بۇيا يېزىسى

بۇيا يېزىسى

بۇيا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى بۇيا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 73 كۋادرات كىلومېتىر
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37421 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 布亚乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى
نوپۇسى 31000 ئادەم
تېلېاۇن رايون نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇيا يېزىسىبۇيا يېزىسى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر، خوتەن شەھىرىنىڭ شەرقىگە ئالتە كىلومېتىر كېلدىغان جايدا، ئومۇمىي كۆلىمى 73 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37421 مو، باغۋەنچىلىك كۆلىمى 25049 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.3 مو، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولغاچقا، قۇم-بوران كۆپ، تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار. ئاھالە نوپۇسى 6856 ئائىلە، 31000 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە كەنت كادىرلىرى 179 نەپەر، مۇتلەق نامرات ئائىلىلەر 846 ئائىلە، 2994 ئادەم، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە 3938 ئائىلە، 19454 ئادەم.

بۇيا يېزىسىبۇيا يېزىسىغا قاراشلىق ھازىرقى تېتىر كەنتى، يايلىغان كەنتى، كانچى ئېرىق كەنتى، قۇم ئازما كەنتى، چالمىيا كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، دۆڭ زارەت كەنتى، باش كونزىيا كەنتى، ئالتىلە كەنتى، ئوتتۇرا كونزىيا كەنتى، خېرۋان كەنتى، ئاياغ كۆنچى كەنتى، بۇيا ئارىش كەنتى، بۇيامازار كەنتى، تامچىلار كەنتى، ئۇچلۇققۇم كەنتى، سۆگەتئېرىق كەنتى، ساي كەنتى، تامئېغىل كەنتى، ئېگىزبوستان كەنتى، تاشقىرىقى چاھارباغ كەنتى، ئىچىكىرىكى چارباغ كەنتى، باش سۇلۋا كەنتى، ئاياغ سۇلۋا كەنتى، باش شاخلىق كەنتى، ئاياغ شاخلىق كەنتى، كومال كەنتى، باغچى كەنتى قاتارلىق 28 مەمۇرىي كەنت، 137 ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

بۇيا يېزىسى2011-يىلى، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 98 مىليون 950 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، يىلىدىكىدىن %16.9 ئاشقان؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3365 يۈەن، يىلدىكىدىن 308 يۈەن ئاشقان. سىجىل بۆسۈش خاراكتېرلىك ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلۇپ، ئاشلىق ئېڭىز 48 مىڭ 400 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 20904 توننا؛ ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش 7069 ئادەم (قېتىم)، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 19 مىليون 95 مىڭ 600 يۈەن؛ يېڭى ئېسىل باغۋەنچىلىكى 800 مو، ئالاھىدە تېرىقچىلىق 4018 مو؛ چارۋىچىلىقتا يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا سانى 64573 تۇياق (دانە)، چارۋىچىلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇش 630 يۈەن. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش تەرەققىياتى، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

بۇيا يېزىسىبۇيا يېزىسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، خەلىقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىشنى  نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيەلىنىش، داۋالاش، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي كاپالەت، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەردە 700 ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، جامائەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىنى زورايتىشنى 60 يۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان. 4071 نەپەر يېزا ئاھالىسى بەھرىمەن بولۇۋاتقان شەھەر-يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىدىن بولغان، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالاش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدەنىيەت–تەنتەربىيە، مۇھىت ئاسراش، زېمىن بايلىقى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلغان.

يېزا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئىشخانا بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ «بەش كىچىك قۇرۇلۇش» ئۆزگەرتىلىپ، يېزىنىڭ ئورگان، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا دەرۋازا دىجورنىخانىسى كېڭەيتىلگەن. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى سودا بىناسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغان مېخانىزملارنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرى، پونكىت، ئىشخانا بىناسى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى تاماملانغان. 18 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن قۇرۇلغان، ماي نىسبىتى %66.7 كە يەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#