ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

بۇ ئۇرۇش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئالجىرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۇرۇشى.

نامى ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
ئورنى ئالجىرىيە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿尔及利亚民族解放战争
نەتىجىسى ئالجىرىيە مۇستەقىل بولدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى1830-يىلى فرانسىيە ئالجىرىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىدى ۋە ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكە قىلىش ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، 1905-يىلى پۈتۈن ئالجىرىيە زېمىنىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. ئالجىرىيە خەلقى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئالجىرىيە زېمىنىگە دەسسىگەن كۈندىن ئېتىبارەن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى ئۈزۈلدۈرمەي كۈرەش قىلىپ كەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئالجىرىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. 1954-يىلى 8-ئايدا ئالجىرىيە ئىنقىلابچىلىرى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەرىكەت كومىسسىيىسىنى (كېيىن ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق فرونتىغا ئۆزگەرتىلدى) تەشكىللەپ، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭغا پائال تەييارلىق كۆردى.

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى1954-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى. 3000 ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاۋرس تاغلىق رايونىغا فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ بىرىنچى پاي ئوقىنى ئاتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەيۋەتلىك مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى پۈتكۈل ئالجىرىيەدە جۇشقۇن قانات يېيىپ كەتتى. دەسلەپتە قوزغىلاڭ مەركىزى تۇنىسقا يېقىن ئاۋرىس تاغلىق رايونى ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويلىرىدىكى چوڭ كابىلىيە تاغلىق رايونى ئىدى. مىللىي ئازادلىق ئارمىيە جانلىق پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنىنىڭ تۈرلۈك «ئومۇمىيۈزلۈك قورشاپ يوقىتىش» لىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تارمار قىلدى. 1956-يىلى مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى ئۇلغىيىپ، 100 مىڭ كىشىگە يەتتى. تايانچ بازىلىرىمۇ پەيدىنپەي بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتتى.

1957-يىلى 3-ئايدىن ئېتىبارەن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش جەنۇبتىكى سەھرايى كەبىر رايونىغىچە كېڭەيدى. ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى شىمالىي ئافرىقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق دولقۇنىنىڭ كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. فرانسىيە ئەسكىرى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالجىرىيە خەلقىنىڭ كۈرىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، 1956-يىلى 3-ئايدا ماراكەش ۋە تونسىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. ئالجىرىيىنىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئورنىنى ۋە بۇ يەردىن ئېرىشىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى «فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى» دىن ئىبارەت بۇ دىياردىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچەلمەيتتى. شۇڭا، ئالجىرىيە جەڭ مەيدانىغا نۇرغۇن ئەسكىرى كۈچىنى سالدى. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالجىرىيىدىكى ئادەم سانى 1958-يىلى 600 مىڭ كىشىگە، كېيىن يەنە كۆپىيىپ 800 مىڭ كىشىگە يېتىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقراقىنى تەشكىل قىلدى. ھالبۇكى، مىللىي ئازادلىق ئارمىيە پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ 3 تىن 2 قىسىمىنى ئازاد قىلىندى.

1958-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى بولسا مىللىي ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باتۇرانە كۈرۈشىنى «نۇقتىلىق قورشاپ يوقىتىش» تىن «ئومۇمىيۈزلۈك قورشاپ يوقىتىش» قا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى. فرانسىيە ئارمىيىسى جەڭ مەيدانىدىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىستىراتېگىيىلىك ئورنىدىن پەيدىنپەي مەھرۇم بولغانلىقتىن ئەڭ ئاخىرىدا «تايانچ پونكىتلارنى مەھكەم ساقلاش، ئومۇمىيۈزلۈك قامال قىلىش» ئىستىراتېگىيىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى.

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىخەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق ياردەم بېرىشى ئاستىدا، ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قورال-ياراقلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فرانسىيە ئىشغالىيەت رايونىدا نامايىش قىلىش، ئىش تاشلاش قاتارلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. 1959-يىلى 10-ئايدا، دېگول ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئالجىرىيەدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلدى. 1962-يىلى 3-ئايدا، فرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى فرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى ئېۋىئان شەھىرى كېلىشىم ئىمزالىدى. فىرانسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى «قانۇنلۇق يېڭى سىياسىي تەشكىلات» نى ئېتىراپ قىلدى. ئالجىرىيە خەلقى مۇستەقىل بولغان-بولمىغانلىقىنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلدى. 1962-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، فرانسىيە « ئېۋىئان كېلىشىمى» ئىمزالىدى، ئالجىرىيە خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئالجىرىيە دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ئافغانىستانغا يۈرۈش ئۇرۇشى يەتتە يېرىم يىل داۋاملاشتى، ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى ئاخىرى ئاياغلاشتى.  

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىبۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە فرانسىيە ئېغىر دەرىجىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلدى، فرانسىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتىنىڭ تەختتىن قوغلاپ چۈشۈشى بىلەن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئالجىرىيىدىكى 130 يىل داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقى پاچاقلاپ تاشلىنىپلا قالماستىن، ئافرىقىدىكى فرانسىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكلەردىكى ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇلىمۇ تەۋرەپ قالدى. [0]

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#