چويۇن توپ ۋە زەنجىر توپ

چويۇن توپ

چويۇن توپ بىلەن زەنجىر توپ چوڭ-كىچىكلىك، شەكىل جەھەتتە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئېغىرلىقىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ 26.7 كىلوگرام بولۇپ، زەنجىر توپنىڭ چويۇن توپقا قارىغاندا بىر تال زەنجىرى ئارتۇق.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چويۇن توپ ۋە زەنجىر توپ
خەنزۇچە ئىسمى 铅球和链球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەنجىر توپچويۇن توپ بىلەن زەنجىر توپ چوڭ-كىچىكلىك، شەكىل جەھەتتە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئېغىرلىقىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ 26.7 كىلوگرام بولۇپ، زەنجىر توپنىڭ چويۇن توپقا قارىغاندا بىر تال زەنجىرى ئارتۇق. بۇلارنىڭ ئىككى ئوخشاش بولمىغان تۈر بولۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا. 14 -ئەسىردە ئېلىمىزنىڭ مىلتىق دورىسى ياۋروپاغا تارقىلىپ، ياۋروپادا زەمبىرەكچىلەر قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى زەمبىرەك ئوقى چويۇندىن قۇيۇلغان بولۇپ، شارسىمان ھالەتتە، ئېغىرلىقى 16 قاداق (257.7 كىلوگرام) بولغان. ئەسكەرلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە زەمبىرەككە چاققانلىق بىلەن ئوق سېلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى چاغلاردا زەمبىرەك ئوقى ياكى يۇمىلاق تاشلارنى يىراققا ئىتتىرىپ ئېتىشتا بەسلەشكەن، كېيىن كىشىلەر ئىچى كاۋاك تۆمۈرنىڭ ئىچىگە قوغۇشۇن قۇيغان، مانا بۇ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان چويۇن توپتۇر. 1975-يىلى قۇيۇپ ياساشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، 257.7 كىلوگرام 26.7 كىلوگرامغا ئۆزگەرتىلىپ، ئەرلەر چويۇن توپىنىڭ ئۆلچەملىك ئېغىرلىقى قىلىنغان. ئاياللار چويۇن توپىنىڭ ئېغىرلىقى تۆت كىلوگرام كېلىدۇ. 

چويۇن توپئەڭ دەسلەپتە چويۇن توپ ئېتىش مۇسابىقىسى ئېغىرلىق كۆتۈرۈشكە ئوخشاش بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە دەرىجىلەرگە ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل بولسىمۇ، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، نەتىجىسى ئېغىر دەرىجىلىك ماھىرلارنىڭكىدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئەھۋال بايقالغان، شۇڭا، بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1896-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەرلەر چويۇن توپىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 22.11 مېتىر بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئەرلەر چويۇن توپىنىڭ دۇنيا رېكورتى 12.23 مېتىرغا، ئاياللارنىڭ 63.22 مېتىرغا يەتتى. بۇ نەتىجىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىلىق راندى باتسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق لىسوۋسكايا ساقلاپ كەلمەكتە. 

ئېلىمىزنىڭ ئايال تەنھەرىكەتچىسى لى مېيسۇ 1987-يىل 4-ئايدىن 1988-يىل 4-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە يەتتە قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ، ئاسىيا رېكورتىنى 93.18 مېتىردىن بىراقلا 76.21 مېتىرغا كۆتۈرگەن ھەمدە 1988-يىلى ئىسىم تەرتىپىدە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن، سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لى مېيسۇ جۇڭگو ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاسىيا ئۈچۈن بىردىنبىر يېنىك ئاتلېتىكا مېدالىنى ئالغان. 1989-يىل 9-ئايدا خۇاڭ جىخۇڭ 73.20 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئاياللار چويۇن توپىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. ئەرلەر چويۇن توپىدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان لياۋنىڭ ماھىرى ما يۇڭفېڭمۇ ئاسىيا رېكورتىنى ئالتە قېتىم بۇزغان. نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 78.19 مېتىر بولۇپ، ئاسىيادا رىقابەتچىسى بولمىسىمۇ، ئەمما دۇنيا رېكورتىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ.

زەنجىر توپزەنجىر توپنىڭ چەت ئەلچە مەنىسى بازغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى بازغان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شوتلاندىيە كان ئىشچىلىرى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دائىم توپلىشىپ چوڭ تۆمۈر بازغاننى يىراققا تاشلاشتا بەسلەشكەن. 1873-يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدى بىلەن «تۆمۈر بازغان ئېتىش» نى مۇسابىقە تۈرى قىلغان. 1900-يىلى زەنجىر توپنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، رېكورت نەتىجىسى 51 مېتىر بولغان. ئۆز ۋاقتىدا بەزىلەر زەنجىرلىك توپنى 60 مېتىردىن ئاشۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، دېگەن. ئەمما52 يىلدىن كېيىن ۋېنگرىيە ماھىرى كوسساكماك 34.60 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن بۇ گەپنى يوققا چىقارغان. ھازىرقى دۇنيا رېكورتى 74.86 مېتىر بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىسى شېدىخ 1986-يىلى ياراتقان.

ئېلىمىزنىڭ زەنجىر توپ ھەرىكىتىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 20.81 مېتىر بولۇپ، جياڭشى تەنھەرىكەتچىسى بى جۇڭ ياراتقان، بۇ نەتىجە ئاسىيانىڭمۇ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىدۇر. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#