چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.كونا نامى جىئاۋئاۋ ، يەنە بىر نامى چىنداۋ ،خۇاڭخەي دېڭىزى ، بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ ،چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەھەر ،  مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىسادىنىڭ  مەركىزىي شەھىرى ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى  دىڭىز بۇيى ئېچىۋېتىلگەن شەھەر ،دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر ، مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر ،

نامى چىڭداۋ شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر
يەر مەيدانى 11282 كىۋادرات كىلومتېر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسون ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 青岛
ئۆلكىسى شەندۇڭ ئۆلكىسى
تەۋە رايون شەندۇڭ
نوپۇسى 904 مىڭ 62 (2014-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە فۇشەن مۇداپىئە گازارمىسى تەسىس قىلىنغان. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن باش يامۇل تەسىس قىلىنغان. 1897-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالغان.چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەھەر ،  مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىسادىنىڭ  مەركىزىي شەھىرى ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى  دىڭىز بۇيى ئېچىۋېتىلگەن شەھەر ،دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر ، مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر ،

2005 - يىلى چىڭداۋ داگۈەن  « جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى » ژورنىلى  تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل بەش شەھەر رايونىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ،2007 - يىلى چىڭداۋ جۇڭگودىكى  بىردىنبىر « دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل دېڭىز قولتۇقى » شەھەر دىگەن نامغا ئىرىشكەن ، 2008 - يىلى چىڭداۋدا  مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن 29 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا  يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئولىمپىك شەھىرى بولۇپ ، دۇنيا يەلكەنلىك كېمە شەھىرى دىگەن نامغا ئىرىشكەن ، 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى كۆك ئىقتىسادىي رايونى يىرىك پىلانىدا  ، چىڭداۋ  شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، يادرولۇق رايونى ۋە باشلامچى بولغان  ؛ 2012 - يىلى ، چىڭداۋ شەھىرى شەرەپ بىلەن « 2012 - يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ئىستىراھەت شەھەر » دېگەن نامغا ئېرىشكەن  ، 2012 - يىللىق جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر شەھەر ئىچدە  ، چىڭداۋ شەھىرى مۇقىملىق بەخت تۇيغۇسى ئەڭ يۇقىرى شەھەرلەر تىزىملىكتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، 2015 - يىلى دۇنيا ئىستىراھەت تەنتەربىيە يىغىنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن . 2012 - يىللىق جۇڭگو شەھەر رىقابەت كۈچى رەت تەرتىپىدە ، توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .

 سۇ جانلىقلىرى بايلىقى 

جىياۋجۇ قولتۇقى ، دىڭزى قولتۇقى ، لاۋشەن قولتۇقىلارنىڭ سۇ كىرىش ئېغىزىدىكى سۇنىڭ  تۇز تەركىبى يىتەرلىك ، سۇ ئىچىدە ئورگانىك تەركىب بىر قەدەر يۇقۇرى ، بولۇپمۇ جياۋجۇ قولتۇقى ئەتراپىدىكى لاتقا تېگى ، بۇجايدا قۇلۇلە ، يۈسۈن بېقىشقا تولىمۇ باپ كىلىدۇ ،بۇ دېڭىز رايونىدىكى لەيلىمە جانلىق ، سۇ تېگىدە ياشايدىغان جانلىق ، ئىقتىسادىي ئومۇرتقىسىز ھايۋان، تاشقىن ئارىلىقىدىكى زونا ، يۈسۈن قاتارلىقلارنىڭ  بايلىقى ناھايىتى مول .

ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقى

ئاز ئۇچرايدىغان تۆت چوڭ ئەتىۋارلىق ئۈسۈملۈك چىڭداۋ قاقىر تۇمشۇق ، چىڭداۋ چىچەك سەي ئوتى ، چىڭداۋ گۈلسامسىقى ،چىڭداۋ ئارىلىدا ئۈسۈملۈك تۈرى مول بۇلۇپ بۈك باراقسان ئوخشاش كەڭلىكتىكى رايوندا ئۆسۈملۈك تۈرى ئەڭ كۆپ ، ھازىر 152 ئۈسۈملۈك بايلىقى تۈرى بار .654 ئۇرۇقداش  ئۈسۈملۈك بار ، ئىپتىدائىي ياغاچ غوللۇق - ئۈسۈملۈكلەر رايونى سېستىمىسىدا 66 ئائىلە 136 ئۇرۇقداش 332 تۈر بۇلۇپ شەندۇڭ ئۆلكىسى ياغاچ غوللۇق ئۈسۈملۈكلىرىنىڭ % 93 نى ئىگەللەيدۇ . 

قېزىلما بايلىقى

چىڭداۋ رايونىدىكى قېزىلما بايلىقلار كۆپىنچە مېتاللوئىد كانلىرى بۇلۇپ ھازېرغىچە  66 خىل قىزىلما بايلىق بايقالدى ، شەندۇڭ ئۆلكىسى بۇيىچە  بايقالغان قىزىلما بايلىق تۈرىنىڭ %44 نى ئىگەللەيدۇ بۇلار ئىچىدە 50 خىل بايلىق مىقدارىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان ئىنىقلانمىغانلىرى 16 خىل .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#