تراللىبۇس
تەخمىنەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ترامۋايلارنىڭ كۆپىنچىسى تراللىبۇس(توك بىلەن ماڭىدىغان رېلىسسىز ئاپتوبۇس) قا ئورۇن بوشاتتى. تراللىبۇسنىڭ كۆرۈنۈشى ئاپتوبۇسقا ئوخشايدۇ، ئەمما، ماشىنا ئۈستىدە ئىككى تال «ئۆرۈمە چاچ» بار، ئۇلارنىڭ بىرى توك لىنىيىسىدىكى يۇقىرى بېسىملىق توكنى ئېلېكتر ماتورغا ئۇلاپ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماشىنىنى ماڭدۇرىدۇ، بۇ توك يەنە بىر «ئۆرۈمە چاچ» ئارقىلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قايتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تەخمىنەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ترامۋايلارنىڭ كۆپىنچىسى تراللىبۇس(توك بىلەن ماڭىدىغان رېلىسسىز ئاپتوبۇس) قا ئورۇن بوشاتتى. تراللىبۇسنىڭ كۆرۈنۈشى ئاپتوبۇسقا ئوخشايدۇ، ئەمما، ماشىنا ئۈستىدە ئىككى تال «ئۆرۈمە چاچ» بار، ئۇلارنىڭ بىرى توك لىنىيىسىدىكى يۇقىرى بېسىملىق توكنى ئېلېكتر ماتورغا ئۇلاپ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماشىنىنى ماڭدۇرىدۇ، بۇ توك يەنە بىر «ئۆرۈمە چاچ» ئارقىلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قايتىدۇ. تراللىبۇس ترامۋاينىڭ قوزغىلىشى تېز، مەشغۇلات قىلىشى قۇلاي، مۇھىت بۇلغىشى ئاز بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭغا رېلىس كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يولنىڭ تەكشىلىكىنى بۇزمايدۇ ۋە باشقا ماشىنىلارنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلمايدۇ، شۇڭا، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېزلا ئومۇملاشتى.、
بەزى ئەللەر تېخى تراللىبۇسنىڭ چاقىنى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇپ، تىرەكلىك تراللىبۇسقا ئايلاندۇردى. نۇرغۇن ئەللەر يەنە ترامۋاينى يەر ئاستى تونىلىغا ئېلىپ چۈشتى، مانا بۇ يەر ئاستى تۆمۈريولىدۇر، لېكىن، يەر ئاستى تۆمۈريولىدا ماشىنىنى توك يىغقۇچى خادا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا پاراللېل ۋە بىر-بىرىدىن ئىزولياتسىيىلەنگەن ئىككى رېلىس يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەيلى تىرەكلىك تراللىبۇس بولسۇن ياكى يەر ئاستى پويىزى بولسۇن، ئۇنىڭ ۋاگونى بىر بولمايدۇ، بەلكى پويىزغا ئوخشاش بىرنەچچە ۋاگون چېتىلىدۇ، ئۇلارنى ئېلېكتروۋوز سۆرەپ ماڭىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.