چۈ چيۇبەي

چۈ چيۇبەي

چۈ چيۇبەي (1899-1935-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داھىيلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىقتىدارلىق نەزەرىيە تەشۋىقاتچىسى ۋە ئەدىب. ئۇ تۇنجى بولۇپ «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى تەرجىمە قىلغۇچى، شۇنداقلا دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ بۇ جاراڭلىق جەڭ مارشىنى ئېيتىپ جازا مەيدانىغا كىرگەن ئۇلۇغ جەڭچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى 瞿秋白
باشقا نامى 瞿霜,瞿爽,瞿双
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1899-يىلى
كەسپى پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ، نەزەرىيىچى ، ئەدىب
خەنزۇچە ئىسمى 瞿秋白
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇنىڭ چاڭجۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1935-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۈ چيۇبەيچۈ چيۇبەي (1899 −1935-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داھىيلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىقتىدارلىق نەزەرىيە تەشۋىقاتچىسى ۋە ئەدىب. ئۇ تۇنجى بولۇپ «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى تەرجىمە قىلغۇچى، شۇنداقلا دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ بۇ جاراڭلىق جەڭ مارشىنى ئېيتىپ جازا مەيدانىغا كىرگەن ئۇلۇغ جەڭچى. 

چۈ چيۇبەي جياڭسۇنىڭ چاڭجۇ دېگەن يېرىدىن، ياش ۋاقتىدا بېيجىڭ رۇس مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1919-يىلى «4-ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، رۇس مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كوچىلارغا چىقىپ، فېئودالىزمغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەكسىيەتچى ساقچى، ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، لى داجاۋ تەشكىللىگەن ماركسىزم تەلىماتى تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1920-يىلى 10-ئايدا، «سەھەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەرگە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىسىنى ۋە ماركسىزم، لېنىنىزم ئىدىيەسىنى تارقاتقان. 1922-يىلى موسكۋادا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.

چۈ چيۇبەي 1923-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ ئورگان ژۇرنىلى − «يېڭى ياشلار» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، «ئاۋانگارتلار» ژۇرنىلىنى چىقارغان ھەمدە نۇرغۇن گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ماركسىزم، لېنىنىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1927-يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چۈ چيۇبەي مەركىزىي كومىتېتنىڭ «7-ئاۋغۇست» جىددىي يىغىنىنى چاقىرىپ، چېن دۇشيۇ ئوڭچىل پۇرسەتپەرەسلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. ئۇ يىغىندا سىياسىي دوكلات بەرگەن ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوزغاشنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلىپ، سولچىل تەۋەككۈلچىلىك خاتالىقى ئۆتكۈزگەن. 1928-يىلى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلىنىپ موسكۋاغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1930-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 6-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، پارتىيىگە زىيان كەلتۈرۈۋاتقان لىسەن لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان. 1931-يىلى، ۋاڭ مېڭ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىن قىستاپ چىقىرىۋېتىلگەن. 

شۇنىڭدىن كېيىن، چۈ چيۇبەي ئېغىر ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئاق تېررورلۇق قاپلىغان شاڭخەيگە بېرىپ، لۇشۈن بىلەن ھەمكارلاشقان ھەمدە سول قانات مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

چۈ چيۇبەي 1934-يىلىنىڭ بېشىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ جياڭشىدىكى سوۋېت رايونى ئىنقىلابىي بازىسىغا كېلىپ، مەركىزىي كومىتېت ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك ھۆكۈمىتى خەلق مائارىپى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا، ئۇ ئېغىر ئاغرىپ قالغاچقا، بازىدا قېلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1935-يىلى 2-ئايدا، باشقا جايغا يۆتكىلىش ئۈچۈن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ فۇجيەندىكى تىڭشۇيكۇ دېگەن يېرىگە كەلگەندە، بەختكە قارشى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شاڭخاڭ ۋە چاڭتىڭ تۈرمىسىگە قامالغان. دۈشمەننىڭ قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىشى ۋە يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆزىگە تارتىشى ئالدىدا، چۈ چيۇبەي قەتئىي تىز پۈكمەي ئۆز مەيدانىدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغان. 6-ئايدا، جياڭ جيېشى تېلېگرامما يوللاپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇغان. ئۇ تېلېگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن: «كاللىنى كېسىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئىرادىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىگىچە بەجانىدىل ئىشلەش بىز كوممۇنىستلارنىڭ پەلسەپىسى، ئىنقىلاب ئۈچۈن قۇربان بېرىش ئەڭ ئالىي شەرەپ» دېگەن. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا، ئۇ «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى جاراڭلىق ئوقۇغان، ئاندىن تىزلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، جاللاتقا: «بۇ يەر ناھايىتى ياخشى ئىكەن» دېگىنىچە دۈشمەن ئوقىدا مەردانىلەرچە قۇربان بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#