ئۇيغۇرچە نامى ئۇلان ئۇس بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 77000 مو
پىنيىنچە يېزىلىشى wū lán wū sū zhèn
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌兰乌苏镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 20300 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0993

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلان ئۇس بازىرىئۇلان ئۇس بازىرىنىڭ يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، سۇ بايلىقى مول، تەبىئىي بايلىقى مول، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى كۆپ، دېھقانلارنىڭ كۆپ يىل شوغۇللانغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تەجرىبىسى بار، تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز. بۇ بازار ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى خېرىدار-مەبلەغ جەلىپ قىلىش ۋە تۈر قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۆستۈرگەن، پۈتۈن بازارغا قاراشلىق 22 كەنت ۋە 34 كارخانا، كەسپىي ئورۇن بار، ئومۇمىي نوپۇسى 20300 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 77000 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 3.82 مو.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئورتاق بېكىتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە كىچىك بازار بولۇپ بىكىتىلگەن.

ئۇلان ئۇس بازىرىئۇلان ئۇس بازىرى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈرۈمچى-ئىلى تاشيولىنىڭ 165 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا بولۇپ، شەرقىي تەرىپى بىلەن شىخەنزە شەھىرى نىڭ ئارلىقى 5 كىلومېتىر، جەنۇبى يېزا ئىگىلىك 8-شىسىنىڭ 143-تۇەن بىلەن قوشنا، غەربىي بىلەن ساۋەن ناھىيەسى نىڭ ئارلىقى 19 كىلومېتىر، «312»- دۆلەت يولى، ئۈرۈمچى-كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ كۆۋرۈكى بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، قاتنىشى قولاي.

ئۇلان ئۇس بازىرى قارمىقىدا: توپۇلى كەنتى، ئۇلان ئۇس كەنتى، خۇڭجاچۇ كەنتى، ۋەنجاساۋزا كەنتى، غەربىي دەرەخلىق كەنتى، لاۋيۈشۇ كەنتى، شىمىگۇ كەنتى، بېيخۇسۇن كەنتى، چۈەنيۈەن كەنتى، لىجياپىڭ كەنتى، چىڭجاڭزا كەنتى، خۇاڭگۇڭجاڭزا كەنتى، ۋاڭجياچۈ كەنتى، يازىچەن كەنتى، مياۋگۇڭدى كەنتى، سەنداۋچو كەنتى، شىياسىگۇڭ كەنتى، شاۋمىياۋ كەنتى، سۇجياجاڭ كەنتى، سەنگۇڭدەن كەنتى، شياسەنگۇڭ كەنتى، نەنچۈ كەنتى قاتارلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار.

ئومۇمىي كىرىمى

2006-يىلى، ئۇلان ئۇس بازىرىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 290 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 10.2% ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6754 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 ئاشقان.

يېزا ئىگىلىكى

ئۇلان ئۇس بازىرىھازىرغا قەدەر، پۈتۈن بازاردىكى ئىقتىسادىي ئورمان 3000 موغا، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىنىڭ كۆلىمى 1900 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. ئىقتىسادىي ئورمان تۈرى ئاساسلىقى ئامېرىكا قىزىل ئۈزۈمى، ئەنجۈر، شاپتۇل، ئەينۇلا، چىلان قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ قىزىل ئۈزۈمى 1300 مو، شاپتۇل 1000 مو، ھاراق ئېچىتىش ئۈزۈمى 500 مو، باشقا 200 نەچچە مو ھەرخىل مېۋە. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 212 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %3.5 ىنى ئىگەللىگەن.

كىرگۈزۈلگەن مەبلىغى

ئۇلان ئۇس بازىرىھازىر 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىككى خىش زاۋۇتى پات ئارىدا قۇرۇپ چىقىش ئالدىدا. 2006-يىلى بۇ بازارنىڭ  سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش پىلانى 7 مىليون يۈەن بولغان، ئاللىقاچان 8 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈلگەن.

ئۇلان ئۇس بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت باشتىن-ئاخىر ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىپ، تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق، جۇغراپىيىلىك ۋە ئانتروپولوگىيىلىك ئۈستۈنلۈكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، « يېزا ئىگىلىك مۇقىم بازار سانائەتتە كۈچلۈك بازار، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش بازىرى قۇرۇش، ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تۆت چوڭ كەسىپ كۈچلۈك تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىپ، سىيىر بېقىش، كالا، قوي بورداش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلقى، دەسلەپكى پەمىدۇر، يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز، ئەلا سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئالتە چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#