CMS

CMS ئىنگلىزچە Content Management System نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى» دېگەن مەنىدە.

خەنزۇچە نامى 网站内容管理系统
قىسقارتىلما نامى CMS
چەتئەلچە نامى Content Management System
مەنىسى مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

CMS ئىنگلىزچە Content Management System نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى» دېگەن مەنىدە. نۆۋەتتە CMS خەۋەر، يۇمشاق دېتال، ئۇچۇر، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، شىركەت باشقۇرۇش قاتارلىق بۆلەكلەر بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى تور بېكەت پىروگراممىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا قارشى ئېلىنغان. 

phpCMS

phpCMS يېقىنداV9  سىستېمىسىنى چىقاردى، بۇ قېتىمقى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بېكەت توپىنى قوللاش، بۇ سىستېما دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ، قاچىلاش بۇرۇنقىدىن ئاددىي. چۈنكى ھازىرقى (Beta) سىناق نۇسخىسى، ئىشلەتكەن ۋە سىناق قىلغان ۋاقىتتا بەكلا تولا BUG (سىستېما يوچۇقى) كۆرۈلىدۇ، ئاچقۇچى تەرەپمۇ توختىماستىن داۋاملىق ياماق ئېلان قىلىۋاتىدۇ، بىراق يېڭى ياماقلىرىدىن BUG تېزراق چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا رەسمىي نۇسخىسىنىڭ چىقىشى ئادەمنى تولىمۇ تەقەززا قىلىدۇ.

ئەگەر بېكەت توپىغا ئېھتىياج چۈشمىسە، بېكەت قۇرۇش ئۈچۈن phpCMS2008 نى تاللاشقا تامامەن بولىدۇ.phpCMS2008  نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قېلىپلىرىدىن ئەزا، سوئال-جاۋاب، مەخسۇس تېما، مالىيە، زاكاز قىلىش، ئېلان، ئېلخەت ئوقۇش، قىسقا ئۇچۇر، پۈتۈن بېكەتتىن ئىزدەش قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئىچىدە خەۋەر، سۈرەت، چۈشۈرۈش، ئۇچۇر، مەھسۇلات قاتارلىق چوڭ مەزمۇنلۇق قېلىپلىرىمۇ بار.

ئىمپېرىيە  CMS

ئىمپېرىيە CMS تور بېكەت مەزمۇنىنى مۇھىم ھالقا قىلغان بىر ياخشى تور بېكەت پىروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 6.6.

ئىمپېرىيە CMS نىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بىلەن، قېلىپ ئىقتىدارى ۋە تەڭشەش تازا قولايلىق ئەمەس، ئاز-تولا ئىزدىنىش ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭلىق بىلەن بۇ پىروگراممىنى تەس دېيىشكە بولمايدۇ. نۆۋەتتە قۇتيار تور بېكىتى بۇ پىروگراممىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.

php168CMS

يېقىندا php168CMS  سىستېمىسى V تۈرىدىكى ۋە S تۈرىدىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈندى، ئىككى تۈر مۇستەقىل شىركەتكە تەۋە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئىلگىرىكى مۇكەممەل بېكەت سىستېمىسىنىڭ ئىسمى (齐博) چى بو CMS قا ئۆزگەرتىلدى.

php168CMS نىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ سىستېما بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تاۋارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىش شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى. لېكىن، بىزدەك شەخسىي تور بېكەت باشلىقلىرىغا نىسبەتەن قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، (齐博) چى بو CMS نىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك. چۈنكى ئۇ مۇكەممەل بېكەت سىستېمىسى، تارماق سىستېما، يەرلىك تۇرمۇش سىستېمىسى، B2B سىستېمىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. ئەگەر كارخانا تىپىدىكى بېكەت ياسىماقچى بولسىڭىز، چى بو CMS ئەڭ ياخشى تاللاش.

DedeCMS

DedeCMS نىڭ جانلىق ئەزالىرى ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭ ئەتراپلىق، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى CMS ساھەسىدە گەۋدىلىنىپ چىققان. 

بولۇپمۇ، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھـەۋەسكارلىرى بېكىتى ئىشلەتكەن «بىلەرمەن» سۇپىسى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى يېڭىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلىم ھاجەتمەنلىرىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#