سايمىرى مايمۇنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سايمىرى مايمۇنىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-40 سانتىمېتىر، لېكىن قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 42 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. تەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 750-1100 گىرامغىچە بولىدۇ. ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە.سايمىرى مايمۇنىنىڭ تېنى ئۇزۇنچاق كەلگەن قۇيرۇقى ئۇزۇن مويلىرى قېلىن ھەم يۇمشاق، تېنى ھەرخىل رەڭلەردىن تۈزۈلگەن. بىرجۈپ كۆزى، قاڭشىرى، قۇلىقى ئاق رەڭدە، ئېغزى قارا رەڭدە، ئىككى پۇتى ۋە قولى سېرىق رەڭدە، قورساق قىسمى سۇس كۈلرەڭدە كەلگەن. ئۇنىڭ بىرجۈپ يوغان كۆزى، ۋە بىر جۈپ يوغان قۇلىقى بار.قۇيرۇقى دەرەخ شاخلىرىغا يۆگىشىپ تۇرىدۇ. سايمىرى مايمۇنى ئاساسەن جەنۇبى ئامرىكىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە كەڭ تارقالغان.
ھەرىكىتى
سايمىرى مايمۇنى ياشايدىغان ئىپتىدائىي ئورمان، ئىككىلەمچى ئورمان ۋە تېرىلغۇ رايون، ئېرىق سۈيى بولغان جايلاردا ياشايدۇ. سايمىرى مايمۇنى بولسا دەرەختە ياشايدىغان ھايۋانلار، بەزىدە يەرگە چۈشىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، ئادەتتە 10 ~ 30 بىر توپ بولۇپ ياشايدۇ، بەزىدە 100 گىمۇ يىتىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ توپ بولۇپ ياشايدۇ. ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ زېمىن دائىرىسى بار، ئۇلار شوخ، ھەرىكەتچان، ئادەتتە شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرىيدۇ.
جەمئىي تۆت كەنجى تۈرى بار.
لاتىنچە نامى | ئۇيغۇرچە نامى | |
1 | Saimiri sciureus sciureus | سايمىرى مايمۇنى بۈرگىلەر كەنجى تۈرى |
2 | Saimiri sciureus albigena | سايمىرى مايمۇنى كولومبىيە كەنجى تۈرى |
3 | Saimiri sciureus cassiquiarensis | سايمىرى مايمۇنى ئامازون كەنجى تۈرى |
4 | Saimiri sciureus macrodon | سايمىرى مايمۇنى باسىيە كەنجى تۈرى |
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئوكيان قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.