ماركىسىزىم

ماكىسىزىم بولسا ماركىسىزىم نەزەرىيە سېستىمىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى ،ماركىسىزىم نەزەرىيە سېستىمىسى ماركىسنىڭ ئىلمىي سوتسىيالىزىمنىڭ پۈتكۈل نۇقتىنەزەر ۋە تەلىماتلىرىنى قاپلىيالايدۇ .ماركىسىزىم نەزەرىيە سېستىمىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان يەنى زامانىۋى ماتىريالىزىم ۋە زامانىۋى ئىلمى سوتسىيالىزىم . ماركىسىزىم نەزىرىيە سېستىمىسىدىكى ئىلمىي سوتسىيالىزىم نەزىريىسى ئىككى بۆلەك مەزمۇننى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ،يەنى ئىلمىي سوتسىيالىزىم ئىنقىلاپ نەزەرىيىسى ۋە ئىلمىي سوتسىيالىستىك سىياسى ئىقتىساد نەزىرىيە پىرىنسىپى ،ئىلمىي سوتسىيالىزىملىق سىياسى ،ئىقتىسادشۇناسلىق نەزىريىسى يەنە ئىككى بۆلەك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،بىرىنچى بۆلەك مەزمۇن ؛ ئىلمىي سوتسىيالىزىملىق تاۋار ئىقتىسادى قۇرۇلما لايىھەسى ؛يەنە بىر بۆلەك ، ئىلمىي سوتسىيالىزىملىق تاۋار ئىقتىسادى يۈرگۈزۈش پىرىنسىپى لايىھەسى .

ئۇيغۇرچە نامى ماركىسىزىم
پەيدا بولغان ۋاقتى 1848-يىلى2- ئاي
خەنزۇچە نامى 马克思主义
ئىجاد قىلغۇچىسى ماركىس،ئىنگىلىس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   ماركىسىزىم بولسا پۈتكۈل دۇنيا پېرولتارىياتلىرىنىڭ ھەمدە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئازادلىق ئەركىنلىك توغۇرسىدىكى تەلىمات ،ئۇ ماركىسىزىملىق پەلسەپە ،ماركىسىزىم سىياسى ئىقتىسادشۇناسلىقى ئىلمىي ،سوتسىيالىزىم قاتارلىق ئۈچ چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ،يەنى ماركىس ۋە ئىنگىلىسنىڭ تەبىئەت ئىلمى ،ۋە ئىجتىمائىي ئىلىم توغۇرسىدىكى ئىلغار نەتىجىلەرگە تەنقىدى ۋارسلىق قىلىپ   ۋە قۇبۇل قىلىپ،19 –ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان پېرولتارىيات سىنىپىنىڭ ئىدىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئلمى سېستىما .   

ماركىسىزىم بولسا ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەھسۇلى ، ئۇ ئاساسلىقى گىرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپىسى ،ئەنگىلىيە كىلاسسىك سىياسى ئىقتىسادشۇناسلىقى ،ۋە ئەنگىلىيە،فىرانسىيە  خىيالى سوتسىيالىزىمغە تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان يېپيېڭى پېروتارىيات سىنىپى ئىدىيىسىنىڭ ئىلمى سېستىمىسى .

    ماركىسىزىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى  ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىنقىلاپ ،ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئىلىمى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى تىكلىدى ،پۈتۈن دۇنيا پېرولتارىياتلىرى ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بەردى ،ھەم ھەرقايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆتكۈر قورال بىلەن تەمىنلىدى .ماركىسىزىم دىننىي ئەقىدە ئەمەس ، بەلكى ھەرىكەت قىبلىنامىسى ، 100 نەچچە يىلدىن بۇيان ،ئۇ پېرولتارىيات سىنىپى ئازادلىق كۈرۈشىنىڭ غەلبە قازىنىشىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى ،ئىجىتىمائى ئەمەلىيەت ۋە ئىلىم پەن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدى ،ماركىس بىلەن ئىنگىلىس چوڭقۇر بولغان ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە .يەنە خەلقئارا كومنىزىم ھەركىتىگە قاتنىشىپ ،پېرولتارىيات سىنىپىنىڭ ئىنقىلاپ تەشكىلاتىنى قۇردى ،خەلقئارا پېرولتارىيات سىنىپىنىڭ ئىنقىلاپ كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلدى ،ماركىسىزىمنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدە چوقۇم ھەرقايسى دەۋر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمىليىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تارىخى دەۋردە ،ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى داڭلىق ماركىسىزىمچىلارمۇ دۆلىتىنىڭ ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇش ئەمىليىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ماركىسىزىم نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتماقتا ۋە تەرەققى قىلدۇرماقتا .               [0]                                               

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/9226.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#