ئېستونىيە

ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى
ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى (Republic of Estonia) قىسقارتىلىپ ئېستونىيە دىيىلىدۇ.  ئېستونىيە شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، كۆلىمى 45227 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، رۇسىيە زېمىنى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي لاتۋىيە بىلەن قوشنا، شىمالى قولتۇقى فىنلاندىيە دېڭىزى ئارقىلىق، غەربىي تەرىپى رىگا قولتۇقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. زىمىنى 45 مىڭ 227 كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئېستونيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 1 مىليون 324 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ %67 نى  ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن تىلى ئائىلىسىگە تەۋە. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئېستونىيە 爱沙尼亚
ۋاقىت رايونى UTC+2 (يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى: UTC+3)
دۆلەت تىلى ئېستون تىلى
نوپۇسى 1 مىليون 310 مىڭ(2015-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 爱沙尼亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى تاللىن
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 31 ئادەم/ كىۋادرات كىلومېتىر(2013-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى (Republic of Estonia) قىسقارتىلىپ ئېستونىيە دىيىلىدۇ.  ئېستونىيە شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، كۆلىمى 45227 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، رۇسىيە زېمىنى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي لاتۋىيە بىلەن قوشنا، شىمالى قولتۇقى فىنلاندىيە دېڭىزى ئارقىلىق، غەربىي تەرىپى رىگا قولتۇقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. زىمىنى 45 مىڭ 227 كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئېستونيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 1 مىليون 324 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ %67 نى  ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن تىلى ئائىلىسىگە تەۋە. ئېستون تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئېستونلار، %25 ىنى رۇسلار، %2 ىنى ئوكرائىنلار، %1 ىنى فىنلار ئىگەللەيدۇ. ئېستون تىلى دۆلەت تىلى.

دىنى : ئېستونيەلىكلەرنىڭ %13.6 پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، %12 پروۋسلاۋىيە دىنىغا، %1 كاتولىك دىنىغا  ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.

پۇلى : ياۋرو. ئېستونىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 

دۆلەت بايرىمى: (1918-يىلى) 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېستونىيەنىڭ رۇسىيەدىن مۇستەققىل بولغان كۈنى، (1991-يىلى) 8-ئاينىڭ 20-كانى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كۈنى

ۋاقىت رايونى : ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)؛

پايتەختى : تاللىن، ئاھالىسى  525 مىڭ.  

ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىئېستونىيە زىمىنى ئەسلىدە لاتىشلارنىڭ زىمىنى بولۇپ بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىن ۋە ئېستون خەلقى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە ئېستونىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر  كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا ئېستونىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1710-يىلى ئېستونىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى ئېستونىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1918-يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.1920-يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى مەجبۇرى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.1941-يىلى گېرمانىيە ئېستونىيەنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان، 1944-يىلى 9-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى قايتۇرىۋالغان.  1991-يىلى ئېستونىيە تۇنجى بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلاپ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى ئېستونىيە شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، كۆلىمى 45227 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، رۇسىيە زېمىنى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي لاتۋىيە بىلەن قوشنا، شىمالى قولتۇقى فىنلاندىيە دېڭىزى ئارقىلىق، غەربىي تەرىپى رىگا قولتۇقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسى ئۇزۇن سىزاڭ ئېلىكتىر تورى قورۇلۇشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1445 كىلومېتىر، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3794 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

كىلماتى

ئېستونىيەنىڭ كىلىماتى دېڭىز - ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە، ئوكيان روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەتىياز پەسلى سالقىن، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ياز ۋە كۈز پەسلى ئىللىق، نەم، قىش پەسلىدە سوغۇق بولۇپ قار كۆپ ياغىدۇ، قىش پەسلىدە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃7، ياز پەسلىدە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃16، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 500-700 مىللىمېتىر. 

ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى 2006-يىلى ئېستونىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 13 مىليارت 620 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 19 مىڭ 600 دوللار توغرا كەلگەن. ئېستونىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %10 بولۇۋاتىدۇ.

 ئېستونىيە زىمىنى ئاساسەن تۈزلەڭلىك، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولسىمۇ ياز مەزگىلى قىسقا، يازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 19 سېلسىيە بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز،  ئەمما ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، سانائەت ئاساسى ياخشى، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئەڭ باي جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن توغرا ئىقتىسادى سىياسەت ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە يىلىغا %10 دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ ھازىر ياۋروپادىكى باي دۆلەتلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.4، سانائەت %28، مۇلازىمەت %68.6 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2005-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 442 مىڭ، يانفون ئابونتى 1 مىليون 544 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 690 مىڭ بولغان.[0]

كان مەھسۇلاتى 

ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىتەبىئىي بايلىقى كەمچىل. ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلاردىن مايلىق سلانېتس (تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 6 مىليارد توننا) ، فوسفور كانلىرى (زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 4 مىليارد توننا) ، ھاك تاش قاتارلىقلار بار. ئورمان كۆلىمى 211 مىليون گېكتار، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 48 ، ئورمان زاپىسى 40 مىليون كۇب مېتىر، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ياغاچ ماتېرىياللىرى مىقدارى 178 كۇب مېترغا يەتكەن. 

ئېكولوگىيە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان، ئېستونىيە ھاۋا سۈپىتى دۆلەت ۋە رايونلاردا رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردۇ. [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#