بالىياتقۇ يەللىك ئىششىقى

بالىياتقۇ

بۇ كېسەللىك، بويىدىن ئاجراش، قىيىن تۇغۇت، بالىياتقۇ زەخىملىنىش ۋە بالىياتقۇ زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ كىندىك ئاستىدا كۆپۈپ ئاغرىيدىغان ئىششىق بولۇش، باسقاندا ئاغرىش، ئاغرىش يانپاش ۋە مەيدە تەرەپكە تاراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ يەللىك ئىششىقى
جۇڭيى تىبابىتى نامى بالىياتقۇ يەللىك ئىششىقى
خەنزۇچە نامى 子宫气肿
ئاساسلىق ئالامىتى كىندىك ئاستىدا ئىششىق بولۇش
كېسەللىك سەۋەبى بويىدىن ئاجراش، قىيىن تۇغۇت، بالىياتقۇ زەخىملىنىش
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇبۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ بوشلۇقى ۋە بالىياتقۇنىڭ توقۇلما ئارىلىقلىرىغا قويۇق يەل يىغىلىۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كلىنكىدا بالىياتقۇ كۆپۈش يەنى كىندىك ئاستى قىسمىدا يەل خاراكتېرلىك ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بالىياتقۇ يەللىك ئىششىقى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «باد رەھمى» ياكى «نەفخەتۇر رەھمى» دەپ ئاتىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا «بالىياتقۇغا يەل تۇرۇپ قېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.[0]

بۇ كېسەللىك، بويىدىن ئاجراش، قىيىن تۇغۇت، بالىياتقۇ زەخىملىنىش ۋە بالىياتقۇ زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

3. يەل پەيدا قىلغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. بالىياتقۇدىكى يات ماددىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. بالىياتقۇ زەئىپلىكى، قىيىن تۇغۇت، بالىياتقۇنىڭ مايماقلىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

كىندىك ئاستى، دوۋسۇن ساھەلىرىدە يەل خاراكتېرلىك ئىششىق پەيدا بولىدۇ، كىندىك ئاستىدا كۆپۈپ ئاغرىيدىغان ئىششىق بولۇش، باسقاندا ئاغرىش، ئاغرىش يانپاش ۋە مەيدە تەرەپكە تاراش، چېكىپ كۆرگەندە ئاۋاز چىقىش ۋە كۆپ مىقداردا سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كېلىش، بالىياتقۇ ئېسىلىپ، كۆپۈپ (چىڭقىلىپ) ئاغرىيدۇ، ھەيز مەزگىلىدە بۇ خىل ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ، باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ ھەمدە ئاغرىق يوتا ۋە كۆكرەك تەرەپلەرگە قاراپ تارقالغاندەك سېزىم بولىدۇ. چېكىپ تەكشۈرگەندە ناغرا ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، كىچىك تەرەت قېتىمى كۆپىيىدۇ، بەزىدە قەۋزىيەتلىكمۇ قوشۇلۇپ كېلىش  قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا يەل پەيدا قىلغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، قىيىن تۇغۇت، سوزۇلما بالىياتقۇ ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە دوۋسۇن ساھەسىدە يەل خاراكتېرلىك ئىششىق پەيدا بولۇش، بالىياتقۇ ئېسىلىپ ئاغرىش، چېكىپ تەكشۈرگەندە ناغرا ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز ئاڭلىنىش …… قاتارلىق ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنوز قۇيۇشقا بولدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. بالىياتقۇدىكى يات ماددىلار تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا بالىياتقۇ بوشلۇقى تازىلىنىدۇ.

3. بالىياتقۇدىكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئەسلىدىكى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4. يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بالىياتقۇنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەگەر خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن كېلىپ چىققان بولسا، تەڭشەش مەقسىتىدە ئومۇمىي بەدەننى ئىسسىق ساقلاش بىلەن بىرگە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەر تاللاپ قوللىنىلىدۇ. تېرىقنى قورۇپ قىزىتىپ، داكا ياكى رەختكە ئ−وراپ يەرلى−ك ئورۇنغ−ا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بابۇنە، مەرزەنجۇش، پودىنە، سوزاپ، كەرەپشە ئۇرۇقى، بەدىيان، بەرەنجاسىپ، زىرە، ئوغرىتىكەن قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامنى ئېلىپ سوقۇپ، زىمات تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم دوۋسۇن ساھەسىگە ئىسسىق ھالەتتە چېپىلىدۇ. زەنجىۋىل، جۇۋىنا، بۇغداي كېپىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرام، نەمەك ھىندىدىن 20 گرام ئېلىپ، قورۇپ ئىسسىتىپ، داكا ياكى رەخت ئوراپ بەلۋاغ ئورنىدا باغلىنىدۇ ياكى دوۋسۇن چات ساھەسىگە قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا يەل تارقاتقۇچى دورىلاردىن جۇۋىنا، زورەمباد، سوزاپ ئۇرۇقى … قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9 ~ 7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ياكى مەتبۇخ ھېلىلىدىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئايارەج پەيقىرا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گرامدىن؛ لوغانىزىيا كۈندە بىر قېتىم، كەچلىك تاماقتىن كېيىن، 5 ~ 3 دانىدىن؛ جاۋارىش ئەنبەر ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن؛ مەجۇنى سەنجىرىنا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش كۇمۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مائۇلئۇسۇل شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 50 مىللىتىردىن؛ پىننە گۈلقەنتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 15 ~ 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئەگەر قەۋزىيەتلىك بولسا ئىترىفىل مۇلەييىن كۈندە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 7 گرامدىن، ئىترىفىل زامانى كۈندە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بالىياتقۇنى تازىلاش مەقسىتىدە بەدىيان، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، سوزاپ يوپۇرمىقى، سۆئىتەر قاتارلىقلاردىن ھەر بىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەمەلچە تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ھەمەل قىلىنىدۇ. سېرىقچېچەك يېغى بىلەن دوۋسۇن ساھەسى ياغلىنىدۇ. جۇۋىنا، بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، بادرەنجى بۇيا، بابۇنە، زىرە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ بېرىلىدۇ. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قايتا يەل پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى : كات ھىندى، قەلەمپۇر، زۇرانبات، جويۇز، فۇپەل، مامىرانچىنى 30 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا تەمى چىققۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم ۋاننا قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

داۋالاشتەركىبى : زىرە مۇدەببەر ئىككى گىرام، قارىمۇچ ئالتە گىرام، زەنجىبىن، سۇزاپ يوپۇرمىقى سەككىز گىرامدىن، ئاق توغرىغا ئىككى گىرام، قېلىن دارچىن، قوۋزاقدارچىن، گۈلدارچىن، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، مەستىكى سەككىز گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى : بەدىيان، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، سەئتەر، بەرگى سۇزاپ 30 گىرامدىن، ھەسەل 120 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرام دورىنى پاكىز داكىغا ئوراپ جىنسىي يولغا قويۇلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: كالا گۆشىدە تەييارلانغان قىيمىلىق غىزالار، كاۋا، پېتىر مانتا، ئارپا نېنى، چالا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، لازا، ئاچچىقسۇ، پىياز …… قاتارلىقلار.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ، كەپتەر، پاقلان گۆشى ۋە شورپىلىرى، قىيمىلىق تاماق قاتارلىقلار.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېۋىبە تورى 

http://www.tiwiba.com/?p=76

1.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1294

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تېۋىبە تورى

http://www.tiwiba.com/?p=76

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#