ئاتوم بومبا

ئاتوم بومبا

ئاتوم بومبا − تالاپەتلەندۈرۈش كۈچى ناھايىتى چوڭ ياراغ.ئاتوم بومبا، ئاساسەن، يادرو يېقىلغۇسى، پارتلىتىش دورىسى، نېيترون مەنبەسى ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاتوم بومبا
چەتئەلچە نامى Atomic bomb
خەنزۇچە نامى 原子弹

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتوم بومبائاتوم بومبا − تالاپەتلەندۈرۈش كۈچى ناھايىتى چوڭ ياراغ. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خىروسىما شەھىرىگە كىچىككىنە ئاتوم بومبىسىنى تاشلاپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسى بار شەھەرنى ھەش-پەش دېگۈچە خارابىلەشتۈردى. ئۈچ كۈندىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ناگاساكى شەھىرىمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولدى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خىروسىمادىكى 245 مىڭ ئادەمدىن ئۆلگەن، يارىلانغان، غايىب بولغانلار 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن، ناگاساكىدىكى 230 مىڭ ئادەمدىن ئۆلگەن، يارىلانغان، غايىب بولغانلار 150 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئىككى شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇش دەرىجىسى %60 −%80 كە يېتىدىكەن. 

ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتىلىشىئاتوم بومبا، ئاساسەن، يادرو يېقىلغۇسى، پارتلىتىش دورىسى، نېيترون مەنبەسى ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. پارتلىغاندا ئاۋۋال پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئوت ئېلىپ، ھەرقايسى پارتلىتىش دورا بۆلەكلىرى بىرلا ۋاقىتتا پارتلاپ، ناھايىتى زور بېسىم ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭدەك تېزدىن مەركەزگە يىغىلىپ، يادرو يېقىلغۇسىنى ناھايىتى تېزلا بىر يەرگە يىغىپ، نېيتروننىڭ تەسىرىدە، زەنجىرسىمان رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، ھەش-پەش دېگۈچە نەچچە 10 مىليون گرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە نەچچە مىليون ئاتموسفېرا بېسىمى پەيدا بولۇپ، كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىدۇ.

ئادەتتىكى بومبىلار ئاساسەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئارقىلىق كۆيدۈرىدۇ ۋە ئوق پارچىلىرى بىلەن زەخىملەندۈرىدۇ، ھالبۇكى، ئاتوم بومبىنىڭ نۇر رادىئاتسىيىسى، زەربە دولقۇنى، دەسلەپكى مەزگىللىك يادرو رادىئاتسىيىسى، ئېلېكتروماگنىت ئىمپۇلسى ۋە رادىئوئاكتىپلىق بۇلغاشتىن ئىبارەت 5 خىل ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش كۈچى بار. بۇ ئامىللار ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسىر دائىرىسى 30 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#