ۋىليام خارۋېي

ۋىليام خارۋېي

ۋىليام خارۋېي 1578-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيەدىكى فوكسىدوندا تۇغۇلغان. 1657-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 79 يېشىدا ۋاپات بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىليام خارۋېي
باشقا نامى ھارۋېي
يۇرتى فوكسىدون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1657-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 威廉·哈维
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1578-يىلى 4-ئاينىڭ 1- كۈنى
كەسپى ئاناتومىك،دوختۇر، فىزىئولوگىيە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىليام خارۋېي

 بۇنىڭدىن تەخمىنەن 350 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەنگلىيە ئاناتومىگى خارۋېي «يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكىتى» دېگەن كىتاپنى ئېلان

 قىلغان. بۇ كىتاپتا ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىرىنچى قېتىم توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. خارۋېي 1578-يىلى 4-ئاينىڭ

 1-كۈنى ئەنگلىيەدىكى فوكسىدوندا تۇغۇلغان. خارۋېي كىچىكىدە ناھايىتى زېرەك ھەم تىرىشچان ئىدى. شۇڭا 16 يېشىدىلا كامېرىد ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 19 يېشىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئوقۇشقا نەقەدەر بېرىلدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. خارۋېي كېيىن ئىتالىيەدىكى پادوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېرىپ تىببىي ئىلمىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 24 يېشىدا ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، كامېرىد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەۋقۇلادە مەكتەپدىشى بولۇپ قالغان.

خارۋېي 1657-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 79 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ۋىليام خارۋېي1609-يىلى يازدا، خارۋېي سېن-باسۇلۇم دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەندە، دائىم «كۆك تومۇر قېنى» ئۈستىدە باش قاتۇرغان. «كۆك تۆمۈر قېنى» توغرىسىدا بەزىلەر ئۆز كىتاپىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىتاپتىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن گۇمان قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن ئۆز ئەمىلىيتىدە دەلىللىمەي بولمايتتى. ئۇ چاغدا دىنى ھۆكۈمرانلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولغاچقا، جەسەتنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى. خارۋېي شۇ چاغدا ئاناتومىيە لېكتورى ئىدى، ئۇ دەرس ئۆتكەندە ئېھتىيات بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە كۈزەتكەن ۋە تەتقىق قىلغان، ئۇ ھەر قېتىمقى ئوپراتسىيىدە تەپسىلىي تەجرىبە خاتىرىسى يېزىپ تۇرغان. ھەر كۈنى كەچتە يېرىم كېچىگىچە تەتقىق قىلغان. 1628-يىلى، ئۇ «يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكىتى» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاپ ئۇنىڭ قان ئايلىنىش جەريانىنى بىرىنچى بولۇپ ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە ئايلىنىدىغان قان تومۇرغا ئۆتىدۇ، ئاندىن كېيىن قىزىل تومۇردىن كۆك تومۇرغا ئۆتۈپ، يۈرەككە قايتىدۇ، دېگەن. شۈبھىسىزكى، بۇ شۇ چاغدىكى تىببى ئىلىم ئۈچۈن پەۋقۇلادە تۆھپە ئىدى.

يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ھەممە ئادەم بىلەتتى، لېكىن يۈرەك بىلەن قاننىڭ زادى قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بولسا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىببى ساھەدە، ئادەمنىڭ قېنى جىگەردىن ھاسىل بولۇپ، كۆك تومۇرنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئۇ ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا كىرگەندىن كېيىن سول يۈرەك قېرىنچىسىغا سىڭىپ كىرىپ، كۆك تومۇر ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقالغاندىن كېيىن بەدەندە پۈتۈنلەي خوراپ تۈگەيدۇ، دەيدىغان خاتا قاراش تارقالغان ئىدى. بۇ مىلادى Ⅱ-ئەسىردە ئۆتكەن رىم تىببى ئالىمى گرىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سۆزى بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق نوپۇزغا ئىگە بولۇپ كەلگەن. بۇرۇن ئۆتكەن ۋىسالىوس دېگەن تىببى ئالىم ئىزلىنىپ تېخى بۇ دەرىجىگە يەتمەستىلا قوغلىۋېتىلگەن. سېرۋىناس بۇ دەرىجىدە سۆزلىمەي تۇرۇپلا، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. بالاسېر بۇنداق گەپلەرنى ئاشكارا قىلماي تۇرۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. خارۋېي بولسا يۈرەك بىلەن قاننى دادىل تەتقىق قىلغان، بەلكى بۇرۇنقىلاردىن كۆپ ئىلگىرلىگەن، تەلىيىگە پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالمىغان، لېكىن تۈرلۈك زەربىلەردىن خالىي بولالمىغان، «يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكىتى» دېگەن كىتاپنىڭ سۆز بېشىدىن بۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇق بىلەن ماڭا ئازار بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شۇنداقلا جاھاندىكى بارلىق ئادەملەرنىڭمۇ مەن بىلەن قارشىلىششىدىن ئەنسىرەيمەن. بىراق مەن دادىللىق بىلەن ھەممىنى ھەقىقەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقىمغا ھاۋالە قىلدىم». بۇ ھال ھەر قانداق بىر شەيئى مەيدانغا كەلگەندە ھامان تۈرلۈك زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. 

خارۋېي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن زېھنى ۋە پۇلىنى ئۆزىنىڭ گۈلباغچىسىغا سەرپ قىلغان. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلارغا ئىشتىياق باغلىغان، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە ھاياتلىققا مۇھەببەت باغلىغان. بۇنداق قىلىشتا ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆزىگە راھەت ئىزلەشنى ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئىلىمنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. مۇنداق بىر ئىش بولغان، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر دوستى تۆرەلمىنىڭ ئاستا-ئاستا چۈجىگە ئايلىنىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىدە بىر توخۇغا تۇخۇم باستۇرۇپ بەرگەن. ھارۋېي بۇ ماتېرىيالنىمۇ توپلاپ تەتقىق قىلغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىككىنچى ئەسىرى-«ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى» نى يېزىپ قالدۇرغان، ئۇ توخۇ توخۇمىنى ئاساس قىلىپ، ھايۋاناتلار ھاياتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، خارۋېينىڭ كەشپىياتى ھايۋاناتلار فىزىئولوگىيىسى ئۈچۈن ئاساس قۇرۇپ بەرگەن. خارۋېينىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ دائىم مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزىگە ئىلھام بېرىپ تۇرغان.

ھېچكىم كامالەتكە يەتكەن ئەمەس.

بىلىمەن دېگەننىڭ تولىسىنى ئەمەلدە تېخى بىلگەن ئەمەس.

زامان، ماكان ۋە تەجرىبە ئۇنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ.

يا خاتالىقىنى تۈزىتىدۇ، يا ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ.

يا ئۇنى ئىلگىرى چوڭقۇر ئىشەنگەن نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدۇ.

خارۋېينىڭ قوشقان تۆھپىسى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ خىزمىتى يېڭى ھاياتلىق ئىلمىدىن دېرەك بېرىدۇ، 16 - ئەسىردە باشلانغان ئىلىم - پەن ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. خارۋېي كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان قان سىستېمىسى تەتقىق قىلىش ( ئۇنىڭ ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش تەتقىقاتى )، ئۇنى كوپېرنىك ئوتتۇرى، گالىلېي، نيۇتون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تەڭ ئىلىم - پەن ئىنقىلابىنىڭ پېشۋاسى.

ئۇ ئالەمدىن ئۆتىدىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئىككى ئۆي سالدۇرغان. بىرى كۈتۈپخانا، بىرى مەجلىسخانا. ئۇ بۇ ئىككى ئۆينى تىببى ئىنىستىتۇتقا تەقدىم قىلغان، تىببى ئىنستىتۇت بولسا، ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ئۇلۇغ ئادەمگە بېغىشلاپ مەكتەپ قوراسىدا بىر مىس ھەيكەل ياسىتىپ، ئۇنى مەڭگۈ خاتىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/54542.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#