چىڭداۋ شەھىرى
چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە فۇشەن مۇداپىئە گازارمىسى تەسىس قىلىنغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىڭداۋ1981 - يىلى چىڭداۋ جۇڭگونىڭ 15 ئىقتىسادىي مەركىزى شەھەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . 1984 - يىلى چىڭداۋ جۇڭگونىڭ 14 دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەر بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . 1986 - يىلى چىڭداۋ 5 پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلىك بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . 1994 - يىلى چىڭداۋ مەملىكەت بويىچە 15 ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى .
رايۇن نامى | كۆلىمى/كىۋادىرات كىلومىتىر |
---|---|
شېنەن رايۇنى | 30 |
شېبېي رايۇنى | 66 |
خۇاڭداۋ رايۇنى | 2096 |
لاۋشەن رايۇنى | 396 |
لىساڭ رايۇنى | 98 |
چېڭ ياڭ رايۇنى | 553 |
جىياۋ جۇ رايۇنى | 1313 |
جى مو شەھىرى | 1780 |
پىڭ دۇ شەھىرى | 3167 |
لەي شى شەھىرى | 1568 |
چىڭداۋدىكى خاس تۆت ئەتىۋارلىق ، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك : چىڭداۋ قاقىرا تۇمشۇق ، چىڭداۋ ئۆزەكسەي ئوتى ،جىن چاتقىلى ، چىڭداۋ گۈلسامساق .
چىڭداۋ ساياھەت رايۇنى چىڭداۋ دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر ، مۇھىم تارىخىي قىياپىتى قوغدىلىدىغان شەھەر ، تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى . 2012 - يىلى ئاخىرىغىچە ، چىڭداۋ شەھىرىدە جەمئىي A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 66 گە يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ،5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە 1 گە يېتىپ ، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە 18 ، 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە 30 ، 2A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 15 ، 1A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 2 گە يەتتى.
چىڭداۋ ئۇنۋېرستىتىچىڭداۋدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالى مائارىپ مەكتەپلىرى:
شەندۇڭ ئۇنىۋېرستېتى ( چىڭداۋ )
چىڭداۋ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى چالغۇ ئارىلى ئىنستىتۇتى
جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى
بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ھازىرقى زامان ئىجادىيەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىنستىتۇتى
جۇڭگو نىفىت ئۇنۋېرستىتى
جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى چىڭداۋ خەلقئارا ئىنستىتۇتى
خاربىن قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى چىڭداۋ مەكتەپ رايونى
جۇڭگو پۇتبول ئۇنىۋېرسىتېتى
شەندۇڭ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
چىڭداۋ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ ئۇنىۋېرسىتېتى
شەندۇڭ تاشقى سودا كەسپىي ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى
چىڭداۋ ئوكيان كەسپى ئىنىستىتۇتى
چىڭداۋ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
چىڭداۋ قولتۇقى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى
چىڭداۋ مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
دېڭىز ئارمىيىسى سۇ ئاستى كېمىسى ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ ئۇچار ئوكيان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى
دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى چىڭداۋ – شۆبىسى
چىڭداۋ يۇلتۇز كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ سانائەت ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ ئىزدىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ دېڭىز ساھىلى ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ كېڭەيتىش سپېكتر يۇمشاق دېتال كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
چىڭداۋ شەھىرىدىكى خۇاڭخەي ئىنىستىتۇتى
چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە فۇشەن مۇداپىئە گازارمىسى تەسىس قىلىنغان. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن باش يامۇل تەسىس قىلىنغان. 1897-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. ھازىر ئىلگىرىكى ياساۋۇل بېگى مەھكىمىسى، ساراي ۋە ئىلگىرىكى ساقچى ۋازارىتىنىڭ بىناسى قاتارلىق ياۋروپاچە، ياپونچە ئىمارەتلەر بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.