شەرقىي ئافرىقا
ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي كەڭلىك 12° تىن شىمالىي كەڭلىك 17° قىچە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي كەڭلىك 12° تىن شىمالىي كەڭلىك 17° قىچە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرقىي قىسمىدىكى سومالى يېرىم ئارىلى «ئافرىقىنىڭ تۇمشۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ شىمالىي قىسمى قىزىل دېڭىز ھەم ئادېن قولتۇق سۈيى بىلەن، شەرقىي قىسمى ھىندى ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. غەربىي تەرىپى ئېپئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ غەربى بىلەن، شەرقى ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمە بەلبېغىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. مەيدانى 3 مىليون 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئېپئوپىيە ئېگىزلىكى بىلەن شەرقىي ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمىسى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئافرىقىنىڭ ھەرقانداق رايونىدىن ئېگىز تۇرىدۇ. «ئافرىقىنىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان ئېپئوپىيە ئېگىز تەكشىلىكى شۇ رايونغا جايلاشقان.
ئاھالىسى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984) ، ئاھالىنىڭ 3/2 قىسمىنى نېگىرلار، قالغان قىسمىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر بىلەن سومالىلىق تەشكىل قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.