ئەڭ تەس ئېرىيدىغان مېتال

ۋولفرام

مېتاللار دۇنياسىدىكى ئەڭ تەس ئېرىيدىغان مېتال ۋولفرام ، ئۇنىڭ ئېرىش نۇقتىسى 3410 گرادۇس. ۋولفرامنىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى قاتتىقلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى ، ئۇ پولاتقا ئازراق قوشۇلسا پولاتنىڭ قاتتىقلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېتاللار دۇنياسىدىكى ئەڭ تەس ئېرىيدىغان مېتال ۋولفرام ، ئۇنىڭ ئېرىش نۇقتىسى 3410 گرادۇس بولۇپ ، ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ دېيىلسىمۇ لېكىن ۋولفرام ئالدىدا يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي قالمايدۇ . 

ئامېركىلىق ئالىم ئىدىسۇننىڭ لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا يورۇپ كەتتى . لېكىن ئەينى ۋاقىتتا لامپۇچكىغا ئىشلىتىلگەن سىمنىڭ ئىسسىقلىققا قارشى تۇرۇشچانلىق تۆۋەن بولغاچقا ، لامپۇچكىنىڭ ئۆمرى قىسقا ئىدى. 

1904-يىلى، ئاۋىستىرلىيەلىك ئالىملاردىن يۇستىر بىلەن فىرمان ۋولفرام سىمىدىن بىرخىل لامپۇچكىنى ياساپ چىقتى . بۇ لامپۇچكا تېخىمۇ يورۇق ھەم تۇراقلىق ئىدى ، ۋولفرام سىمى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداشلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن ،ئۇنىڭدىن ياسالغا لامپۇچكىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، بۇنداق لامپۇچكىلار تا بۇگۇنگە قەدەر ئىشلەنمەكتە ، ۋولفرام بىزگە يورۇقلۇق ئاتا قىلدى ئۇ ئىنسانلارنىڭ « يورۇقلۇق پەرىشتىسى» بولۇپ قالدى . 

ۋولفرامنىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى قاتتىقلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى ، ئۇ پولاتقا ئازراق قوشۇلسا پولاتنىڭ قاتتىقلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ، بۇنداق پولاتلاردا پىچاق قاتارلىقلار ياسىلىدۇ ، ئۇ باشقا مېتاللارنى كېسەلەيدۇ . تەركىبىدە ۋولفرام بولغان پولاتلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىمۇ خۇسۇسيىتى ئۆزگەرمەيدۇ ، مەزمۇت ھەم قاتتىقلىقنى ساقلايدۇ ، شۇڭا ۋولفىراملىق پولاتتىن كېسىش ،قىرىش ماتىرىياللىرى ياسىلىدۇ . 

دۆلىتىمىزدە قەدىمكى زاماندىلا تۆمۈرنى خۇددى لاينى كەسكەندەك كېسىدىغان شەمشەر ، قىلىچ قاتارلىقلار ياسالغان . ئالىملار ئۇلارنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىپ ، ۋولفىرام بارلىقىنى بىلگەن .

ۋولفىرام تەبىئەت دۇنياسىدىكى رودىلاردا باشقا مېنراللار بىلەن بىرگە ئۇچرايدۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ ۋولفىرام زاپىسى دۇنيا بۇيىچە 1 -ئورۇندا تۇرىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#