ئاق سەندەل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تىنچلاندۇرۇش، ھارغىنلىقنى چىقىرىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، قاننى تازىلاش، قىزىتما قايتۇرۇش.
1. سەندەلنى گۇلابتا تاشقا سۈرۈپ ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن داكىغا سۈركەپ يۈرەكنىڭ ئۇدۇلىغا قويسا، يۈرەك سانجىقىنى توختىتىدۇ.
2. سەندەل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 10 گرامدىن. سوقۇپ، گۇلاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باش ساھەسىگە چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. بېنەپشە، بىدىمىشكى، سەندەل، گاۋزىبان 10 گرامدىن. چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ھارارەت، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىدۇ.
شەربىتى سەندەل، ئەرىقى سەندەل
يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، مېڭە ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، كونا يۆتەل، كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، قىزىتما، قان سىيىش، سۈيدۈك كۆيۈشۈپ كېلىش، سوزنەك، قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
سەندەلدە %2~6 كىچە ئۇچۇچان ماي بار. يەنە ئاز مىقداردا چۈمۈلە كىسلاتاسى، تاننىن، يېلىم قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.