كۇيا يېزىسى
كۇيا يېزىسى شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۇيا يېزىسى شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي تەرىپى ماڭلاي يېزىسى چېگرىسىغا جايلاشقان. جەنۇبىي تەرىپى بىلەن ئاقساراي يېزىسى قوشنا، غەربتە قاراساي دەرياسى بىلەن زاۋا، ئۇرچى يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي تەرىپى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 47-تۈەن مەيدانى 4-ليەن، چارۋىچىلىق ليەن قاتارلىق ئورۇن بىلەن قوشنا. يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1311 ~ 1340 مېتىر كېلىدۇ.
يېزىغا قاراشلىق 30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، كۇيا كەنتى، تەلۋىلەر كەنتى، دېھقان كەنتى، پاۋان كەنتى، سۇ ئامبار كەنتى، دەرۋىش كەنتى، قاقلىق كەنتى، قوشئېرىق كەنتى، سايات كەنتى،چىپقان كەنتى، ھالۇ كەنتى، دۈشەنبە بازار كەنتى، گۈلچى كەنتى، ئاچچىقئۆي كەنتى، ئاتئېغىل كەنتى، باش قايغۇلۇق كەنتى، ئوتتۇرا قايغۇلۇق كەنتى، ئاياغ قايغۇلۇق كەنتى، چەمەكلە كەنتى،قوشكۆۋرۈك كەنتى، يىلۋا كەنتى، گادۈي كەنتى، پاختەك كەنتى،قارىلا كەنتى،ئۈجمىلىك كەنتى، باشئاچما كەنتى، ئوتتۇرا ئاچما كەنتى، ئاياغ ئاچما كەنتى، قاتناش كەنتى قاتارلىقلار، يەنە 162 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 8416 ئاھالە، 38683 ئادەم بار.
يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سەل قىيپاش، تۇپراقنىڭ كۆپ قىسمى تىنما تۇپراق، ئاز بىر قىسىمى نەم تۇپراق، تۇپراقنىڭ سۈپىتى ياخشى، كىلىماتى ئىللىق، مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغان كىلىماتقا كىرىدۇ، ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، قىش پەسلىدە سوغوق. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپراتۇرسى ℃23.7-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃42.7. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 35.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2239.1 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى 2654.6 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 190 كۈن، ئىككىنچى پەسىللىك زىرائەت تېرىشقا ماس كېلىدۇ.
دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاشلىق، پاختا ۋە مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونى. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال، ياڭاق، قوغۇن، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنى خېلى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان، بۇ يېزا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2004-يىلىغا كەلگەندە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 8845 مو ياڭاق، 1000 مو ئۆرۈك، 3000 مو چىلان تىككەن، ئومۇمىي 17357 مو يەرگە ئورمان بىنا قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 95 مىڭ مو ئىھاتە ئورمان قىلىنغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.