جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى 2009–يىلى 2–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009–يىلى 2–ئاينىڭ 28–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国食品安全法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó shí pǐn ān quán fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2009–يىلى 6–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىبۇ قانۇن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى 2009–يىلى 2–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (9–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» 2009–يىلى 2–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009–يىلى 6–ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2009–يىلى 2–ئاينىڭ 28–كۈنى

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك:

(1) يېمەكلىك ئىشلەش ۋە پىششىقلاش (تۆۋەندە يېمەكلىك ئىشلەش دېيىلىدۇ)، يېمەكلىك ئوبوروتى ۋە يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلىش (تۆۋەندە يېمەكلىك تىجارىتى دېيىلىدۇ)؛

(2) يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەش ۋە تىجارىتى قىلىش؛

(3) يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ئورۇ ماتېرىيالى، قاچا، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سايمىنى، ئۈسكۈنىسى (تۆۋەندە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلات دېيىلىدۇ) نى ئىشلەش ۋە تىجارەت قىلىش؛

(4) يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش؛

(5) يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش.

يېمەكلىك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىكىدىن چىققان دەسلەپكى مەھسۇلات (تۆۋەندە يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتى دېيىلىدۇ) نىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. لېكىن، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى چىقىرىش، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

3–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت پائالىيىتىنى قانۇن، نىزاملار ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بويىچە قىلىشى، جەمئىيەت ۋە جامائەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

4–ماددا گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى چىقىرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتىنىڭ ساپاسىنى بېكىتىش شەرتى ۋە پرىيوم قائىدىسىنى چىقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ–چوڭ ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك ئوبوروتى ۋە يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

5–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ، رەھبەرلىك قىلىدۇ، تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك، قوماندانلىق قىلىدۇ؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى باھالايدۇ، سىنايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قارىمىقىدىكى تارماقلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلاردا قۇرغان ئاپپاراتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

6–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئوبدان ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

7–ماددا يېمەكلىك ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ساھەسىنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

8–ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملار، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە بۇنىڭغا دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملار، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭغا دائىر بىلىملەر ھەققىدىكى جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جامائەت پىكرى بويىچە نازارەت قىلىشى كېرەك.

9–ماددا دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتقا، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىلغار باشقۇرۇش قائىدىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

10–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىلىش جەريانىدىكى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تارماقلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

2–باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى11–ماددا دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىكتىن پەيدا بولغان كېسەل، يېمەكلىك بۇلغىنىشى ۋە يېمەكلىكتىكى زىيانلىق ئامىللارنى كۆزىتىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىغا ئاساسەن ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش لايىھىسىنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.

12–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپىگە دائىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى دەرھال خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ئۇچۇرنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى ۋاقتىدا تەڭشىشى كېرەك.

13–ماددا دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ بىئولوگىيىلىك، خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق خەۋپىنىڭ دەرىجىسىنى باھالايدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇپ، تېببىي ساھەدىكى، يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق ساھەلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالايدۇ.

دېھقانچىلىق دورىسى، ئوغۇت، ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچ، ھايۋانات دورىسى، يەم–خەشەك ۋە يەم–خەشەك خۇرۇچى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشقا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىشى كېرەك.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش ئۇچۇرى، ئىلمىي سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسەن باھالاش كېرەك.

14–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش ياكى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئارقىلىق يېمەكلىكتە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ ئېھتىماللىقىنى بايقىغاندا پرىيوم قىلىشقا ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ– خەتىرىنى باھالاشقا دەرھال تەشكىللىشى كېرەك.

15–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ھەمدە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسىدىن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

16–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى چىقىرىش، تۈزىتىشنىڭ ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسىدۇر.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش نەتىجىلىرىدىن بىخەتەر ئەمەس دەپ يەكۈن چىقىرىلغانلىرىدا گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە دەرھال مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، شۇ يېمەكلىكنى ئىشلەش ۋە تىجارەت قىلىشنى توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە يېمەسلىكنى ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دەرھال چىقىرىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.

17– ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىشى كېرەك. ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق خەۋپ دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان يېمەكلىك ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرى سىگنالى بېرىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

3–باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى

18–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىخەتەر، ئىشەنچلىك قىلىپ چىقىرىش كېرەك.

19–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدىغان ئۆلچەمدۇر. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىدىن سىرت باشقا يېمەكلىك مەجبۇرىي ئۆلچىمىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

20–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) يېمەكلىك ۋە يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلاردىكى كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزم، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، ھايۋانات دورىسى قالدۇقى، ئېغىر مېتال، بۇلغىما ۋە ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ماددىلارنىڭ مىقدار چېكى بەلگىلىمىسى؛

(2) يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ تۈرى، ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە مىقدارى؛

(3) بوۋاقلار، بالىلار ۋە باشقا مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىگە قويۇلغان تەلەپ؛

(4) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك يارلىق، بەلگە، چۈشەندۈرمىگە قويۇلغان تەلەپ؛

(5) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىلىش جەريانىغا قويۇلغان تازىلىق تەلىپى؛

(6) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سۈپەت تەلىپى؛

(7) يېمەكلىك پرىيوم ئۇسۇلى ۋە قائىدىسى؛

(8) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى قىلىپ چىقىرىشقا تېگىشلىك باشقا مەزمۇنلار.

21–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. دۆلەت ئۆلچىمى نومۇرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي تارمىقى بېرىدۇ.

يېمەكلىكتىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، ھايۋانات دورىسى قالدۇقىنىڭ مىقدار چېكى بەلگىلىمىسى ۋە پرىيوم ئۇسۇلى، قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

سويغان چارۋا–قۇش پرىيوم قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئۆلچەملىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىكلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

22–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ھازىرقى يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى، يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمى، يېمەكلىك سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار يېمەكلىكلەرنىڭ ساھە ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدىغان ئۆلچەمنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى قىلىپ بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى كېرەك.

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى ھازىرقى يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى، يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمى، يېمەكلىك سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار يېمەكلىكلەرنىڭ ساھە ئۆلچىمى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت قىلىشى كېرەك.

23–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى باھالاش كومىتېتى تېببىي ساھەدىكى، يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق ساھەلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى چىقىرىشتا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسلىنىش ھەمدە يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر خەۋپ–خەتەرنى باھالاش نەتىجىسىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىش ھەمدە يېمەكلىكنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلار ۋە ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك.

24–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى چىقىرىشتا ، مۇشۇ قانۇندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى چىقىرىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك .

25–ماددا يېمەكلىكلەردىن كارخانىلار ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى يەرلىك ئۆلچىمى بولمىسا، كارخانا ئۆلچىمىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەكىتلەشنىڭ ئاساسى قىلىش لازىم. دۆلەت يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى يەرلىك ئۆلچەمدىنمۇ قاتتىق كارخانا ئۆلچىمىنى چىقىرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، شۇ كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قوللىنىش كېرەك.

26–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى جامائەتنىڭ ھەقسىز كۆرۈشىگە بېرىش كېرەك .

4–باب يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى

27–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ھەمدە تۆۋەندىكى تەلەپكە يەتكۈزۈش كېرەك :

(1) ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تۈرىگە، مىقدارىغا لايىق يېمەكلىك خام ئەشياسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، ئوراش، ساقلاش سورۇنى بولۇش، شۇ سورۇننىڭ مۇھىتىنى پاكىز تۇتۇش ھەمدە زەھەرلىك، زىيانلىق سورۇن ۋە باشقا بۇلغىما مەنبەلىرى بىلەن بەلگىلەنگەن ئارىلىق تۇتۇش ؛

(2) ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تۈرىگە ، مىقدارىغا لايىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۈسكۈنىسى ياكى ئەسلىھەسى بولۇش، مۇناسىپ دېزىنفېكسىيىلەش، كىيىم يۆتكەش، يۇيۇنۇش، ئاپتاپ چۈشۈش، يورۇتۇش، شامال ئۆتۈشۈش ئۈسكۈنە–ئەسلىھەسى، چىرىشتىن، چاڭ–توزاندىن، چىۋىندىن، چاشقاندىن، ھاشارەتتىن ساقلىنىش، يۇيۇش ۋە كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەت ۋە تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش ئۈسكۈنىسى ياكى ئەسلىھەسى بولۇش؛

(3) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كەسىپ–تېخنىكا خادىملىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قائىدە – تۈزۈمى بولۇش؛

(4) مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنولوگىيىلىك تەرتىپى بولۇش، پىششىقلايدىغان يېمەكلىكنىڭ بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىك بىلەن، خام ئەشيانىڭ مەھسۇلات بىلەن گىرەلەشمە بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، يېمەكلىك بىلەن زەھەرلىك، پاسكىنا نەرسىلەرنى بىر يەرگە قويماسلىق؛

(5) قاچا–قۇچا ۋە بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىكلەرنى سالىدىغان قاچىلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش، قازان–قومۇچ ۋە جابدۇقلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ قويۇش؛

(6) يېمەكلىك ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، قاچىلايدىغان ۋە چۈشۈرىدىغان قاچا، جابدۇق ۋە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەر، زىيانسىز، پاكىز بولۇش، يېمەكلىك بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھارارەت قاتارلىق ئالاھىدە تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىش، يېمەكلىكنى زەھەرلىك، زىيانلىق بۇيۇملار بىلەن بىللە توشۇماسلىق؛

(7) بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ كىچىك ئورۇسى بولۇش ياكى زەھەرسىز، پاكىز ئورۇ ماتېرىيال، قاچا–قۇچىلارنى ئىشلىتىش؛

(8) يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە يىمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان كىشىلەر شەخسىي تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقاندا قولنى پاكىز يۇيۇپ، پاكىز ئىش كىيىمى ۋە بۆكى كىيىشى؛ ئورۇسى يوق بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىكلەرنى ساتقاندا، زەھەرسىز، پاكىز جابدۇق ئىشلىتىش كېرەك؛

(9) دۆلەت بەلگىلىگەن تۇرمۇش، ئىچىملىك سۈيى تازىلىق ئۆلچىمىگە توشىدىغان سۇنى ئىشلىتىش؛

(10) ئىشلەنگەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە دورىسى ئادەمگە بىخەتەر، زىيانسىز بولۇش؛

(11) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەلەپلەر.

28 – ماددا تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) يېمەكلىك خام ئەشياسىدىن باشقا نەرسىلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان يېمەكلىك ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىدىن باشقا خىمىيىلىك ماددا ۋە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلار قوشۇپ ئىشلەپ چىقىرىلغان يېمەكلىك ۋە ياكى يىغىۋېلىنغان يېمەكلىكلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان يېمەكلىكلەر؛

(2) كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزم، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، ھايۋانات دورىسى قالدۇقى، ئېغىر مېتال، بۇلغىما ۋە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ماددىلارنىڭ مىقدارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنىڭ مىقدار چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛

(3) ئوزۇقلۇق تەركىبى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان بوۋاقلار، بالىلار ۋە باشقا مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكى؛

(4) بۇزۇلۇپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن، پۇراپ، ئېچىپ قالغان، كۆكىرىپ قۇرتلاپ كەتكەن، مەينەتلىشىپ كەتكەن، غەيرىي نەرسىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن، يالغان نەرسىلەر، باشقا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان ياكى سەسكەندۈرىدىغان يېمەكلىكلەر؛

(5) كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قۇش، چارۋا، ياۋايى ھايۋان، سۇ مەھسۇلات ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى؛

(6) ھايۋانات ساغلاملىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى كارانتىن قىلمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن گۆش ياكى پرىيوم قىلىنمىغان ۋەياكى پرىيومدىن ئۆتەلمىگەن گۆش ياسالمىلىرى؛

(7) ئورۇ ماتېرىيالى، قاچىسى، توشۇش قورالى قاتارلىقلاردىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەر؛

(8) سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛

(9) ئالدىن ئورالغان يارلىقسىز يېمەكلىكلەر؛

(10) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى بۇيرۇق بىلەن مەنئى قىلغان يېمەكلىكلەر؛

(11) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ياكى تەلىپىگە توشمايدىغان باشقا يېمەكلىكلەر.

29–ماددا دۆلەت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىدە ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىشىدا، ئوبوروتىدا ۋە يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتىدە قانۇن بويىچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى، يېمەكلىك ئوبوروت ئىجازىتى، يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئالغان يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىدا ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىكنى ساتىدىغانلىرى يېمەكلىك ئوبوروت ئىجازىتى ئالمىسىمۇ بولىدۇ؛ يېمەك– ىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازىتى ئالغان يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت سورۇنىدا ئۆزى ئىشلىگەن، پىششىقلىغان يېمەكلىكىنى ساتىدىغانلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ۋە ئوبوروت ئىجازىتى ئالمىسىمۇ بولىدۇ؛ دېھقانلاردىن ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتىنى ساتىدىغانلىرى يېمەكلىك ئوبوروت ئىجازىتى ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–پىششىقلاش دۇكانلىرى ۋە يېمەكلىك يايمىچىلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمى ۋە شەرتىگە لايىق كېلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىك تەلىپىگە يەتكۈزۈشى، ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكىنىڭ پاكىز، زەھەرسىز، زىيانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

30–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش دۇكانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛ يېمەكلىك يايمىچىلىرىنىڭ كۆجۈم بازار، دۇكان قاتارلىق مۇقىم سورۇنلاردا تىجارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

31–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان مۇشۇ قانۇننىڭ 27–ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (4) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىدە تەلەپ قىلىنغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى، زۆرۈر تاپقاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش – تىجارەت سورۇنىنى تەكشۈرۈشى؛ بەلگىلىگەن شەرتكە توشىدىغانلىرىغا ئىجازەت بېرىشنى قارار قىلىشى؛ بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلىرىغا ئىجازەت بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

32–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت كارخانىلىرى ئۆز ئورنىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئادەم قويۇپ، ئىشلەپ چىقارغان – تىجارەت قىلىدىغان يېمەكلىكىنى ئوبدان پرىيوم قىلىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قىلىشى لازىم.

33–ماددا دۆلەت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت كارخانىسىنىڭ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە، تەلىپىگە يېتىپ، خەۋپ تەھلىلى ۋە ھالقىلىق كونترول نۇقتىسى سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

ياخشى ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسى، خەۋپ تەھلىلى ۋە ھالقىلىق كونترول نۇقتىسى سىستېمىسى ئىسپاتلىقىدىن ئۆتكەن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت كارخانىسىنى ئىسپات بەرگۈچى ئاپپارات قانۇن بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئىسپات بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان كارخانىلارغا بەرگەن ئىسپاتنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىپ، ئالاقىدار سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئىسپات بەرگۈچى ئاپپارات ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ.

34–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى كەسىپكارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئىجرا قىلىشى كېرەك. تولغاق، كېزىك، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ھەزىم يوللىرى يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە ھەرىكەتچان توبېركۇليوز، يىرىڭلىق تېرە ياللۇغى ياكى سىرغىما تېرە ياللۇغى قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتنى قىلسا بولمايدۇ.

يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان كىشىلەر ھەريىلى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى، ساغلاملىق ئىسپاتى ئالغاندىن كېيىن ئىشلىشى كېرەك.

35–ماددا يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار دېھقانچىلىق دورىسى، ئوغۇت، ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچ، ھايۋانات دورىسى، يەم–خەشەك ۋە يەم–خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى كارخانىلار ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرە تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە بولغان باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

36–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، مال بەرگۈچىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە مەھسۇلات لاياقەت ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى؛ لاياقەت ئىسپات ھۆججىتى بولمىغان يېمەكلىك خام ئەشياسىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە پرىيوم قىلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقى ياكى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كىرگۈزگەن يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش خاتىرە تۈزۈمى ئورنىتىپ، يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، مال بەرگۈچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئۇنى كىرگۈزگەن ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

كىرگۈزگەن يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشتىن ئەينەن خاتىرە قالدۇرۇش، خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىق كېرەك.

37–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېمەكلىكنى زاۋۇتتىن چىقىرىشتا پرىيوم خاتىرە تۈزۈمى ئورنىتىشى، زاۋۇتتىن چىقىدىغان يېمەكلىكنىڭ پرىيوم لاياقەتنامىسى ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە يېمەكلىكنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى، ئىشلەپچىقىرىش تۈركۈم نومۇرى، پرىيوم لاياقەتنامىسىنىڭ نومۇرى، مال سېتىۋالغۇچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ساتقان ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

زاۋۇتتىن چىققان يېمەكلىكنىڭ پرىيوم خاتىرىسى ئەينەن بولۇش، خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىق كېرەك.

38–ماددا يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىكى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى پرىيوم قىلىشى، پرىيومدىن ئۆتكەنلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىشى ياكى سېتىشى كېرەك.

39–ماددا يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىشتا، ساتقۇچىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە يېمەكلىك لاياقەت ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

يېمەكلىك تىجارەت كارخانىلىرى كىرگۈزىدىغان يېمەكلىكنى تەكشۈرۈش خاتىرە تۈزۈمى ئورنىتىپ يېمەكلىكنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىش تۈركۈم نومۇرى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ساتقۇچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئۇنى كىرگۈزگەن ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

كىرگۈزىدىغان يېمەكلىكنى تەكشۈرۈشتىن ئەينەن خاتىرە قالدۇرۇش، خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىق كېرەك.

بىر تۇتاش يەتكۈزۈپ بېرىش تىجارەت ئۇسۇلىنى يولغا قويغان يېمەكلىك تىجارەت كارخانىلىرىدا مال بەرگۈچىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە يېمەكلىك لاياقەت ئىسپات ھۆججىتىنى كارخانا باش شتابى بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ، كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىكنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قالدۇرسا بولىدۇ.

40–ماددا يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى يېمەكلىكلەرنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە ساقلىشى، ئىسكىلاتتىكى يېمەكلىكلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ياكى سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى كېرەك.

41–ماددا يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى پارچە يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا، يېمەكلىك ساقلىغان ئورۇنغا يېمەكلىكنىڭ نامى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىشلەپ چىقارغۇچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.

يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى پارچە يېمەكلىكلەرنى سېتىشتا، پارچە يېمەكلىكلەر قاچىلانغان قاچىغا ۋە تاشقى ئورۇسىغا يېمەكلىكنىڭ نامى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىنىڭ نامى شۇنىڭدەك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.

42–ماددا ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئورۇسىدا يارلىق بولۇشى كېرەك. يارلىققا تۆۋەندىكىلەرنى يېزىش كېرەك:

(1) نامى، ئۆلچىمى، ساپ ئېغىرلىقى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى؛

(2) تەركىبى ياكى ماتېرىيالنىڭ جەدۋىلى؛

(3) ئىشلەپ چىقارغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى؛

(4) سۈپەت كاپالەت مۇددىتى؛

(5) مەھسۇلات ئۆلچىمىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى؛

(6) ساقلاش شارائىتى؛

(7) ئىشلەتكەن يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى ئورتاق نامى؛

(8) ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى؛

(9) قانۇن–نىزاملار ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدە يېزىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.

بوۋاقلار، بالىلار ۋە باشقا مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكىنىڭ يارلىقىغا ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە ئۇنىڭ مىقدارىنى يېزىپ قويۇش كېرەك.

43–ماددا دۆلەت يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلەپ چىقىرىشتا ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى، تەرتىپى دۆلەتنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

44–ماددا يېمەكلىك يېڭى خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يېڭى تۈرى ۋە يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭى تۈرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلسە ئىجازەت بېرىشنى قانۇن بويىچە قارار قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئىجازەت بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

45 – ماددا يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلىتىش تېخنىكا جەھەتتە زۆرۈر بولسا ھەمدە خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش ئارقىلىق بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تېخنىكا زۆرۈرلۈكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە مىقدارىنىڭ ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ تۇرۇشى كېرەك.

46–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يېمەكلىك خۇرۇچىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىدىكى يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە مىقدارى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك؛ يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىشتا، يېمەكلىك خۇرۇچىدىن باشقا خىمىيىلىك ماددا ۋە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

47–ماددا يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى ۋە ئورۇسى بولۇشى كېرەك. يارلىق ۋە چۈشەندۈرمىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 42- ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (6) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا ۋە (8)، (9) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى شۇنىڭدەك يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى، مىقدارى، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى ئېنىق يېزىش كېرەك، ھەمدە يارلىقىغا «يېمەكلىك خۇرۇچى» دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇش كېرەك.

48–ماددا يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرمىسىدە ساختا، كۆپتۈرمە مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىغا دائىر مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يارلىق ۋە چۈشەندۈرمىگە يېزىلغان مەزمۇنلارغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يارلىقى ۋە چۈشەندۈرمىسى ئېنىق، روشەن، پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.

يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچى يارلىقى ۋە چۈشەندۈرمىسىدە يېزىلغىنىدەك چىقمىسا بازارغا سېلىپ سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

49–ماددا يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەكلىك يارلىقىدىكى ئاگاھ بەلگىسى، ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى ياكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىكى تەلەپ بويىچە سېتىشى كېرەك.

50–ماددا ئىشلەپ چىقىرىلغان، تىجارەت قىلىنىدىغان يېمەكلىككە دورا قوشۇشقا بولمايدۇ، لېكىن، ئەنئەنە بويىچە ھەم يېمەكلىك ھەم جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولغان ماددىلارنى قوشۇشقا بولىدۇ. ئەنئەنە بويىچە ھەم يېمەكلىك ھەم جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولغان ماددىلار تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

51–ماددا سالامەتلىك ئاسراشتا مۇئەييەن رولى بار دېيىلگەن يېمەكلىكلەرنى دۆلەت قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

سالامەتلىك ئاسراشتا مۇئەييەن رولى بار دېيىلگەن يېمەكلىكلەر كىشىلەردە جىددىي، جىددىيرەك ياكى ئاستا كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىك بولماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭ يارلىقى ۋە چۈشەندۈرمىسىدە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولى تىلغا ئېلىنماسلىقى، مەزمۇنى چىن بولۇشى، قانداق كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقى، قانداق كىشىلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، ئۈنۈملۈك تەركىبى ياكى سىمۋوللۇق تەركىبى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى قاتارلىقلارنى يېزىپ قويۇش كېرەك؛ مەھسۇلاتنىڭ رولى ۋە تەركىبى يارلىقى ۋە چۈشەندۈرمىسى بىلەن بىردەك بولۇشى شەرت.

52–ماددا كۆجۈم بازار ئاچقۇچىلار، پەشتاختا ئىجارە بەرگۈچىلەر ۋە يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بازارغا كىرىدىغان يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى، بازارغا كىرىدىغان يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، بازارغا كىرگەن يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت مۇھىتى ۋە شارائىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى سەزسە، ۋاقتىدا توسۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ياكى يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

كۆجۈم بازار ئاچقۇچىلار، پەشتاختا ئىجارە بەرگۈچىلەر ۋە يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن شۇ بازاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرسە، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

53–ماددا دۆلەت يېمەكلىكنى قايتۇرۇپ كېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىكىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى سەزسە، ئىشلەپچىقىرىشنى دەرھال توختىتىشى، بازارغا سېلىپ سېتىلغان يېمەكلىكىنى قايتۇرۇپ كېلىشى، ئالاقىدار ئىشلەپ چىقارغۇچى، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى ئۆزى تىجارەت قىلغان يېمەكلىكنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى سەزسە، تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشى، ئالاقىدار ئىشلەپ چىقارغۇچى، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تىجارەتنى توختىتىش ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك. يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك دەپ قارىغانلىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار قايتۇرۇپ كېلىنگەن يېمەكلىكنى ئوڭشاش، زەھەرسىزلەندۈرۈش، كۆيدۈرۈۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ھەمدە يېمەكلىكنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمىغان يېمەكلىكنى قايتۇرۇپ كەلمىگەن ياكى تىجارىتىنى توختاتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياكى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

54–ماددا يېمەكلىك ئېلانىنىڭ مەزمۇنى چىن، قانۇنلۇق بولۇشى، ساختا، كۆپتۈرمە مەزمۇنلار ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولى تىلغا ئېلىنماسلىقى كېرەك.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ياكى يېمەكلىك پرىيوم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئاپپارات، يېمەكلىك ساھە جەمئىيىتى ۋە ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يېمەكلىكنى ئىستېمالچىلارغا ئېلان ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن تونۇشتۇرسا بولمايدۇ.

55–ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلات، شەخسلەردىن ساختا ئېلانلاردا ئىستېمالچىلارغا يېمەكلىك تونۇشتۇرۇپ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

56–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىكنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىش، يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

5–باب يېمەكلىك پرىيومى

57–ماددا يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ساپاسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، يېمەكلىك پرىيومى قىلسا بولىدۇ. لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتىنىڭ ساپاسىنى بېكىتىش شەرتى ۋە پرىيوم قىلىش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ياكى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن يېمەكلىك پىرىيوم ئاپپاراتى يېمەكلىك پرىيوم پائالىيىتىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە قىلىۋەرسە بولىدۇ.

58–ماددا يېمەكلىكنى يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتى بېكىتكەن پرىيومچى مۇستەقىل پرىيوم قىلىدۇ.

پرىيومچى يېمەكلىكنى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە پرىيوم قائىدىسى بويىچە پرىيوم قىلىپ، ئىلىم–پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، پرىيوم سانلىق مەلۇماتى ۋە يەكۈنىنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ساختا پرىيوم دوكلاتى بەرمەسلىكى كېرەك.

59–ماددا يېمەكلىك پرىيومىدا يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتى بىلەن پرىيومچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. يېمەكلىك پرىيوم دوكلاتىغا يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتى تامغا بېسىشى ھەمدە پرىيومچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك. يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتى ۋە پرىيومچى ئۆزىنىڭ يېمەكلىك پرىيوم دوكلاتىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

60–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق يېمەكلىك پرىيومىنى كەچۈرۈم قىلسا بولمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىكنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ئەۋرىشكە ئېلىپ پرىيوم قىلىشى كېرەك. ئەۋرىشكە ئېلىپ پرىيوم قىلىشتا ئەۋرىشكىنى سېتىۋېلىشى، پرىيوم ھەققى ۋە باشقا ھەقلەرنى ئالماسلىقى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن ئىجرا قىلىشتا يېمەكلىكنى پرىيوم قىلىشقا توغرا كەلسە، پرىيوم قىلىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى تۆلىشى كېرەك. پىرىيوم يەكۈنىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قانۇن بويىچە قايتا پىرىيوم قىلدۇرسا بولىدۇ.

61–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت كارخانىسى ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىكىنى ئۆزى پرىيوم قىلسا بولىدۇ، پرىيوم قىلىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

يېمەكلىك ساھە جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئىستېمالچىلاردىن يېمەكلىكنى پرىيوم قىلىشنى يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىدىغانلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

6–باب يېمەكلىك ئىمپورت–ئېكسپورتى

62–ماددا ئىمپورت يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى شۇنىڭدەك يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك.

ئىمپورت يېمەكلىك چېگرا پرىيوم–كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ پرىيومىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاموژنا ئۇنى چېگرا پرىيوم–كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

63–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغان يېمەكلىكنى ئىمپورت قىلىدىغان ياكى يېمەكلىك خۇرۇچى يېڭى تۈرى، يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تۈرلەرنى تۇنجى ئىمپورت قىلىدىغان ئىمپورتچى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىكىنى باھالاشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 44– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىجازەت قىلىش–قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىپ دۆلەت ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك.

64–ماددا چېگرا سىرتىدا يۈز بەرگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسى دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىدە تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغاندا ياكى ئىمپورت يېمەكلىكتە ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى بايقالغاندا، دۆلەت چېگرا پرىيوم–كارانتىن تارمىقى خەۋپ–خەتەر سىگنالى بېرىش تەدبىرى ياكى تىزگىنلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. خەۋەر تاپقان تارماق ۋاقتىدا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

65–ماددا دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىگە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان ئېكسپورتچى ياكى ۋاكالەتچى دۆلەت چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىگە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى دۆلەت چېگرا پرىيوم–كارانتىن تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت چېگرا پرىيوم–كارانتىن تارمىقى ئەنگە ئالدۇرغان ئېكسپورتچى، ۋاكالەتچى ۋە رويخەتكە ئالدۇرغان چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

66–ماددا ئىمپورت قىلىنىدىغان ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكنىڭ خەنزۇچە يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بولۇشى كېرەك. يارلىق ۋە چۈشەندۈرمە مۇشۇ قانۇن شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئۇنىڭغا يېمەكلىكنىڭ ئەسلى ئىشلەنگەن جايى شۇنىڭدەك چېگرا ئىچىدىكى ۋاكالەتچىنىڭ نامى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلغان بولۇشى كېرەك. ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەردىن خەنزۇچە يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بولمىغان ياكى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.

67–ماددا ئىمپورتچى ئىمپورت قىلغان، ساتقان يېمەكلىكنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىكنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىمپورت تۈركۈم نومۇرى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئېكسپورتچى ۋە سېتىۋالغۇچىنىڭ نامى شۇنىڭدەك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مال تاپشۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

ئىمپورت قىلىنغان ۋە سېتىلغان يېمەكلىك خاتىرىسى چىن بولۇشى، ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

68–ماددا ئېكسپورت يېمەكلىكنى چېگرا پرىيوم–كارانتىن ئاپپاراتى نازارەت قىلىدۇ، ئارىلاپ پرىيوم قىلىدۇ، تاموژنا ئۇنى چېگرا پرىيوم– كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.

ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە ئېكسپورت يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنى تېرىش، بېقىش مەيدانلىرىنى دۆلەتنىڭ چېگرا پرىيوم –كارانتىن تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

69–ماددا دۆلەتنىڭ چېگرا پرىيوم–كارانتىن تارمىقى ئىمپورت–ئېكسپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماق، ئاپپارات ۋە كارخانىلارنى ئۇنىڭدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت چېگرا پرىيوم–كارانتىن تارمىقى يېمەكلىكنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىدىغان ئىمپورتچى، ئېكسپورتچى ۋە ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئۈچۈن ئىناۋەت خاتىرىسى تۇتۇشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ناچارلار تىزىمىغا كىرىپ قالغان ئىمپورتچى، ئېكسپورتچى ۋە ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت، ئېكسپورت يېمەكلىكىنىڭ پرىيوم، كارانتىنىنى كۈچەيتىش كېرەك.

7–باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

70–ماددا دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى بويىچە شۇنىڭدەك شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى چىقىرىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت كارخانىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ، شۇ كارخانىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.

71–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئورۇنلار ھادىسىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئورۇنلار ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى بايقىغان ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە دائىر پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى دەرھال خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا، ئالاقىدار دەلىل–ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

72–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشى كېرەك:

(1) جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەش، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىدە جىسمانىي جەھەتتە زەخىملەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇش، داۋالاشقا دەرھال تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛

(2) يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىك ۋە ئۇنىڭ خام ئەشياسىنى پېچەتلەش ھەمدە دەرھال پرىيوم قىلىش؛ يېمەكلىك ۋە ئۇنىڭ خام ئەشياسىنىڭ بۇلغانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 53–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ يېمەكلىك ۋە ئۇنىڭ خام ئەشياسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە، سېتىشنى توختىتىشقا ھەمدە كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇش؛

(3) بۇلغانغان يېمەكلىككە ئىشلىتىلگەن سايمان ۋە جابدۇقنى پېچەتلەش ھەمدە يۇيۇپ دېزىنفېكسىيىلەشكە بۇيرۇش؛

(4) ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى شۇنىڭدەك ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلىش ھەمدە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان خەۋپنى چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش.

ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنى دەرھال قۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يولغا قويۇپ، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

73–ماددا ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ھادىسە جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دەرھال تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ھادىسە جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دوكلاتى سۇنۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى ئىككىدىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە چېتىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ھادىسە جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈشكە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەيدۇ.

74–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھادىسە نەق مەيدانىنى گېگىنىلىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە ئالاقىدار ئامىللارنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.

75–ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشتە، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىقلىغاندىن باشقا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىسپات بېرىش مەسئۇلىيىتى بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، ئىسپات بېرىش ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ئەھۋالىنىمۇ ئېنىقلاش كېرەك.

8–باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

76–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يىللىق پىلانىنى چىقىرىشقا ھەمدە يىللىق پىلان بويىچە خىزمەت ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ.

77–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنىغا كىرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش؛

(2) ئىشلەپ چىقىرىلغان، تىجارەت قىلىنغان يېمەكلىكنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش؛

(3) ئالاقىدار توختام، ۋېكسىل، ھېسابات دەپتىرى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

(4) يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپات بولغان يېمەكلىكنى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىلگەن يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن سايمان، ئۈسكۈنە ياكى بۇلغانغان سايمان، ئۈسكۈنىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(5) قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان سورۇننى پېچەتلەش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

78–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى، تىجارەتچىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر ۋە يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ.

79–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى، تىجارەتچىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئىجازەت بېرىش ئەھۋالى، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىناۋەت ئارخىپىدىكى خاتىرىگە ئاساسەن، ناچار ئىناۋەت تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قېتىمىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

80–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تاپشۇرۇۋالغان مەسلىھەت سوراش ماتېرىيالى، ئەرز، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىدىن ئۆز تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى، ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئۆز تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىرىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماق بىر–بىرىگە ئىتتىرىپ قويماي ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى ھېسابلىنىدىغانلىرىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 7–بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

81–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىشى؛ ئىشلەپچىقارغۇچىلار – تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ بىر قىلمىشى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇشتەك مەمۇرىي جازا بەرمەسلىكى؛ جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ گۇمان قىلىنغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

82–ماددا دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ:

(1) دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ئەھۋالى؛

(2) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش ئۇچۇرى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىگە دائىر سىگنال ئۇچۇرى؛

(3) ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرى؛

(4) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر باشقا مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە گوۋۇيۈەن بىر تۇتاش ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بېكىتكەن باشقا ئۇچۇرلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (3) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن تەسىرى مۇئەييەن رايون بىلەن چەكلىنىدىغانلىرىنى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئېلان قىلىدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ئۇچۇرنى توغرا، ۋاقتىدا، ئەينەن ئېلان قىلىشى كېرەك.

83–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 82–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدا بىر تۇتاش ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئۇچۇرنى بىلگەندە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىدىن بىر بىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

9–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

84–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغانلارنى ياكى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەپ چىقارغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن جابدۇق، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا قاتارلىق بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكىنىڭ، يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

85–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكى ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەش، تىجارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن سايمان، ئۈسكۈنە، خام ئەشياسى قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) يېمەكلىك خام ئەشياسىدىن باشقا نەرسە بىلەن يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغان ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىدىن باشقا خىمىيىلىك ماددا ۋە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلارنى يېمەكلىككە قوشقان ۋە ياكى يىغىۋېلىنغان يېمەكلىكلەرنى خام ئەشيا قىلىپ يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغانلار؛

(2) كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، ھايۋانات دورىسى قالدۇقى، ئېغىر مېتال، بۇلغىما ۋە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىق باشقا ماددىلارنىڭ مىقدارى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ مىقدار چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكنى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغانلار؛

(3) ئوزۇقلۇق تەركىبى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان بوۋاقلار – بالىلار ۋە باشقا مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغانلار؛

(4) بۇزۇلۇپ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، پۇراپ قالغان، كۆكىرىپ قۇرتلاپ كەتكەن، مەينەتلىشىپ كەتكەن، غەيرىي نەرسىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن، يالغان نەرسىلەر، باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان ياكى سەسكەندۈرىدىغان يېمەكلىكنى تىجارەت قىلغانلار؛

(5) كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قۇش، چارۋا، ياۋايى ھايۋان، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۆشىنى تىجارەت قىلغانلار ياكى كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ۋە ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قۇش، چارۋا، ياۋايى ھايۋان، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۆشىنى پىششىقلىغان، تىجارەت قىلغانلار؛

(6) ھايۋانات ساغلاملىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى كارانتىن قىلمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تىجارەت قىلغانلار ۋە ياكى پرىيوم قىلىنمىغان ياكى پرىيومدىن ئۆتەلمىگەن گۆش ياسالمىلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغانلار؛

(7) سۈپەت كاپالەت مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى تىجارەت قىلغانلار؛

(8) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى بۇيرۇق بىلەن مەنئى قىلغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغانلار؛

(9) يېمەكلىك يېڭى خام ئەشياسىدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتا ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يېڭى تۈرى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا بىخەتەرلىكىنى باھالاتمىغانلار؛

(10) يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن ئالاقىدار مەسئۇل تارماق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن يېمەكلىكىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياكى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇغان بولسىمۇ قايتۇرۇپ كەلمىگەن ياكى تىجارىتىنى توختاتمىغانلىرى.

86–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلەتكەن جابدۇق، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان يېمەكلىكىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش–تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھەتتا ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) ئورۇ ماتېرىيالى، قاچىسى، ترانسپورت قورالى قاتارلىقلاردىن بۇلغانغان يېمەكلىكنى تىجارەت قىلغانلار؛

(2) يارلىقى بولمىغان ئالدىن ئورالغان يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى ياكى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغانلار؛

(3) يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان، ئىشلەتكەنلەر؛

(4) يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلىرىدىن يېمەكلىككە دورا قوشقانلار.

87–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش–تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھەتتا ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) سېتىۋالغان يېمەكلىك خام ئەشياسى ۋە ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى پرىيوم قىلدۇرمىغانلار؛

(2) تەكشۈرۈش–خاتىرىلەش تۈزۈمى، زاۋۇتتىن چىقىرىش پرىيوم–خاتىرە تۈزۈمىنى ئورناتمىغان ھەمدە ئۇنىڭغا رىئايە قىلمىغانلار؛

(3) كارخانىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛

(4) يېمەكلىكنى ساقلاش، سېتىش ياكى ئىسكىلاتتىكى يېمەكلىكنى ئېنىقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) مال كىرگۈزگەندە ئىجازەتنامىسىنى ياكى ئالاقىدار ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرمىگەنلەر؛

(6) ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرمىسىدە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولىنى تىلغا ئالغانلار؛

(7) مۇشۇ قانۇننىڭ 34–ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىك بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلار.

88–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇنلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىدىن كېيىنمۇ بىر تەرەپ قىلمىغان، مەلۇم قىلمىغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئالاقىدار ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەنلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

89–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 85– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكنى ئىمپورت قىلغانلار؛

(2) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدە دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغان يېمەكلىكنى ئىمپورت قىلغان ياكى يېمەكلىك خۇرۇچى يېڭى تۈرى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتنىڭ يېڭى تۈرىنى تۇنجى قېتىم ئىمپورت قىلغاندا، بىخەتەرلىكىنى باھالاتمىغانلار؛

(3) ئېكسپورتچىلاردىن يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېمەكلىك ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىش خاتىرىسى تۈزۈمىنى ئورناتمىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ئېكسپورتچىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 87–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

90–ماددا كۆجۈم بازار ئاچقۇچى، پۇكەي ئىجارە بەرگۈچى، يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامە ئالمىغان يېمەكلىك ساتقۇچىلارنى بازاردا يېمەكلىك سېتىشقا رۇخسەت قىلغانلار ياكى تەكشۈرۈش، مەلۇم قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

91–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلىپ، يېمەكلىكنى تەلەپ بويىچە توشىمىغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

92–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك ئوبوروت ئىجازەتنامىسى ياكى يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىنىڭ جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلىشقا بولمايدىغانلارنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى، تىجارىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

93–ماددا يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتلىرى ۋە يېمەكلىك پرىيومچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساختا پرىيوم دوكلاتى چىقارغانلىرىنىڭ پرىيوم قىلىش سالاھىيىتىنى سالاھىيەت بەرگۈچى مەسئۇل تارماق ياكى ئاپپارات بىكار قىلىدۇ؛ پرىيوم ئاپپاراتىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە يېمەكلىك پرىيومچىسىغا قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايى جازاغا تارتىلغان ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلگەن يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتى خادىملىرى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئون يىل ئىچىدە يېمەكلىك پرىيوم خىزمىتىنى قىلسا بولمايدۇ. يېمەكلىك پرىيوم ئاپپاراتلىرىدىن يېمەكلىك پرىيوم خىزمىتى قىلسا بولمايدىغانلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەنلىرىنىڭ پرىيوم قىلىش سالاھىيىتىنى سالاھىيەت بەرگۈچى مەسئۇل تارماق ياكى ئاپپارات بىكار قىلىدۇ.

94–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندا يېمەكلىك سۈپىتىنى ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ياكى يېمەكلىكنى پرىيوم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئاپپارات، يېمەكلىك ساھە جەمئىيىتى، ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا يېمەكلىكنى ئېلان بېرىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق تونۇشتۇرغان بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرىدۇ.

95–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئېغىر دەرىجىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى، ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى سەۋەنلىك ئەيىبىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

96–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي جەھەتتە ۋە مال–مۈلۈك جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتلەردە زىيان سالغان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىكنى ئىشلەپ چىقارغان ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يىمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئىستېمالچىلار زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ئىشلەپ چىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىدىن مال پۇلىنىڭ ئون ھەسسىسىگە تەڭ تۆلەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

97–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان، جەرىمانە، شتراپ تاپشۇرىدىغانلارنىڭ مال–مۈلكى ئۇنى بىرلا ۋاقىتتا تۆلەشكە چىقىش قىلمىغاندا، ئاۋۋال ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

98–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

10–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

99–ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز–ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

يېمەكلىك يېگىلى ۋە ئىچكىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيا شۇنىڭدەك ئەنئەنە بويىچە ھەم يېمەكلىك ھەم دورا بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن، داۋالاشنى مەقسەت قىلغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى زەھەرسىز، زىيانسىز بولغان، تېگىشلىك ئوزۇقلۇق تەلىپىگە توشىدىغان، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە جىددىي، جىددىيرەك، ئاستا خەۋپى بولمىغان يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ئوراقلىق يېمەكلىك بەلگىلىك مىقداردا ئالدىن ئورۇلىدىغان ياكى ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچىسىغا قوشۇپ ياسىلىدىغان يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىك خۇرۇچى يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ۋە رەڭگى، پۇرىقى، تەمىنى ياخشىلاش ھەمدە يېمەكلىكنى سېسىشتىن ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ۋە پىششىقلاش ئېھتىياجى بىلەن، يېمەكلىككە قوشىدىغان سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ماددا ياكى تەبىئىي ماددىنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىك ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچا يېمەكلىكنى ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئوراشقا، قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز، قۇمۇش، ياغاچ، مېتال، ئېمال، ساپال، سۇلياۋ، كاۋچۇك، تەبىئىي تالا، خىمىيىلىك تالا، ئەينەك قاتارلىق ياسالمىلار ۋە يېمەكلىككە ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىغا بىۋاسىتە تېگىپ تۇرىدىغان سۇۋالغۇنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىلىش سايمىنى، ئۈسكۈنىسى يېمەكلىك ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا، يېمەكلىك ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىغا بىۋاسىتە تېگىپ تۇرىدىغان ماشىنا، تۇرۇبا يولى، يەتكۈزۈش تاسمىسى، قاچا، سايمان ۋە قاچا – قۇچا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە دورىسى يېمەكلىك، يېمەك–ئىچمەك قاچىسى ۋە يېمەكلىككە بىۋاسىتە تېگىپ تۇرىدىغان جابدۇق، ئۈسكۈنە ياكى يېمەكلىك ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچىنى يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيىلەشكە بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغان ماددىنى كۆرسىتىدۇ.

سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكنىڭ يارلىقىدا كۆرسىتىلگەن ساقلاش شارائىتىدا يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ تۇرۇش مۇددىتىنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىكتىن پەيدا بولغان كېسەل يېمەكلىكتىكى كېسەل پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئادەم بەدىنىگە كىرىپ يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغان ياكى تەركىبىدە زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بولغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن جىددىي، جىددىيرەك كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، يېمەكلىكتىن پەيدا بولغان كېسەل، يېمەكلىك بۇلغىنىش قاتارلىق يېمەكلىكتىن كېلىپ چىققان، ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بولغان ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

100–ماددا يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى مۇناسىپ ئىجازەتنامىنى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئالغان بولسا، شۇ ئىجازەتنامە كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.

101–ماددا سۈت مەھسۇلاتى، گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، چوشقا سويۇش، ھاراق ۋە ئاش تۇزى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

102–ماددا تۆمۈر يول ترانسپورتىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن چىقىرىدۇ.

ئارمىيە مەخسۇس يېمەكلىكى ۋە ئۆزى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن چىقىرىدۇ.

103–ماددا گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشىسە بولىدۇ.

104–ماددا بۇ قانۇن 2009–يىلى 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى قانۇنى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1885305.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#