ھۈجەيرە

ھۈجەيرە

ھۈجەيرە (بىئولوگىيەدىكى جانلىقلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي بىرلىك ،ئېنگلىزچە ئاتىلىشى:cell  ) نىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى يوق، بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئاتىلىشى بولسا: ھۈجەيرە بولساقۇرۇلما ۋە ئىقتىدار جەھەتتە جانلىقلار تېنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي بىرلىك. ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولغىنى شۇكى ۋىرۇستىن باشقا بارلىق جانلىقلار ھەممىسى ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى چۇقۇم ھۈجەيرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ھۈجەيرە
چەتئەلچە نامى cell
خەنزۇچە نامى 细胞

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەتتە باكتىرىيە قاتارلىق چوڭ بىر تۈركۈم مىكروبلار شۇنداقلا پروتوزوئا قاتارلىقلار يەككە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن، يەنى تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلار، ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ۋە ئالىي دەرىجىلىك ھايۋاناتلار بولسا كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلاردۇر. ھۈجەيرە ئىپتىدائىي يادرۇلۇق ھۈجەيرە (پروكاريوتا،Prokaryotic cell) ۋە ھەقىقىي يادرۇلۇق ھۈجەيرە (ئېۋكاريوتا،Eukaryotic cells)دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچ تۈرگە ئايرىش كېرەك دەپ قارايدۇ، يەنى ئەسلىدىكى ئىپتىدائىي يادرۇلۇق ھۈجەيرە ئىچىدىكى قەدىمىي يادرۇلۇق ھۈجەيرىلەرنى ئايرىپ چىقىپ ئايرىم تۈرگە قويۇش. ھۈجەيرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى.

ھۈجەيرە ناھايىتى كىچىك، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۈزەتكىلى بولىدۇ، شەكلى ھەرخىل. ئاساسلىقى ھۈجەيرە يادرۇسى ۋە ھۈجەيرە پىلازمىسىدىن تۈزۈلگەن، سىرتقى يۈزىدە ھۈجەيرە پەردىسى بولىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ئۈسۈملۇك ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى سىرتىدا بىر قەۋەت ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ، ھۈجەيرە پىلازمىسىدا دائىم سىنتروزوما (مەركىزىي تەنچە) بولىدۇ، ئەمما ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ھۈجەيرىسىدا يوق بولىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ ھەرىكەت قىلىش، ئوزۇقلىنىش ۋە كۆپىيىش قاتارلىق فونكىسسىيىسى بار.

ھۈجەيرە (Cells) نى 1665-يىلى ئەنگىلىيىلىك ئالىم روبېرت.خۇك  ( Robert Hooke ،1635~1703 ) بايقىغان. ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزى ياسىغان ئوپتىكىلىق مىكروسكوپ ئارقىلىق يۇمشاق ياغاچ پرۇبكىنىڭ نېپىز پارچىسىنى كۆزەتكەن، چوڭلىتىپ كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىچىك بوشلۇقلارنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئېنگلىزچىدىكى بىلەن ئاتىغان، بۇ سۆزنىڭ ئېنگلىزچىدىكى ئەسلى مەنىسى كىچىك ئۆي ،بوشلۇق ئىدى، شۇڭا باشقا مەخسۇس سۆزلۈك ئىجاد قىلىنمىغان. خۇك كۆزەتكەن ھۈجەيرە ئاللىقاچان ئۆلگەن بولۇپ، پەقەت ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ قېپ قالغان ھۈجەيرە پوستىنىلا كۆرگىلى بولاتتى، گەرچە ئۇنىڭ كۆرگىنى بىر جانلىق تېنىنڭ بىرلىكى بولمىسىمۇ (چۇنكى ھاياتلىق ئالامەتلىرى يوق ئىدى)، كېيىنكى ئالىملار يەنىلا ئۇنىڭ تۆھپىسى چوڭ دەپ قاراپ، ئۇنى ھۈجەيرىنى بايقىغان تۇنجى كىشى دەپ ئېيتىدۇ. ئامەلىيەتتە ھۈجەيرىنى ھەقىقىي مەۋقەدە بايقىغان كىشى گوللاندىيىلىك بىئولوگ ئانتونىي.لېۋىن.خۇك (AntonivanLeeuwenhoek) . 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#