ئوربىتا ئۇچقۇسى

ئوربىتا ئۇچقۇسى

ئوربىتا ئۇچقۇسى بوشلۇق پونكىتى(كوسمپو پورت) بىلەن بوشلۇق بازىسى ئوتتۇرىسىدا ئادەملىك ياكى ئادەمسىز قاتنايدىغان ئۇچار كېمىدۇر. ئۇ ئاساسەن بوشلۇق پونكىتىدىكى سايمانلارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش، خورىغان بۇيۇملارنى تولۇقلاش، بوشلۇق پونكىتىدىن ماتېرىيال ۋە بوشلۇقتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ مەخسۇس بوشلۇق پونكىتلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغانلىقى ئۈچۈن «ئالەم پرىتسېپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوربىتا ئۇچقۇسى
چەتئەلچە نامى orbiter
خەنزۇچە نامى 轨道飞行器
باشقا نامى ئالەم پرىتسېپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوربىتا ئۇچقۇسىئوربىتا ئۇچقۇسى بوشلۇق پونكىتى(كوسمپو پورت) بىلەن بوشلۇق بازىسى ئوتتۇرىسىدا ئادەملىك ياكى ئادەمسىز قاتنايدىغان ئۇچار كېمىدۇر. ئۇ ئاساسەن بوشلۇق پونكىتىدىكى سايمانلارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش، خورىغان بۇيۇملارنى تولۇقلاش، بوشلۇق پونكىتىدىن ماتېرىيال ۋە بوشلۇقتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ مەخسۇس بوشلۇق پونكىتلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغانلىقى ئۈچۈن «ئالەم پرىتسېپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

ئوربىتا ئۇچقۇسى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى كىچىكرەك بولۇپ، ئوربىتا ماتورلۇق ئۇچقۇسى دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى كەڭرەك دائىرىدە ئوربىتىدىن يۆتكىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئۇ ئوربىتىدىن يۆتكىلىش ئۇچقۇسى دېيىلىدۇ. 

ئوربىتا ماتورلۇق ئۇچقۇسى

ئوربىتا ماتورلۇق ئۇچقۇسى ئېلىپ يۈرىدىغان ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ(پروپېللانت) ئازراق بولىدۇ، ئادەتتە مەركىزىي بوشلۇق پونكىتىنىڭ نەچچە كىلومېتىردىن نەچچە ئون كىلومېتىرغىچە بولغان ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىپ، بوشلۇق پونكىتى بىلەن بىر ئوربىتا تەكشىلىكىدىكى سۈنئىي ھەمراھ ياكى سۇپىلار ئارىسىدا قاتنايدۇ. ئۇ ئادەتتە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئىتتىرگۈچ بۆلمە، مەخسۇس فۇنكسىيىلىك بۆلمە ۋە بەزى زاپچاسلاردىن تەركىب تاپىدۇ. مەخسۇس فۇنكسىيىلىك بۆلمە بىلەن زاپچاسلار ئىتتىرگۈچ بۆلمىگە ۋەزىپە ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاقىتلىق چېتىلىدۇ، ئۇلار ئادەم ئولتۇرغان بېسىم كۈچەيتكۇچى بۆلمە بولۇشىمۇ، ئادەم ئولتۇرمىغان يۈك بۆلمىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇنداق ئوربىتا ئۇچقۇسىنىڭ ئۇچۇش مەشغۇلاتى مەركىزىي بوشلۇق پونكىتىدىن ياكى يەر ئۈستى كونترول مەركىزىدىن يىراقتىن كونترول قىلىنىدۇ؛ ئوربىتا ئۇچقۇسىنىڭ يېقىلغۇ ۋە سەرپىياتلىرىنى تولۇقلاش، ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرى بوشلۇق پونكىتىدا ئىشلىنىدۇ. ئۇ بوشلۇق پونكىتى بىلەن بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئوتتۇرىسىدا قاتناش كېمىسى رولىنى ئوينايدۇ. 

ئوربىتىدىن يۆتكىلىش ئۇچقۇسى

ئوربىتىدىن يۆتكىلىش ئۇچقۇسى كۆپرەك ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ ئېلىۋالىدۇ، ئۇ ئوربىتا تەكشىلىكىدىكى يانتۇلۇق بۇلۇڭىنى ئۆزگەرتىپ، بوشلۇق پونكىتىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر، ھەتتا36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى قەدەمداش ئوربىتىسىغا ياكى تېخىمۇ يىراق بوشلۇققا بېرىپ، باشقا ئوربىتىلاردىكى سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم ئۇچۇش ۋاسىتىلىرى(كوسمو ليۇت) ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى قاتناش-ترانسپورت قورالى رولىنى ئۆتەيدۇ.

ئوربىتا ئۇچقۇسىئالەم ئارا ئۇچۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوربىتا ئۇچقۇسى يېقىن ئوربىتىدىن ئوتتۇرا-يىراق ئوربىتىلارغا بارىدىغان زۆرۈر ترانسپورت كېمىسى بولۇپ قالدى، ئۇ ئالەم ئايروپىلانى بىلەن كۈچ ئۇلاپ توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بوشلۇقتىكى پائالىيەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#