دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو ئاپپارات

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو ئاپپارات

1900-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو دىكى ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى لايىھىلەپ ياسىغان «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو ئاپپارات
نامى مامۇنت
ئېغىرلىقى 635 كىلوگرام
ياسالغان ۋاقىت 1900-يىلى
ياسىغان شىركەت ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1900-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى لايىھىلەپ ياسىغان «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى.

«مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات بىلەن تارتىلغان سۈرەتنىڭ نېگاتىپىنىڭ ئۆلچىمى 1.4×2.4 مېتىر بولۇپ، بۇ نېگاتىپىنىنى يۇيۇش ۋە بېسىشقا 0.045 كۇپ مېتىر خىمىيىلىك دورا سۇيۇقلۇقى كېتەتتى. 1900-يىلى پارىژدىكى يەرمەنكىدە مۇشۇ خىل ئاپپارات ئارقىلىق تارتىلغان چوڭ سۈرەت «دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇكاپات»قا ئېرىشكەن.

بۇ چوڭ ئاپپارات مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان ھەشەمەتلىك ۋاگونلارنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ ئاپپاراتقا 225 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى ئەينەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاپپاراتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 635 كىلوگرامغا يېتەتتى، ئۇنى 15 ئادەم باشقۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شىركەت مەخسۇس بىر ۋاگون ئاجرىتىپ بۇ قىممەتلىك ئاپپاراتنى توشۇشقا ئىشلەتكەن.

فوتو ئاپپارات دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى نەچچە ئون يىلدا بىر پارچە سۈرەتنى چوڭايتىش ناھايىتىمۇ قىيىن ئىدى. بىرەر پارچە ئېنىق تارتىلغان رەڭلىك چوڭ سۈرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھالدىكى چوڭ ئاپپارات بىلەن سۈرەت تارتىشقا توغرا كېلەتتى.

سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بۇگۈنكى كۈندە كىچىك ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ تېگاتىپىنىمۇ «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتتىن ئېنىق قىلىپ چوڭايتقىلى بولىدىغان بولدى. شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى «مامۇنت» ناملىق ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق سۈرەتلەرنى تارتقىلى بولىدىغان بولدى. ئەينى ۋاقىتتىكى «مامۇنت» ناملىق ئاپپارات چوڭ ھەم كېلەڭسىز بولغاچقا، ئاللىقاچان ئاسار ئەتىقىگە ئايلانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#