەنت كادىرلىرى، 129 نەپەر «ئۈچ پېشقەدەم» لەر بار.
يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇب تەرىپىدە سەككىز كەنتنىڭ ياڭاقلىرى كەسپلەشكەن ۋە بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان، شىمال تەرىپىدە يەتتە كەنتنىڭ چىلان كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىلەنگەن. يەنە بۇ يېزىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قول سانائىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى كەڭ. بۇ يېزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، چىلان، ئۈزۈم، قېتىق، دوپپا، ئىلمە توقۇلما بۇيۇم ۋە ھەر خىل تۆمۈر سەنئەت بۇيۇملىرى بار.
بۇ يېزىغا تەۋە 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، جاھانباغ كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى، ئويالئېرىق كەنتى، باش چاغلىغ كەنتى، چاغلىغى كەنتى، تۇرۇز كەنتى، ئوتتۇرا ئېرىق كەنت، پاچاق كەنتى، ئازنىمېچىت كەنتى، غەجەك كەنتى، ئوتۇن كەنتى، خەتچى كەنتى، گاۋاش كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، قارادۆڭ كەنتى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.