يۇقىرى توغراق ئولتۇراق رايونى
يۇقىرى توغراق ئولتۇراق رايونى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى 2-چارۋىچىلىق فېرمىسى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدا بۇلۇپ، ئەتراپىدىكى قاپاقتوغراق ئولتۇراق رايونى، شالقوتان ئولتۇراق رايونى، قاسقان ئولتۇراق رايونى قاتارلىق رايونلار بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇقىرى توغراق ئولتۇراق رايونى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى 2-چارۋىچىلىق فېرمىسى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدا بۇلۇپ، ئەتراپىدىكى قاپاقتوغراق ئولتۇراق رايونى، شالقوتان ئولتۇراق رايونى، قاسقان ئولتۇراق رايونى قاتارلىق رايونلار بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ جاينىڭ تۆت پەسىل ئېنىق، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول، تارىم دەرياسى بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىن، ئەمما شايار ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارلىقى بىر قەدەر يىراق، پۈتۈن كەنت يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلغان، قاتنىشى قولايلىق.
بۇ جاينىڭ يېرى كەڭ، كۆلىمى كۆپ، قاقاس چۆللۈكلەرمۇ كۆپ، سۇ بايلىقى مول بولغاچقا ئاھالىسى ئاساسلىقى كېۋەز تېرىش بىلەن قوي، ئۆچكە بېقىشنى ئاساس قىلغان.
كەنت ئىچىدىكى كارخانىلاردىن ياغ تارتىش زاۋۇتى، يەم-خەشەك زاۋۇتى، تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى قاتارلىقلار بار.
كەنت ئىچىدىكى قېزىلما بايلىقلىرىدىن ياقۇت، كۈمۈش، زېئولىت قىزىل تاش، تۆمۈر ۋانادى توپىسى قاتارلىقلار بار.
كەنتتىكى ئورۇنلاردىن يۇقىرى توغراق ئولتۇراق رايونى ئاھالىلەر كومتېتى، يۇقىرى توغراق ئولتۇراق رايونى پارتىيە ياچىكىسى، يۇقىرى توغراق ئولتۇراق رايونى شىپاخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.