قاناس كۆلى

قاناس كۆلى

شەرقتىكى شۋېتسارىيە دەپ نام ئالغان گۈزەل مەنزىرىگاھ قاناس كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا كامالا يوچۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ۋاخت ئابوت، شەرقتە تېۋەيك غەربتە ئاېرگۇيسالا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى قاناس كۆلى
باشقا نامى Kanas Lake
جۇغراپيىلىك ئورنى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى
ئىقلىم شارائىتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 喀纳斯湖
قاراشلىق رايۇن شىنجاڭ ئالتاي بۇرچىن ناھىيسى
كۆلمى 45.73㎞²
مۇۋاپىق ساياھەت پەسلى ياز ۋە كۈز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاناس كۆلى

قاناس كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا كامالا يوچۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ۋاخت ئابوت، شەرقتە تېۋەيك غەربتە ئاېرگۇيسالا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، كۆل سۈيىنىڭ مەنبەسى كۇيتوڭ، دوستلۇق چوققىسى قاتارلىق تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇ ۋە شۇ يەردىكى ھۆل يېغىندىن كەلگەن.

 قاناس كۆلى قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ جەۋھىرىدۇر. بۇ كۆل مۇزلۇق تەسىرىدىن پەيدا بولغان كۈچلۈك چىرىش ۋە مۇزلۇق پوستلاق ماددىلىرى تەسكەي جىلغا ئارىلىرىغا قىسىلىپ چوخچىيىپ چىقىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن 1375 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بۇ كۆل بەئەينى ھىلال ئاينىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.24 كىلومېتىر، كۆلىمى 45.73 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 9.1 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 90 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 4.188 مېتىر، سۇ سىغىمى 4 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى چوڭقۇر كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

قاناس كۆلىتۇۋانلار «تىۋان»، «كۆك مۇنچاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، قەدىمكى ھۆججەتلەردە تۇۋانلار توغرىلىق خاتىرىلەر بار. بەزى ئالىملار ئۇلارنى چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا قېپقالغان بىر قىسىم قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. قاناستا ياشاۋاتقان پېشقەدەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بۇنىڭدىن 500 يىل مۇقەددەم سبىرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى، ھازىرقى رۇسىيىنىڭ تۇۋان جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇۋانلار بىلەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ.

 تۇۋانلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ كەلگەن، تۇۋان تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، قازاق تىلىغا يېقىن كېلىدۇ. تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە تۇۋانلار موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك بايرىمى بولغان زۇل بايرىمى <قىش كىرىش بايرىمى>، خەنزۇلارنىڭ چاغىنى ۋە تاۋۇز چاغىنىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. تۇۋانلار بۇددىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈپ دەپىن قىلىدۇ. تۇۋانلار ئالتايدىكى قاناس كۆلىنىڭ تۇۋانلار كەنتى ۋە ئاق قابا تۇۋانلار كەنتلىرىدە ياشايدۇ. قاناس كۆلى تۇۋانلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قاناس ساياھەت رايونىدا ئۆزگىچە سېھرى مىللىي پۇراق ھاسىل قىلغان.

قاناس كۆلىقاناسنىڭ ئاجايىپ، ئۆزگىچە، گۈزەل، رەڭدار تەبىئىي مەنزىرىسى دۆلەت رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ساياھەتچىلەرنى ھوزۇرلاندۇرماقتا. ئۇنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ئومۇم ئېتىراپ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاناس سبىرىيە تايگا ئورمانلىقىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر سوزۇلما بەلبېغى، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي پاسىلى ياۋروپانىڭ سبىرىيە رايونىنى ئىگىلىگەن ئۆسۈملۈك - ھايۋانات تارقالغان رايون، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي مۇز ئوكيان دەريا سىستېمىسى بولغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنىنىڭ مەنبەسى، جۇڭگودىكى موڭغۇللارغا تەۋە تۇۋانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر جاي. 

قاناس كۆلىنىڭ قىش پەسلى      قاناس كۆلىنىڭ قىشى يەتتە ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشسىمۇ، ساياھەتچىلەر يەنىلا قىش پەسلىنى تاللاپ بۇ يەرگە كېلىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى ئاق لىباس كىيگەن دۇنيانى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ يەردىكى ئەڭ ئالاھىدە قىش  پەسىللىك پائالىيەت بولغان «چانا سۆرەش» ۋە «بېلىق تۇتۇش» پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت.

قاناس كۆلى ساياھەت مەنزىرسى  قاناس كۆلى قارلىق تاغ، يايلاق، ئاق قېيىن ئورمانلىقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن، «شەرقتىكى شىۋىتسارىيە»، «فوتوگرافلارنىڭ جەننىتى» دېيىلىدۇ. قاناس كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بولۇپ، ئېلىمىزدىكى سۈيى چوڭقۇر كۆللەرنىڭ بىرىدۇر. قاناس كۆلى ئېلىمىز بۇيىچە كەمدىن-كەم تېپىلىدىغان ياۋروپا-ئېكولوگىيە سېستىمىسىغا تەۋە رايون بولۇپ، قوغداش رايونىدا 798 خىل ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك ئۆسۈملۈك 30 خىلغا يېتىدۇ. ھايۋاناتلار تۈرى 39 خىل، قۇشلار تۈرى 117 خىل، بېلىق تۈرى يەتتە خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلار بەش خىلغا، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلار 13 خىلغا يېتىدۇ.

      قاناس كۆلىنىڭ قىشى يەتتە ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشسىمۇ، ساياھەتچىلەر يەنىلا قىش پەسلىنى تاللاپ بۇ يەرگە كېلىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى ئاق لىباس كىيگەن دۇنيانى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ يەردىكى ئەڭ ئالاھىدە قىش  پەسىللىك پائالىيەت بولغان «چانا سۆرەش» ۋە «بېلىق تۇتۇش» پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت.

قاناس كۆلى ئەتراپ مەنزىرسىكۆل ئەتراپى ياپ - يېشىل يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق قارىغاي بىلەن قاپلىنىپ، تاغ باغرىدىكى بىپايان يايلاق بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. كۆكلەمدە يايلاق گۈل - چىمەنلەردىن لىباس كىيىدۇ. تاغ باغرىدا ئاپئاق تۇمان ئەگىپ يۈرۈيدۇ. يىراقتىن قارىسىڭىز ئاقباش چوققىلىق تاغ باغرىدىكى قارىغايلىق جىلغىلاردا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقىدۇ. 7-، 8- ئايلاردا دېڭىز يۈزىدىن 2030 مېتىر ئېگىز تاغ ئۈستىدىكى راۋاققا چىقىپ كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغان ھەر قانداق ئادەم بۇ كۆلنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايدۇ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ئاستىدا رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن بۇ كۆل ھەقىقەتەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز.

 قاناستا سىز «گۆھەر نۇرى» نىڭ رەڭگارەڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز. بۇ «گۆھەر نۇرى» نى كىشىلەر «بۇددا نۇرى» دەپ ئاتىۋالىدۇ. جاھاندا تەڭداشسىز قاناس يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان مۇزلۇق، ياپ - يېشىل يايلاق، بىپايان ئورمانزار ۋە تاغ باغرىدا لەيلەپ يۈرگەن نېپىز تۇمانلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، جەننەت مىسلى گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. قۇياش ئۇپۇق يېرىپ كۆتۈرۈلگەندە ياكى تۈن پەردىسى ئېتەك يايغاندا، كېمىگە ئولتۇرسىڭىز ياكى 4 - ئەگىمدىكى پەشتاققا چىقسىڭىز، كۆلنىڭ تىلسىماتلىرىنى بىلىپ باققىڭىز كېلىدۇ، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ قالسا ، تېخى گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىپ بولىدىغان «كۆلدىكى غەلىتە مەخلۇق» نى كۆرەلەيسىز.

ھۆل يېغىن مىقدارىقاناس كۆلىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ چوڭ يېغىن بەلبىغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2100 مېتىر كېلىدۇ. قىش پەسلى ناھايىتى ئۇزاق، قار ناھايىتى كۆپ ياغىدۇ، ئادەتتە ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا قىراۋ ئۈششۈكى بولىدۇ. ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قار يېغىشقا باشلايدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن يۇقىرى، ئاۋغۇستتىن باشلاپ قار ياغسا تاكى كېيىنكى يىل مايغىچە ياكى ئىيۇننىڭ باشلىرىغىچە قار ياغىدۇ، ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 1 - 2 مېتىرغىچە كېلىدۇ.

 قاناس كۆلىدىكى تاماشا قىلىدىغان تاتلىق سۇ بېلىقلىرىدىن ئاساسلىقى ئالتاي ئورمان پاقىسى، زەھەرلىك قارا يىلان، كەسلەنچۈك، قىيالىق تۇندرا كەكلىكى، ئورمان توخۇسى، سالمۇن بېلىقى، نالىم بېلىقى، شىمالىي قۇتۇپ ئامېيۇرۇس ئۇرۇقدىشى، سىبىرىيە ياپىلاق بېلىقى قاتارلىقلار بار، يېمەكلىك قاتارىدا يەيدىغان مۇزلۇق سۇ بېلىقلىرىدىن ئاساسلىقى ئىتبېلىق، ئالا بۇغا بېلىق،كىچىك ئاق بېلىق قاتارلىقلار بار، زور مىقداردا بېلىق تۇتۇش ئەدەپ كەتكەنلىكتىن بەزى بېلىق تۈرلىرى ئاللىبۇرۇن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. قاناس كۆلى ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، كۆل سۈيى مۇزدەك سوغۇق بولغاچقا بېلىق بېقىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇڭا بېلىقلار پەقەت خاتىرە سۈپىتىدە سوۋغات بۇيۇمى قىلىنىدۇ.[1]

قاناس كۆلى جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭقۇر مورېنا (مۇزلۇق ئېقىتىپ كەلگەن لاي ۋە تاشلارنىڭ دۆۋىسى) دىن شەكىللەنگەن كۆل، قاناس كۆلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھىلال ئاي شەكىلدە بولۇپ، كۆل مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىقى تۆگە بوينى قولتۇقى، ئۆزگىرىشچان كۆل ۋە ياتقان ئەجدىھا قولتۇقى قاتارلىقلار بار. كۆلدە سالمۇن بېلىقى، كىچىك قاسراقلىق سالمۇن بېلىقى قاتارلىق ئەتىۋارلىق، كەم ئۇچرايدىغان بېلىقلار ياشايدۇ. قاناسنىڭ ئاجايىپ، ئۆزگىچە، گۈزەل، رەڭدار تەبىئىي مەنزىرىسى دۆلەت رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ساياھەتچىلەرنى ھوزۇرلاندۇرماقتا.

قاناس كۆلىنىڭ  جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ئومۇم ئېتىراپ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاناس سبىرىيە تايگا ئورمانلىقىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر سوزۇلما بەلبېغى، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي پاسىلى ياۋروپانىڭ سبىرىيە رايونىنى ئىگىلىگەن ئۆسۈملۈك - ھايۋانات تارقالغان رايون، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي مۇز ئوكيان دەريا سىستېمىسى بولغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنىنىڭ مەنبەسى، جۇڭگودىكى موڭغۇللارغا تەۋە تۇۋانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر جاي، جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن سانىلىدىغان مۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ.

قاناس كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا كامالا يوچۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ۋاخت ئابوت، شەرقتە تېۋەيك غەربتە ئاېرگۇيسالا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، كۆل سۈيىنىڭ مەنبەسى كۇيتوڭ، دوستلۇق چوققىسى قاتارلىق تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇ ۋە شۇ يەردىكى ھۆل يېغىندىن كەلگەن. 

قاناس كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا كامالا يوچۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ۋاخت ئابوت، شەرقتە تېۋەيك غەربتە ئاېرگۇيسالا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، كۆل سۈيىنىڭ مەنبەسى كۇيتوڭ، دوستلۇق چوققىسى قاتارلىق تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇ ۋە شۇ يەردىكى ھۆل يېغىندىن كەلگەن. 

قاناس كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا كامالا يوچۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ۋاخت ئابوت، شەرقتە تېۋەيك غەربتە ئاېرگۇيسالا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، كۆل سۈيىنىڭ مەنبەسى كۇيتوڭ، دوستلۇق چوققىسى قاتارلىق تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇ ۋە شۇ يەردىكى ھۆل يېغىندىن كەلگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4707.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    40%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    40%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#