قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى كورلا شەھىرى قۇرچۇ يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، قۇرچۇ يېزىسىغا 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتى خەتەرلىك، چوڭقۇر ھاڭلار بار، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى800-700 مېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى
جايلاشقان ئورۇن كورلا شەھىرى قۇرچۇ يېزىسى
خەنزۇچە نامى 库尔楚大峡谷
ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 800-700 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىتەڭرىتاغ ئېتىكىدە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان بىر جىلغا بار، ئۇ كورلا شەھىرى قۇرچۇ يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، قۇرچۇ يېزىسىغا 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتى خەتەرلىك، چوڭقۇر ھاڭلار بار، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى800-700 مېتىر، سۇنىڭ چۈشۈش پەرقى ئوخشىمايدۇ، نەچچە يۈز مېتىر ئىگىزلىكتىكى چوڭ شارقىراتما شەكىللەنگەن، بىر ئەگرى-بۈگرى چىغىر يول تىك قىياغا تۇتىشىدۇ. تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ جىلغىغا نەزەر سالغاندا، پۈتۈن جىلغىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆزگە تاشلىنىدۇ. تىك يار ئۈستىدىن چۈشىۋاتقان سۇ تامچىلىرى خۇددى دانە-دانە مەرۋايىتقا ئوخشاش، ھەممە يەرگە چېچىلىپ تۇرىدۇ.

جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە چۈشكەندە قۇلاق تۈۋىدە گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ، پورەكلەپ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر قوشۇلۇپ بىر ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش كۆتۈرۈپ قارىغاندا، تاغلار تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم، مانا بۇ مەشھۇر قۇرچۇ چوڭ جىلغىسى.

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىقۇرچۇ چوڭ جىلغىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى بۆلەك سۇ مەنبەسى شىساۋخۇ كۆلىدىن كەلگەن، قارا تۆشۈكتىن ئۆتىدۇ، ئاندىن روزاتام دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ يۇقىرى ئېقىننى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەتتە «روزاتام چوڭقۇر جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچى بۆلىكى سۇ بىرىنچى خەندەك، ئىككىنچى  خەندەك، ئۈچىنچى خەندەك، تۆتىنچى خەندەك ۋە يازنىك ئېقىنى بىلەن قوشۇلۇپ، ئېقىننى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەتتە «يازنىك چوڭقۇر جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ ئۈچىنچى بۆلەك تۆۋەن ئېقىن بولۇپ،«شەرقىي چورۇق چوڭقۇر جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىجىلغا سۈيى ئادەتتە ناھايىتى مۇلايىم، ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ، شارقىراتمىنىڭ ئاستىدىكى  كۆلچەكنىڭ سۇيى ياپيېشىل، ئاستىنى كۆرگىكلى بولمايدۇ. كەلكۈن كەلگەن چاغدا، ئۇ ئادەتتىكى مۇلايىملىقىنى ئۆزگەرتىپ، خۇددى بىر غالجىرلاشقان ئەجدىھادەك شىددەت بىلەن تۆۋەنگە چۈشىدۇ، توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سۇ تامچىلىرىنى چاچرىتىدۇ، تۇمانلار ئەگىپ يۈرۈيدۇ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن سۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى تاغ جىلغىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ.

قۇرچۇ چوڭ جىلغىسىھەر يىلى ياز پەسلىدە7-6-ئايلاردا بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى يېقىملىق — چوڭ جىلغىنى ساياھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى. يىراققا نەزەر سالغاندا، تاغدا ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن، ئاپپاق بۇلۇتلار، ئېرىق سۈيى شىلدىرلاپ ئاققان، كۆركەم تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان. تاغدا مۇنارسىمان قارىغاي، قارا تېرەك، قارىياغاچ، سۆگەت دەرىخى ئۆسىدۇ. ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت تەسىرىدە بۇ يەردە نۇرغۇن دۆلەتلىك  ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار ياشايدۇ، مەسىلەن، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر، تۈلكە، بۆرە، يىلان، ئىت ئېيىق، يىلپىز ۋە نۇرغۇن قۇشلار. 

بۇ يەردە يەنە ھەقىقىي بۇلغانمىغان ئۆزگىچە ياۋا كۆكتات، مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل يېمەكلىكلەر: ياۋا پىياز، يازلىق سۇڭپىياز، سامساق، كۈدە، پالەك، كەرەپشە، موگۇ قاتارلىقلار بار. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#