تارىم شياڭلوڭ كۆلى مەنزىرە رايونى
تارىم شياڭلوڭ كۆلى مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى دە بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەتنىڭ سۇچىلىق مەنزىرە رايونى، تارىم دەرياسى دەريا سۇيىنى توسۇش تومىسى بويىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تارىم شياڭلوڭ كۆلى مەنزىرە رايونىتارىم شياڭلوڭ كۆلى مەنزىرە رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى دە بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەتنىڭ سۇچىلىق مەنزىرە رايونى، تارىم دەرياسى دەريا سۇيىنى توسۇش تومىسى بويىغا جايلاشقان. شەرقتە ئارال، غەربتە ئاقسۇ شەھىرى گە، جەنۇبتا ئاۋات ناھىيەسىگە يېقىن. ئارال شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 78 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر كېلىدۇ. 2004-يىلى جۇڭگو دىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا تارىم دەرياسى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى غا تايىنىپ ياساپ چىقىلغان تەبىئىي مەنزىرە رايونى؛ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300 مو. 2005-يىلى سىرىتقا ئېچىۋىتىلگەن.
مەنزىرە رايوننىڭ جەنۇبىدىكى باغ-ئورمان قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائاتى ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەنزىرە رايونى توپلىنىپ مەدەنىيەت، ئەل ئارىسىدىكى ئاجايىباتلا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىپتىدائىي تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرىسى بىر گەۋدىگە ئايلانغان. تارىم دەريا توسۇش تومىسى، تارىم دەريا مەنزىرىسى، شەرق تەرىپى شىپاڭ، يۇلتۇز ئۈزۈش راۋىقى، بەش شىپاڭلىق كۆۋرۈك، غەربىي يۇرت ساز تاۋۇشى، باققان كۆۋرۈكى، تولۇن ئاي سۇ ئۇستىدىكى كۆتۈرمە ئۆي، جيۇلۇڭ كۆلچىكى، ئارام ئېلىش باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، «چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى» دېگەن نامى بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.