تىرنا ۋە سۆرەم مەدەنىيىتى

خەلقىمىزدە تىرنا ۋە سۆرەم مەدەنىيىتى

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تىرنا تۇپراق ۋە يەرنى تەكشىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق جابدۇقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەزى جايلاردا بارانا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تىرنا تۇپراق ۋە يەرنى تەكشىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق جابدۇقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەزى جايلاردا بارانا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 تىرنا ئىشلىتىلىش شەكلىگە قاراپ قول تىرنىسى ۋە كۆلۈك تىرنىسى دەپ ئىككى تۈرگە، ياسالغان ماتېرىيالىغا قاراپ ياغاچ چىشلىق تىرنا ۋە تۆمۈر چىشلىق تىرنا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قول تىرنىسى ئاساسەن تىرنا دەستىسى، تىرنا بالدىقى ۋە تىرنا چىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا، قول تىرنىسىنىڭ دەستىسى، بالدىقى ۋە چىشى ياغاچتىن تەييارلىنىدۇ. قىسمەن ئەھۋاللاردا تۆمۈردىن ياسىلىدۇ. كۆلۈك تىرنىسى شەكلىگە قاراپ چاسا تىرنا، غىش شەكىللىك تىرنا ۋە چاتما تىرنا دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. چاسا تىرنا بىلەن غىش شەكىللىك تىرنا تۆمۈردىن شۇ خىل شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن چارچاپ تېگىگە تارتىلغان تارتقۇ تۆمۈرلەرگە تەرتىپ بويىچە تۆمۈر چىش بېكىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. چاتما تىرنىنىڭ بالداق ۋە چىشى ياغاچتىن ياسىلىپ، بىر-بىرىگە چېتىش ئۈچۈن تۆمۈر ۋە سىم ئىشلىتىلىدۇ.

 خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلۈك تىرنىسىدىن چاتما تىرنا كۆپ ئىشلىتىلگەن. چۈنكى چاتما تىرنىنىڭ ھەممە تەركىبى ياغاچتىن پۈتكەچكە، زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىش جەريانىدا مايسىلارنىڭ يىلتىز ۋە غوللىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. خەلقىمىزدە تىرنىنى يەر ئۈستىدە سۆرەش ئىشى تىرنا سېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

 چاتما تىرنىنىڭ ياسىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاۋۋال تالاسى پۇختا، چىدامچانلىقى كۈچلۈك قارىغاي، سۆگەت، قارىياغاچ ياكى كېگىز تېرەكلەرنىڭ ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىر ئۆلچىمىدە راسلانغان تىرنا بالداقلىرى تەييارلىنىدۇ. تەييارلانغان تىرنا بالداقلىرىنىڭ بىر تەرىپىگە ھەر 15 سانتىمېتىر ئارىلىقىغا بىردىن باش بارماق توملۇقىدا تۆشۈكچىلەر ئېچىلىدۇ. ئېچىلغان تۆشۈكچىلەرگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تالاسى پۇختا، چىدامچانلىقى كۈچلۈك ياغاچلاردىن راسلىنىپ تەييارلانغان 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قوزۇقچىلار قېقىلىپ، بىر – بىرىگە ئارقىمۇئارقا ھالەتتە تۆمۈردىن تەييارلانغان چاتقا ياكى سىم بىلەن چېتىلىپ تەييارلىنىدۇ. چاتما تىرنا ئۇچىنىڭ يەرگە تېگىش ئۇچى بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، قىرسىز يۇمىلاق ھالەتتە بولىدۇ. ئاساسەن كۈزدە كەنجىلەنگەن كۈزگى بۇغداي، كۈزگى قىچا، ياكى قەرەلسىز ياغقان يامغۇر – يېشىن تۈپەيلى تۈۋى قېتىۋالغان زىغىر، قوناق، تېرىق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تۇپراقنى يۇمشىتىش ياكى يەرنى تەكشىلەش ئۈچۈن يەرگە تېگىش ئۇچى ئۇزۇنراق ھەم ئۇچلۇق ئۇچلانغان چىش چىقىرىلغان تۆمۈر تىرنىنىڭ چاسا ۋە غىش شەكىللىكى ئىشلىتىلىدۇ.

    قول تىرنىسىنىڭ تاماق ۋە ئاسقاق دېگەندەك خاس ئاتالغۇلىرى بولۇپ، ئاساسەن ئېتىزلاردىكى كېۋەز شادىلىرىنى يېغىش، ھويلا – ئارانلارنى پاكىزلەش، ئەخلەت – چاۋارلارنى تازىلاش، كۆكتات ئېتىزلىرىنىڭ يېرىنى يۇمشىتىش، تۈزلەش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

    سۆرەم خەلقىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىلىپ تىرنا سېلىنغان يەرنىڭ ئۈستىدىن سۆرىتىپ، ئېتىزدىكى ئېزىلمىگەن داڭگاللارنى ئېزىش، يەرنى تۈزلەش، شۇ ئارقىلىق يەرنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەنئەنىۋى سايمانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ياغاچ ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ چىۋىقىدىن ياسىلىپ تەييارلىنىدۇ. ياسالغان ماتېرىيالىغا قاراپ ياغاچ سۆرەم ۋە شاخ سۆرەم دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    ياغاچ سۆرەم ياغاچ پىنىدىن ياكى ياغاچ رايكىلىرىدىن بالداق تارتىلىپ كەڭلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر 60 سانتىمېتىر قىلىپ ياسالغان قۇرۇلمىدىن ئىبارەت.

    شاخ سۆرەم ياغاچتىن ئىچكى قىسىملىرىغا بالداقلار تارتىلىپ ياسالغان چارچاپنى دەرەخ چىۋىقلىرى بىلەن توقۇپ تەييارلىنىدىغان سۆرەم تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆل توپا قاتارلىق ئېغىر نەرسىلەرنى قويۇپ، ئاندىن سۆرەم قىلىنىدۇ. خەلقىمىزدە تېرىلىپ بولغان ئېتىزنىڭ ئۈستىنى سۆرەم بىلەن باستۇرۇش ئىشى سۆرەم سېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#