جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002- يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 71-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国科学技术普及法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 71-نومۇرلۇق پەرمانى  

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلدۇق، نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 

2002-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىش، ئىلمىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش پائالىيەتلىرىدە تەتبىقلىنىدۇ.

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا جامائەتنىڭ چۈشىنىشى، قوبۇل قىلىشى ۋە قاتنىشىشىغا ئاسان ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك. 

3-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

پۇقرالار پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق.

4-ماددا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جامائەت پاراۋانلىقى ئىشى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىسى.

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-ياقا، نامرات رايونلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۆلەيدۇ.

5-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇشىغا، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەر پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى بازار مېخانىزمى بويىچە يولغا قويسا بولىدۇ.

7-ماددا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئاممىۋى، ئىجتىمائىي ۋە دائىمىي بولۇشى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈشى، ئۇنىڭدا شۇ جاينىڭ شارائىتىغا يارىشا كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىشى كېرەك. 

8-ماددا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئىلمىي روھتا چىڭ تۇرۇپ، ساختا پەنگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

9-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2–باب تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتا، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەيدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرىدۇ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مەمۇرىي تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە، شۇ رايوننىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

12-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي كۈچ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئاممىۋى، ئىجتىمائىي ۋە دائىملىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدۇ، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەملىشىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىدۇ.

3–باب ئىجتىمائىي  جاۋابكارلىق

13-ماددا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

14-ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى خىلمۇخىل پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. 

پەن-تېخنىكا سارىيى(پونكىتى)، پەن-تېخنىكا پائالىيەت مەركىزى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇدىغان باشقا تەربىيە بازىسى ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان مەكتەپ سىرتى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

15-ماددا پەن تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى ئىجتىمائىي  تەشكىلاتلار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىشى؛ شارائىتى بارلىرى تەجرىبىخانا، كۆرگەزمىخانا ۋە باشقا سورۇن، ئەسلىھەلەرنى جامائەتكە ئېچىۋېتىشى، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە مەسلىھەت بېرىشى كېرەك. 

پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۈنلۈكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك. 

16-ماددا ئاخبارات-نەشرىيات، رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۆز  ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئۇنىۋېرسال گېزىت-ژۇرناللار پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس ئىستونى، مەخسۇس بېتى تەسىس قىلىشى؛ رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەھىپىسى ئېچىشى ياكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پروگراممىسىنى ئۇلاپ تارقىتىشى؛ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش، تارقىتىش ۋە قويۇش ئاپپاراتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش ۋە قويۇشنى كۈچەيتىشى؛ كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىش-تارقىتىش ئاپپاراتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان كىتاب-ژۇرناللارنى نەشر  قىلىش، تارقىتىشقا يار-يۆلەك بولۇشى؛ ئۇنىۋېرسال ئالاقە تورى پونكىتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېتى ئېچىشى؛ پەن-تېخنىكا سارىيى(پونكىتى)، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق مەدەنىيەت سورۇنلىرى پەن-تېخنىكىنى  ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

17-ماددا دۆلەتنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت ئاسراش، دۆلەت زېمىن بايلىقى، تەنتەربىيە، مېتېئورولوگىيە، يەر تەۋرەش، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ساياھەت تارمىقى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

18-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. 

19-ماددا كارخانىلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماھارەت تەربىيىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، شارائىتى بارلىرى جامائەتكە ئېچىۋېتىلىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى ۋە ئەسلىھەسى قۇرسا بولىدۇ.

20-ماددا دۆلەت يېزىلاردا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىي تۇرمۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، يېزا- بازاردىكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش  تەشكىلاتلىرىنىڭ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى ۋە يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ئىلغار، ئەسقاتىدىغان تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. 

21-ماددا شەھەر-بازار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە مەھەللىلەر ئۆز جايىنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، ساغلام بولغان كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

22-ماددا باغچا، سودا سارىيى، ئايرودروم، ۋوگزال، بېكەت، پرېستان قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆزىگە قاراشلىق دائىرىدە، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

4–باب كاپالەت تەدبىرى 

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە بەلگىلىك خىراجەت ئاجرىتىشى كېرەك. 

24-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شارائىتى بار باشقا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى ۋە ئەسلىھە-قۇرۇلۇشىنى شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ھازىرقى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش، رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت مالىيەدىن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىغا مەخسۇس خادىملارنى قويۇش، ئۇنى يىل بويى ئاممىغا ئېچىۋېتىش، ياش-ئۆسمۈرلەرگە باھادا ئېتىبار بېرىش لازىم، ئۇنى ئۆز مەيلىچە باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ؛ خىراجەت جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلىرىغا تەڭ دەرىجىلىك مالىيەدىن ياردەم پۇل بېرىپ، ئۇنىڭدىن نورمال  پايدىلىنىش لازىم.

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى سېلىش شارائىتى يوق جايلار ھازىرقى پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا ھەمدە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش رەسىم كارىدورى، كۆزنىكى قاتارلىقلارنى قۇرسا بولىدۇ. 

25-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەدەت بېرىدۇ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا قانۇن بويىچە ماددىي ياردەم ۋە ئىئانىگە ئېرىشسە بولىدۇ.

26-ماددا دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم شەخسلەرنى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش فوندى تەسىس قىلىپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

27-ماددا دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مال-مۈلكىنى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىئانە مال-مۈلۈك پەن-تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلسە ياكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى، ئەسلىھە-قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىنسا، قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

28-ماددا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخسلەر پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا ياردەم قىلغان مال-مۈلۈك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا ئىشلىتىلىشى شەرت، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى قىسىپ قېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەدەت بېرىشى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملىشتۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى لازىم.

5–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق  

30-ماددا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش نامى بىلەن، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى  قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

31-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مالىيە خىراجىتىنى قىسىپ قالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئىئانە پۇل-مالنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

32-ماددا ھۆكۈمەت مالىيەدىن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيىنى ئۆز مەيلىچە باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى، ئەسلىھەسىنى بۇزغانلار زىياننى توختىتىشقا، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى زىياننى تۆلەشكە قانۇن بويىچە بۇيرۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

33-ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

34-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#