بەشتوغراق يېزىسى

بەشتوغراق يېزىسى

بەشتوغراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى شەرقىي شىمالغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بەشتوغراق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 35 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拜什托格拉克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى
نوپۇسى 5839 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەشتوغراق يېزىسىبەشتوغراق يېزىسى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى شەرقىي شىمالغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي چىرا چوڭ چۆللۈكى، غەربىي دول يېزىسى ئويمانيانتاق كەنتى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ئاچچىق تاغ ئالدىدىكى چۆللۈك، شىمالىي تەرىپى تەكلىماكان قۇرغاق چوڭ قۇملۇقى. بوستانلىق قىسمى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 7 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، كۆلىمى 35 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارمىقىدا 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 33 كەنت (كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى) بار؛ جەمئىي نوپۇسى 5839 ئادەم، ئاھالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، زاڭزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 5534 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 303 ئادەم، زاڭزۇ مىللىتى 1 ئادەم، خۇيزۇ مىللىتى 1 ئادەم. يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق يېڭىئېرىق كەنتى. ئاسفالت تاشيولى ناھىيە بازىرىدا.

1959-يىلى ئالدى بىلەن قىزىل بايراق گۇڭشې ھەر قايسى ئەترەتنىڭ ئەزالىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق بۇ بوز يەرلەرنى ئېچىپ، ئېتىز بەرپا قىلىغان. 

بەشتوغراق يېزىسى1960-يىلى باشقا گۇڭشېلاردىمۇ ئەزالار بۇ يەرگە  كۆچۈپ كېلىپ بوز يەر ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بەرپا قىلغان. 

1962-1960-يىلى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى تۈركۈم خەنزۇ ئاممىسى شىنجاڭغا كەلگەن، شۇ چاغدا بىر تۇتاش قىزىل بايراق گۇڭشې باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، نامى قىزىل بايراق گۇڭشې بوز يەر دېھقانچىلىق مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

1965-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، جياڭسۇ ئۇلاش چېگرىغا ياردەم بەرگۈچى ياشلاردىن 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ھەمدە ئەسلىدىكى ئەزالارنىڭ رەسمىي خوتەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قىزىلبايراق دېھقانچىلىق مەيدانى (ناھىيە قوشۇمچە) ئون ليەندۈي، بىر ئورمانچىلىق مەيدانى، ھەمدە ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى تەسىس قىلغان.

1973-يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قىزىلبايراق دېھقانچىلىق مەيدانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى  ئۆزگەرتىپ شەرق قىزاردى گۇڭشېسى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئون چوڭ ئەترىتى بار بولغان. 

1979-يىلى بەشتوغراق گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان.

1984-ھۆكۈمەت بىلەن گۇڭشېنى ئايرىم تەسىس قىلىپ، بەشتوغراق يېزىسى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

بەشتوغراق يېزىسىبەشتوغراق يېزا تاغ ئالدى چۆكۈندى تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولغاچقا، تۆت ئەتراپى قۇملۇق، كۆپ قۇم بارخانلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۈچلۈك، پۈتۈن بىر يىلدا غەربىي شىمال ھۆل-يېغىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃11، يەتتىنچى ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃26، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃7 بولىدۇ. تۇپرىقى قۇمساڭ تۇپراق، چېگرا ئىچىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ، يۇلغۇن، توغراق، ئاق قاڭالتىر، جىگدە قاتارلىقلار، ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار.

يېزىدا ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 18 مىڭ 100 مو بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، قوشۇمچە قىلىدىغان ياغلىق دان، پېلەكلىك زىرائەتلەر، چارۋىچىلىق.

2006-يىلى ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 3906.5 توننا؛ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 853.6 توننا؛ 25059 تۇياق چارۋا. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2278 يۈەن. بۇ يېزىدا ھاۋا كىلىماتى، تۇپراق ماسلىششى ياخشى بۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى بولۇپ، ناھىيە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا بويىچە بولغان ئىقتىسادىي چىلان ئورمان 10 مىڭ مو. چىلىنىنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. 

بەشتوغراق يېزىسى2004-يىلى «قۇملۇق ئورمىنى» ماركىلىق چىلىنى تاۋار ماركىسى بار بولغان. 3000 مو يۇلغۇن، توشقانزەدىكى بار.

بەشتوغراق يېزىسىنىڭ سۇ مەنبەسىدىن يىراق بولغاچقا، سۇ بايلىقى كەمچىل. 1968-يىلى 65 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياسىلىپ چوڭ چۆل-جەزىرلەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ سىڭىش مىقدارى چوڭ، پايدىلىنىش نىسبىتى كىچىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ سىڭمەس ئۆستەڭلەر ياسالغان. ئاچچىق دەرياسى، لوپ ناھىيەسىدىكى سۇ ئامبىرى، باش ئېغىزى، دەريا سۈيىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى، سۇ بايلىقى شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. 

يېزا ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان، پۈتۈپ ئاساسىي ئىككى غول ئۆستىڭى، تۈرلۈك يول ئورمان بەلۋېغى قاتارلىقلار ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يېزا ھەر قايسى كەنتلەر ئارا ئاددىي شېغىل تاشيولنى ئاساس قىلىپ ھەممە كەنتنىڭ يوللىرىنىڭ  ئاسفالتلىششى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بەشتوغراق يېزىسىيېزا بويىچە ھازىر بار بولغان ھەر خىل ئاپتوموبىل 43 دانە، ھەر خىل تېراكتور 140 دانە، ھەر خىل يېزا ئىگىلىك، پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىلىرى 320 دانە؛ يېزا بازارغا يېمەك-ئىچمەك، تۈرلۈك ماللار، تىككۇچىلىك، پار رېمونت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى مەركەزلەشكەن دۇكان جەمئىي 45. يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىر (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ)، يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ بىر، كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ 4، جەمئىي ئوقۇتقۇچى 66 ئادەم، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1104 نەپەر؛ كەنت دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى 12 گە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى قاتارلىقلار بار.

يېزا بويىچە جەمئىي مەسچىتتىن 16، مازار بىر، مازار سىياباغ ۋېيشى ھويلا كەنتىگە جايلاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#