ھارنۇپ دەرىخى

ھارنۇپ دەرىخى

ھارنۇپ دەرىخى ياكى يەنە بىر ئىسمى بىلەن ئېيتقاندا خارنوب دەرىخى، دۇنيادا ھەممە بىلىدىغان ۋە پايدىلىنىپ كەلگەن قەدىمقى ئۆسۈملۈك تۈرىدۇر.

ھارنۇب دەرىخى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىدا تارقالغان، مىۋىسى پۇرچاق غوزىسىغا دەرىخى سوپۇن دەرىخىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك. ھارنۇپ مىۋىسىنىڭ شەكلى مۈڭگۈزگە ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن ھارنۇپ مىۋىسى ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئۆچكە مۈڭگۈزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى ھارنۇپ دەرىخى
باشقا نامى خارنوب دەرىخى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھارنۇپ دەرىخى مېۋىسى 50 يىللىق بىر ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىرغا يېتىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى مېۋىلىرى ماي ئېيىدىن باشلاپ يوغىناشقا باشلايدۇ ۋە ئىيۇن، ئىيۇل ئايلىرىدا پىشىدۇ. پىشقان مېۋىسىنىڭ رەڭگى يېشىل قەھۋە رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ. سېنتەبىر ئېيىدا مول – ھوسۇل ئېلىش باشلىنىپ، نويابىردىن دېكابىر ئېيىغىچە داۋاملىشىدۇ. بىر ھارنۇپ دەرىخى مېۋىسىدە تەخمىنەن 10 دىن 15 دانىغىچە ئۇرۇق بولىدۇ.

ھارنۇپ دەرىخى دەرەخلىرى 15–10 يىلدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىلدا مېۋە مىقدارى ۋە سۈپىتى يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ.

ئىستىمال قىممىتى

ھارنۇپ دەرىخى چېچىكىھارنۇپ دەرىخىدىن پايدىلىنىدىلىغان ساھەلەر ناھايىتى كۆپ. ھارنۇپ دەرىخى تارتىلىپ، ئۇن ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ، يېمەك – ئىچمەك سانائىتىدە قوللىنىلىدۇ. ئۇرۇقچىسى ئېلىۋېتىلگەن ھارنۇپ دەرىخى مېۋىسىنىڭ %52 نى شېكەر ئىگىلەيدۇ، ھارنۇپ دەرىخى تەركىبىدە شېكەر قۇمۇشىدىنمۇ كۆپ شېكەر ماددىسى بولغاچقا، ھارنۇپ دەرىخى مۇرابباسى ياساشنى ۋاز كېچىلمەس ئورۇنغا ئىگە قىلغان. 

ئۈزۈلگەن ھارنۇپ دەرىخى مېۋىلىرى بىر ئايغىچە قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ھارنۇپ دەرىخىدىن پېچىنە ياكى ھايۋانلارنىڭ يېمى ياسىلىدۇ. پېچىنە ياسالمىغان ياكى ھايۋانلارنىڭ يېمى قىلىنمىغان ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ ئۇرۇقلىرى ۋە گۆشلۈك قىسىملىرى بىر–بىرىدىن مېخانىكىلىق ئۇسۇلدا ئايرىۋېلىنىدۇ.

ھارنۇپ دەرىخىنىڭ كۆپتۈرۈش ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ماروژنا ياساشتىمۇ قوللىنىلىدۇ. گۆش كونسېرۋاسى ۋە بېلىق كونسېرۋاسى، قىيام، چاچ يىلىمى، شېكەر قىيامى ۋە مېۋە كونسېرۋالىرىغا قېتىلىدۇ. تورت ۋە پېتىر ناننىڭ كۆپۈپ قىلىشى ۋە بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەسكەندە پارچىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تورت ۋە پېچىنىلەرگە قېتىلىدۇ. كاكاۋ ۋە قەھۋە قېتىلىدىغان بارلىق يېمەكلىكلەرگە، بۇلارنىڭ ئورنىغا ھارنۇپ دەرىخىنى سېلىشقا بولىدۇ.  

دورىلىق قىممىتى 

ھارنۇپ دەرىخى مېۋىسىھارنۇپ دەرىخى شىپالىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەبىئىي قوغدىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى ئۆسۈملۈكى خەلق تېبابىتىدە ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشى بولماسلىق، چىش ۋە چىش كېسەللىكلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھارنۇپ دەرىخى قەھۋەسى تەركىبىدە، كوففئېيىن ۋە قەھۋەدە بولغان زىيانلىق ماددىلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان ۋە يۈرەك بىمارلىرىغا تەۋسىيە قىلىدۇ.

ھارنۇپ دەرىخى مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارى سۈتتىن ئۈچ ھەسسە كۆپ. ۋىتامىن E ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن زۇكام ۋە ھۆتەلگە پايدا قىلىدۇ. مەيدىنى يۇمشىتىپ، بەلغەمنى ھەيدەيدۇ. ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قانۇنىيەتلىك ئىشلىشى ئۈچۈن پايدىلىق. ۋىتامىن ماددىلىرى كۆپ بولغانلىقى ۋە مىنېرال ماددىلار بولغانلىقتىن چىش ھەمدە چىش مىلىكىگە پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدىكى كۆپ مىقدارلىق تەبىئىي شېكەر ۋە سىنىك كۈچ مەنبەسىدۇر. شۇنداقتىمۇ دېئابىت بىمارلىرى ھارنۇپ دەرىخىنى ئىستېمال قىلغاندا دوختۇرلىرىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك. تەركىبىدىكى ناترىي ۋە كالىي ماددىلىرى قان بېسىمىنى ياخشىلاپ، يۈرەككە پايدا قىلىدۇ. ئۆپكىگە بولغان تەسىرلىرى تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى نەپىسى سىقىلىدىغانلار ئۈچۈن تېببىي دورىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلالايدىغان ئۆسۈملۈكتۇر. تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرگەن رادىياتسىيەنى سىرتقا چىرىۋېتىدىغانلىقى بايقالغان. 

سانائەت ئىقتىسادى قىممىتى

ھارنۇپ دەرىخى يېمەك–ئىچمەك ساھەسىدىن باشقا، يەم–خەشەك، توقۇمچىلىق، گىرىم بۇيۇملىرى ياساش، نېفىت ۋە تېرە سانائەتلىرىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئاياللار لاكلىرى، ئەرلەرنىڭ ساقال سوپۇنى ھارنۇپ دەرىخىدىن ياسىلىدۇ. 

ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ پارچىلىرى ئوخشىمىغان سانائەت ساھەلىرىدە خام ماددا سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى ئۇنىنىڭ يېمەك–ئىچمەك سانائىتىدە ئالدىنىقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، تەركىبىدە تەبىئىي شېكەر ماددىسى بولغانلىقى، تۆۋەن كالورىيەلىك بولۇشى، ياغ ماددىسىنىڭ بولماسلىقى، خولېستېرىن بولماسلىقى ۋە ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

توقۇمچىلىق سانائىتىدە ھارنۇپ دەرىخى نېيلوڭ رەختلەر ۋە پاختا رەختلەرگە قېتىلىدۇ، بوياقچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدۇ. قەغەزچىلىك سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە سانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. ئىشىنىش تەس بولسىمۇ، ھارنۇپ دەرىخى نېفىت سانائىتىدە قۇدۇق كولاشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قوللىنىش ساھەسىگە، مەتبەئەچىلىك، سەرەڭگە ياساش، ئۆي جابدۇقلىرى، پارتلىغۇچى ماددا ياساش، فوتوگراف نىگاتىۋى ياساش، سوپۇن پاراشوكى ۋە پىلاستىك سانائەتلىرى بار. ھارنۇپ دەرىخىدىن چاقچۇق سانائىتىدە يىلىم ياسىلىدۇ.

 چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇنداق بولسا، سىگارىت ياساشتا تۇمانىغا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھارنۇپ دەرىخىدىن پايدىلىنىلدىغانلىقىنى بىلەمتىڭىز؟ قانداقلا بولمىسۇن سىگارىتنىڭ تەركىبىدە ھارنۇپ دەرىخى بار، تاماكا چېكىشنىڭ ئورنىغا ھارنۇپ دەرىخىنى پېچىنە - پىرەنىكنىڭ ئورنىدا يەڭ. قوللىنىش ساھەسى كەڭ بولغان ھارنۇپ دەرىخىنى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈركىيەدەھارنۇپ دەرەخلىرى مۇھىم بولغان مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىرمىگەن بولۇپ، ناھايىتى ئاز يېتىشتۈرۈلىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى دەرەخلىرى تەبىئىي ھالدا ئورمانلاردا ئۆسمەكتە. كۆپىنچە 4 – 3 تۈپتىن گۇرۇپپا ھالىدا ئۆسىدىغان بۇ دەرەخلەرنىڭ تۈركىيەدىكى مىقدارى تولۇق بىلىنمەيدۇ. تەبىئىي ئۆسكەن ھارنۇپ دەرىخى دەرىخى ياۋا دەرەخ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق دەرەخلەردىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن سۈپەتلىك مېۋىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيە ھارنۇپ دەرىخى يېتىشتۈرۈلىدىغان ساناقلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئارقىدا تۇرماقتا. 1990 – يىللاردىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ھارنۇپ دەرىخى ئېكىسپورتى ئاشقان بولۇپ، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گىرېتسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئالجىرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگىمۇ ئېكىسپورت قىلىنماقتا. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆزگە چېلىقمىسىمۇ، كۈنىمىزدە ھارنۇپ دەرىخى مۇرابباسىنى ئېكىسپورت قىلىش باشلاندى. ھارنۇپ دەرىخى يېقىنقى يىللارغىچە تەبىئىي ئۆسكەن رايونلاردا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بولسا، مۇراببا ۋە ئۇن ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن تۈركىيەدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ھالغا كەلدى. كۈنىمىزدە ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپلەپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ھارنۇپ دەرىخى مۇرابباسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ.[0]

 توقۇمچىلىق سانائىتىدە ھارنۇپ دەرىخى نېيلوڭ رەختلەر ۋە پاختا رەختلەرگە قېتىلىدۇ، بوياقچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدۇ. قەغەزچىلىك سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە سانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. ئىشىنىش تەس بولسىمۇ، ھارنۇپ دەرىخى نېفىت سانائىتىدە قۇدۇق كولاشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ھارنۇپ دەرىخى دەرىخىنىڭ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قوللىنىش ساھەسىگە، مەتبەئەچىلىك، سەرەڭگە ياساش، ئۆي جابدۇقلىرى، پارتلىغۇچى ماددا ياساش، فوتوگراف نىگاتىۋى ياساش، سوپۇن پاراشوكى ۋە پىلاستىك سانائەتلىرىنى قوشالايمىز. ھارنۇپ دەرىخىدىن چاقچۇق سانائىتىدە يىلىم ياسىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5827

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#