ئەفىسىس

ئەفىسىس جۇڭگو موزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل جۇڭگو دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئىنتايىن ئالاھىدە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەفىسىس
ئىنگلىزچە نامى Rhus chinensis Mill.
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى سىر دەرىخى ئائىلىسى
تۈرى موزا دەرىخى، كۆك موزا دەرىخى، قىزىل موزا دەرىخى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 五倍子
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى موزا دەرىخى ئۇرۇقدىشى
باشقا نامى جۇڭگو موزىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەفىسىسئەفىسىس جۇڭگو موزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل جۇڭگو دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئىنتايىن ئالاھىدە. ئەگەر ئۇنى مەلۇم ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى دېسەك جەزمەن ئەمەس. ئەگەر ئۇنى بىر خىل ھايۋان دېسەك ئۇمۇ توغرا ئەمەس. ئەمما، ئۇ راستىنلا بىر خىل كۆك پىت بولۇپ، مەلۇم ئۆسۈملۈكنىڭ كىچىك يوپۇرمىقى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان نەرسە. بۇ خىل كۆك پىت ئەفىسىس كۆك پىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىنى چىشلەپ بۇزىدۇ ھەم كىچىك بىر دانە تۆشۈك ئېچىپ يوپۇرماق ئىچىگە كىرىدۇ . ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆسۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ ئەفىسىس كۆك پىتىنى ئورىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكنىڭ كىچىك شاخ ۋە يوپۇرمىقىدا كۆپكەن بىر نەرسە ئۆسۈپ چىقىدۇ. كۆپكەن نەرسىنىڭ ئىچىدە ئەفىسىس كۆك پىتى خالتىسى بولىدۇ. بۇ نەرسىنى بىز ھاشارات پوقى دەپ ئاتايمىز. بۇنداق ھاشارات پوقىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن جۇڭگو تېبابىتىدە ئىشلىتىدىغان ئەفىسىسكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەفىسىس كۆك پىتى سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى جۇڭگو موزا دەرىخى ئۈستىدە پارازىت ياشايدۇ. يەنە كۆك موزا ۋە قىزىل موزا دەرىخى ئۈستىدە پارازىت ياشاپ ھاسىل قىلغان ئەفىسىسنىڭ ئوخشاشلا دورىلىق ئۈنۈمى بار. بۇنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەر جۇڭگو موزا دەرىخى ئۈستىدە ياكى قىزىل موزا دەرىخى ئۈستىدە ھاسىل بولغان ئەفىسىسنى قورساقلىق ئەفىسىس دەپ ئاتايدۇ. بۇرجەكلىك ئەفىسىسنىڭ دورىلىق قىممىتى قورساقلىق ئەفىسىستىن يۇقىرى بولىدۇ. جۇڭگو موزىسى يۆتەل، تولا تەرلەش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورا قىلغان چاغدا، تېرە ياللۇغى، قىچىشقاق ۋە تەمرەتكە، يەنە كۆيۈك يارىسى، زەخمىلىنىشتىن قان چىقىش قاتارلىقلارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.

يوپۇرماق ئۈستىدىكى قاپچۇقتىن ئىبارەت.

تەمى قېرتاق، قېرىق، تەبيىتى سوغاق. 

دورىلىق ئورنى ئۆپكە، چوڭ ئۈچەي، بۆرەك. 

ئۆپكىدىكى ئوت ئىسسىقنى ئالىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، مىجەزنى تەڭشەش، قان توختىتىدۇ، گىگروسكوپىك يارىنى قورۇپ ياخشىلايدۇ. 

ئەفىسىسئۆپكە ئاجىزلىقىدىن بولغان كونا يۆتەل، ئۆپكە ئىسسىق بەلغەم يۆتەل، كونا ئىچىسۈرۈش، كونا تولغاق، ئۆزلىگىدىن تەرلەش ۋە ئوغۇر تەر بېسىش، شېكەر سىيىش كېسىلى، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، بوۋاسىر قان، قان غەلۋىرەك چىرىش كېسىلى، تېرە ھۆل بولۇپ كىتىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. 

شامال تېگىش ياكى ئۆپكە قىزىتمىسى بار بولغان يۆتەل، شۇنىڭدەك ماغدۇرسىزلىنىش، تولغاپ ئىچى سۈرۈشكە پەھرىز قىلىنىدۇ.

سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن، شەنشى، گۇاڭشى قاتارلىق جايلار. 

ئەفىسىسدۇرا ئەشيا شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، « كۆپۈيۈش بوشلىقى » ۋە « بۇلۇڭ ھەسسىلىكى » دەپ ئايرىلىدۇ. كۆپۈيۈش بوشلىقى: شەكلى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق ياكى ئۇرچۇقسىمان قاپچۇق شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 2.5 ~ 9 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 1.5 ~ 4 سانتىمېتىر. سىرىتقى يۈزى كۈلرەڭ قوڭۇر ياكى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك، ئازراق يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. سۈپىتى قاتتىق چۈرۈك، ئوڭاي ئىزىلىدۇ، كەسمە يۈز مۈڭگۈزسىمان، پارقىراق، دىۋارىنىڭ قېلىنلىغى 0.2 ~ 0.3 سانتىمى مىتىر، ئىچكى دىۋارى سىلىق، كۆك ۋە كۈل رەڭ قارا ياكى قوڭۇر رەڭلىك  ئۇۋاق ھالەتتىكى چىقىرندىلىرى بۇلىدۇ. پۇرىقى، تەمى ئالاھىدە؛ ئېغىزنى قورۇتىدۇ. رەتسىز كەڭ بۇلۇڭ شەكىللىك كۆپ شاخلىق، يۇمشاق تۈكلۈك بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، پوستى بىرقەدەر نېپىز. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#