قورساققا يەل يىغىلىش

قورساققا يەل يىغىلىش

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قورساق بوشلۇقىغا يەل يىغىلىپ، كلىنىكىدا قورسقا كۆپۈش، چېكىپ تەكشۈرگەندە زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش، كىندىك پولتىيىپ چىقىپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

قورساققا يەل يىغىلىش ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىستىسقائى تەبەلى» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى

قورساققا يەل يىغىلىش

تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى
腹滞气
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


 ھەزىم  ئەزالىرىنىڭ خىزمىتى ياخشى بولماسلىق 

ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتى ياخشى بولمالسىق سەۋەبىدىن يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ، بۇزۇلۇپ چىرىشى نەتىجىسىدە ئاشقازان، ئۈچەيدە يەل پەيدا بولىدۇ. جىگەر خىزمتى ياخشى بولمىغاندىمۇ سان-سۈپەتكە لايىق خىلىت ئىشلەپچىقىرىلماي يەل پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەللەر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قورساق بوشلۇقىغا چىقىپ قورساققا يەل يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك كىتابلىرىدا ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىملىرى ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، نەجمىدىن سەمەرقەندى دېگەن ئالىم «قوۇرق ئىستىسقانىڭ سەۋەبى-جىگەردە ھارارەت ياكى ئاشقازاندا سوغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك زىيادە بولغان ئەھۋالدا ئاشقازان يېمەكلىكلەرنى ياخشى ھەزىم  قىلماستىنلا جىگەرگە ماڭغۇزۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەرنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەزىم بولۇشقا لايىقلاشمىغان ئوزۇقلۇقلارنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۈچەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن ياخشى خىلىت ھاسىل بولماي ئەكسىچە يەل پەيدا بولۇپ چىقىدۇ» دەپ بايان قىلغان.

ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا «ئەلقانۇن فىت تىب»دا «قۇرۇق ئىسسىتسىقانىڭ سەۋەبى ئاشقازاننىڭ ھەزىم ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە غەلىز، ئېغىر تاماقلارغا باغلىنىشلىق ئەھۋال» دەپ بايان قىلىنغان.

 يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش

قورساققا يەل يىغىلىشقورساق تۇلۇمدەك كۆپىدۇ، ئېغىرلىق بولمايدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، قورساق تېرىسى تارتىشىپ چىڭقالغاچقا كىندىك پۇلتىيىپ چىقىپ قالىدۇ. بىمار كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىدۇ، كېكىرىشنى خالايدۇ، قورساقنى چېكىپ تەكشۈرگەندە زىيادە ئوچۇق تاۋۇش چىقىدۇ.

ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قورساق تۇلۇمدەك كۆپۈش، كىندىك پۇلتىيىپ قىلىش، چېكىپ تەكشۈرگەندە زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

1. ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

2. جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. يەل تارقىتىش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش مەقسىتىدە ئامىلە نۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش ئۇد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان جاۋارىش كۇمۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10~7 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى خولىنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

جاۋارىش كۇمۇنى نۇسخىسى: زىرە پىننە 50 گرامدىن، قارىمۇچ، ئاق توغرىغۇ، دارچىن، جۇۋىنا 20 گرامدىن، زەنجىۋىل، سۇزاپ، قەلەمپۇر 30گرامدىن، بىلسان ئۇرۇقى، مەستىكى رۇمى 15 گرامدىن، زەپەر 10 گرام، ھەسەل 1000 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۇن تەييارلىنىدۇ.

جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، سىركەنجىۋىل بۇزۇرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، مەجۇنى دەبدىل ۋەرىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىمن، داۋائىلكۇركۇم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 7~5 گرامدىن ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يەل تارقىتىش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئادراسمان ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى، توغرىغۇ، قارا شېكەر 10 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە شامچە تەييارلاپ مەقئەتكە كىرگۈزۈلىدۇ.

ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، مەرزەنجۇش، قۇندۇز قەھرى، سۇزاپ ئۇرۇقى، توغرىغۇ، سۆئىتەر، پۇردىنە 10 گرامدىن ئېلىپ، تالقانلاپ، سۇزاپ ئۇرۇقىنىڭ سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ قورساق ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

سانا 21گرام، سېرىق ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، ئامىلە 15 گرامدىن، بىنەپشە، نېلۇپەر 10 گرامدىن، سەرپىستان، كاسىنە ئۇرۇقى 12گرامدىن،فۇنۇس، خىيارشەنبەر 45 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام ئېلىپ، تەرەنجىبىن بىلەن خىيارشەنبەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قايناق سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ، سۈزۈپ، باشقا دورىلارنى سوقۇپ، قاينىتىپ، يۇقىرىقىلارنىڭ سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۈزۈپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بەدىيان، رۇم بەدىيان، قاقىلە، ئىتئۈزۈمى 10 گرامدىن، دارچىن 15 گرام، زەنجىۋىل، پىلپىل، كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 12 گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ دەملەپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ  قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ھەببى سەكىبۇنەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، مەجۇنى سەنجىرىنا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، داۋائىلمىشكى كۈندە ئىكى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن، ماددەتۇل ھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرادمىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن، مەسىلەن: كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى، قىيمىلىق تاماق، سوغۇق يېمەكلىكلەر ۋە پىشمىغان مېۋە-چىۋىلەردىن ۋە سۈتتىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىدىن، بۇزۇلغان، چېرىگەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=834

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#