شامال

ھاۋانىڭ گورىزونتال (تەكشى) يۆتكىلىشىدىن شامال پەيدا بولىدۇ. شامال ھەرقايسى جايلاردىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن شەكىللىنىدۇ.

نامى شامال
ئېنگلىزچە ئاتىلىشى wind
دەرىجىسى 0-17 بالغىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى
شەكىللىنىش سەۋەبى قۇياش رادىئاتسىيىسى ئىسسىقلىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شامالھاۋانىڭ گورىزونتال (تەكشى) يۆتكىلىشىدىن شامال پەيدا بولىدۇ. شامال ھەرقايسى جايلاردىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن شەكىللىنىدۇ. شامال ھاۋا بېسىمى يۇقۇرى جايدىن ھاۋا بېسىمى تۆۋەن جايغا قاراپ يۆتكىلىدۇ. ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا بېسىمى پەرقى قانچە يۇقۇرى بولسا، شامال كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شامال ئاتموسفېرادىكى ئىسسىقلىق بىلەن سۇ پارىنى يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۇچۇرۇپ ئاپىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى جايلاردا ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بوران ھەمىشە بىزگە ئوت ئاپىتىنى ئېلىپ كەلسىمۇ، بىراق بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرالايمىز.

شامال دەرىجىسى شامال كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا قارىتىلغان. 1805-يىلى ئەنگلىيەلىك بېئاۋفورد شامال دەرىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شامالنى 13دەرىجە (بال) غا ئايرىغان. 1946-يىلىدىن كىيىن شامال دەرىجىسى كۆپىيىپ 17 دەرىجىگە يەتكەن. 0 بالدا شامال بولمايدۇ، 17 بالدا ئادەمنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

مۇقىم يۆلىنىشتىكى بوران دەرەخلەرنى ئۆرۈۋېتىپلا قالماستىن، تاغ جىنىسلىرىنى ئاز-ئازدىن ئۇپرىتىپ، كۆرۈنىشى ھەرخىل بولغان، شامال يالاشتىن ھاسىل بولغان يەر شەكلىنى پەيدا قىلىدۇ. بوراق قۇم-شېغىللارنى يەر يۈزىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، قايتا يەرگە تاشلاپ، قايتىدىن تارقىتىپ، شامالدا توپلانغان شەكلى ھەرخىل يەر شەكلىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: قۇم سىزىقچىلىرى (قۇم ئۇمۇرتقىسى، قۇم سىزىقلىرى)، قۇم بارخىنى قاتارلىقلار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    60%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    40%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#