كارىنا كاپور

كارىنا كاپور 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ھىندىستان نىڭ ئايال ئاكتىيورى. كىنوچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كارىنا كاپور قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئادۋوكات بولغۇسى بار بۇ قىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەممىگە تونۇشلۇق بىر كىنو چولپىنى بولۇپ چىققان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كارىنا كاپور
تۇغۇلغان ۋاقتى 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
كەسپى ئاكتىيورى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارىنا كاپوركارىنا كاپور 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ھىندىستان نىڭ ئايال ئاكتىيورى. كىنوچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كارىنا كاپور قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ، قانۇن كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسى كىنوچىلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئائىلە بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئاكتىيور، بىر ئاچىسى داڭلىق چولپان. ئادۋوكات بولغۇسى بار بۇ قىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەممىگە تونۇشلۇق بىر كىنو چولپىنى بولۇپ چىققان.

كارىنا مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق بولۇپ، ئېسىلزادىلەر بىلەن ئانچە خۇشى يوق بۇلۇپ،  ئۇ ئادەتتە ئات مىنىش، سۇ ئۈزۈش، ھەر خىل تائاملارنى تېتىپ بېقىشنى، بولۇپمۇ جۇڭگو چە قورىما، ئىتالىيە ۋە تايلاند نىڭ تائاملىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن.

2001-يىلى «شادلىق ئىچىگە يۇشۇرۇلغان قايغۇ» دېگەن فىلىمدە رولغا چىققان . ھەمدە شۇ يىلى شارۇلخان بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاسۇكاخان» فىلىمىدە ۋاجى مەلىكىنىڭ رولىنى ئېلىپ زور ئالقىشلارغا مۇيەسسەر بولغان .

2002-يىلى كارىنا كاپور «Mujhse Dosti Karoge!» فىلىمىدە رانى ھەم رىتىك روشەن بىلەن ھەمكارلاشتى .

2004-يىلى «Aitraaz» فىلىمىدە كارىنا يولدىشىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلايدىغان قەھرىمان ئادۋوكاتنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ ، پرىيانكا چوپرامۇ بۇفىلىمدە رول ئېلىشقا قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە «Dev» فىلىمىدە ئامىتاب باچچان بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدى.

2006-يىلى«Don»فىلىمىدە kamini رولىنى ئېلىپ شارۇلخان ھەم پرىيانكا چوپرا بىلەن ھەمكارلاشقان.

2001-يىلى ئۇ رول ئالغان «مۇساپىرلار» فىلىمى گەرچە زور ئالقىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رول ئېلىش سەنئىتى ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرگە ئېرىشكەن. ئەسلىدىنلا تەبىئىي گۈزەل بولغان كارىناغا بۇ فىلىمدە قىلىنغان قېنىق گىرىم ئەسلا ياراشمىغان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كارىنانىڭ باشقا فىلىملەردە ئالغان ئوبرازى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. 2004-يىلى «Aitraaz» فىلىمىدە كارىنا يولدىشىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلايدىغان قەھرىمان ئادۋوكاتنىڭ رولىنى ئالغان. ئاياللار ئەرلەرنى قۇتقۇزىدىغان كۆرۈنۈش ھىندىستان فىلىملىرىدە ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. بۇ فىلىمدە رېژىسسور، ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ جەمىئەتتىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەركىزىي ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

كارىنا كاپور

2007-يىلى كارىنا ئوغۇل دوستى بىلەن «ئۇشتۇمتۇت سەن بىلەن ئۇچراشتىم» فىلىمىنى ئىشلىگەن. بۇ فىلىمدە كارىنا ساددا جاھىل قىزنىڭ رولىنى ئالغان.

 2008-يىلى «سالاپەت» فىلىمىدە رول ئالغان. 

 2009-يىلى كارىنا سابىرخان رېژىسسورلىقىدا، ئامېركىدىكى داڭلىق كىنو چولپانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ  «ئىشىنىش تەس بولغان مۇھەببەت» فىلىمىدە رول ئالغان.

2009-يىلى«ئۈچ ئەخمەق دوست» فىلىمىدە ئامىرخان بىلەن ھەمكارلىشىپ پىيا رولىنى ئالغان .

2010-يىلى  «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» فىلىمىدە رول ئالغان.

2012-يىلى «ئىز قوغلاش» فىلىمىدە ئامىرخان ۋە رانى بىلەن ھەمكارلاشقان .

2014-يىلى «Singham 2» فىلىمىدە Hansanandini رولىنى ئالغان.

2015يىلى «قىزچاقنىڭ يۇرتىغا قايتىشى» فىلىمىدە سالمانخان بىلەن ھەمكارلىشىپ لاشىكانىڭ رولىنى ئالدى .

كارىنا ھەم يولدىشىكارىنا كاپور ۋە سەيف ئالى خان بەش يىلغا يېقىن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى يېقىن ئۇرۇق-يۇققان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزگەن . 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەر-خوتۇنلۇق سالايىتى بىلەن ئاممىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى قوبۇل قىلغان.

       Idea Filmfare Awards 

  • 2002  شادلىق ئىچىگە يۇشۇرۇلغان قايغۇ فىلىمىدا مۇنەۋۋەر ئايال يانداش پېرسۇناژ دەپ (نام ئاتالغان).

  • 2005  Dev فىلىمىدا مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسۇناژ (نام ئاتالغان).

  • 2008   ئۇشتۇمتۇت سەن بىلەن ئۇچراشتىم فىلىمىدا  مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسۇناژ دەپ  (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن).

  • 2011   بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى فىلىمىدا مۇنەۋۋەر ئايال يانداش پېرسۇناژ دەپ  (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن).

      Zee Cine Awards

  • 2002    ئاسۇكاخان فىلىمىدا مۇنەۋۋەر ئايال ئاكتىيور دەپ  (نام ئاتالغان).

  • 2005    مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسۇناژ دەپ (نام ئاتالغان).

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ناخشىمىز تورى

http://nahximiz.com/read.php?vid=1022.php

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#