كانارى تاقىم ئاراللىرى
كانارى تاقىم ئاراللىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان يانار تاغ ئاراللىرىدىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان يانار تاغ ئاراللىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار 1497-يىلىدىن باشلاپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1927-يىلى ئىككى ئۆلكىگە ئايرىلىپ ئىسپانىيىگە قوشۇلغان. بۇ ئاراللارنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 7273 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېنېرىقې، چوڭ كانارى، فوئېرتى، ۋېنتورا قاتارلىق يەتتە چوڭ ئارال بىلەن ئەتراپىدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 138 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپانىيە تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. مەركىزى لاس-پالماس شەھىرى. كانارى تاغلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەر شەكلى بەك ئېگىز-پەس، تېنېرىفى ئارىلىدىكى تېدى ھەرىكەتتىكى يانار تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3707 مېتىر كېلىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىش ئىشلىرىغا تايىنىدۇ. شېكەر قومۇشى، بانان، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر، ئاشلىق زىرائەتلىرى، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. سانائەتتە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېفىت ئايرىش، بېلىق گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.