سەلىن دەمىرئاتار

سەلىن دەمىرئاتار

سەلىن دەمىرئاتار، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان، تۈركىيە لىك كىنو ئارتىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سەلىن دەمىرئاتار
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
يۇرتى ئىستانبۇل
كەسپى كىنو ئارتىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塞琳.黛米阿塔
مىللىتى تۈرۈك
تۇغۇلغان ۋاقتى 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەلىن دەمىرئاتارسەلىن دەمىرئاتار، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان، تۈركىيەلىك كىنو ئارتىسى. بالىلىقىدىن تارتىپ ۋۇجۇدىدا تولۇپ تاشقان ئاكتىيورلۇق مۇھەببىتى سىڭدۈرگەن ئۇماق قىز سەلىن ئانتالىيە ۋىلايەتلىك تىياتىر ئۆمىكى تەربىيىلەش كۇرژۇكىدا ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشقان ھەم ئۆزىدىكى ئاكتىيورلۇق تالانتىنى نامايان قىلىپ ھەرخىل گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئورۇن ئالغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ ئاكتىيورلۇق ساھەسىگە قەدەم تاشلىغان ھەمدە ئېلان،تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو فىلىملىرىدە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى پېرسوناژلار ئوبرازلىرىنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان.

1999-يىلىدىكى «MISS GLOBE» يەر شارى گۈزەللىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە بويىچە 1-دەرىجە ۋە دۇنيا گۈزەللىرى بويىچە 3-دەرىجىگە ئېرىشىكەن.

سەلىن دەمىرئاتارنىڭ تۇنجى رول ئالغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى 2001-يىلى تۈركىيە تېلىۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئورۇن ئالغان «90-60-90 » فىلىمى بولۇپ، فىلىمدىكى بۇرجۇ ئوبرازى كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا زور غولغۇلا قوزغىغان ۋە كەينى كەينىدىن «تولۇق ئوتتۇرا دەپتىرى»، «ئابدۇلھەمىديىقىلغاندا»، «سەۋدايى»، «ئادانالىق»، «ئاچچىق ھايات» قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ھەرخىل پېرسوناژلارنىڭ رولىغا چىققان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2005-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئاچچىق ھايات» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژ نەرمىنگە ئالغان رولى تۈركىيە كۆرۈرمەنلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇنتۇلماس مۇھەببەت خاتىرىسى قالدۇرغان. كېيىنكى فىلىملىرىدىن «ئۇ ئايال»، «توختا يولوچى» قاتارلىقلار بار.

تۆۋەندىكىلىرى سەلىن دەمىرئاتارنىڭ رول ئالغان فىلىملىرى:

90-60-90

Abdülhamit Düşerken

Mazhar Alanson

Ah Bu Ben Kli

Koçum Benim

Lise Defteri

Şaşkın

Acı Hayat

ADANALI[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#