بارىكۆل قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى

بارىكۆل قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى

بارىكۆل قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى بارىكۆل ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، بۇ باغچا 2004-يىلى 5-ئايدا سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 125 مو، مەيدانى پۈتۈنلەي دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئوتلاق، مۇھىتى گۈزەل، مەنزىرسى يېقىملىق.

ئۇيغۇرچە نامى بارىكۆل قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى
سېلىنغان ۋاقتى 2004-يىلى 5-ئاي
تەۋەلىكى قومۇل شەھىرى بارىكۆل ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 巴里坤哈萨克民族风情园
كۆلىمى 125 مو
دەرىجىسى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئوتلاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارىكۆل قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى بارىكۆل ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، بۇ باغچا 2004-يىلى 5-ئايدا سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 125 مو، مەيدانى پۈتۈنلەي دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئوتلاق، مۇھىتى گۈزەل، مەنزىرسى يېقىملىق.

قازاقلارنىڭ كىگىز ئۆيىدىن 13ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان قول بىلەن ياسالغان كېگىز ئۆي بار، بۇ كېگىز ئۆينىڭ ئىچكى دىئامېتىرى 21 مېتىرغا يېتىدۇ، قورشاۋ تامنىڭ ئېگىزلىكى 2.3 مېتىر كېلىدۇ، ياي چوققىسىنىڭ خادا ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر، بىر قېتىمدىلا 120 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدۇ، كىگىز ئۆي ئىچىدە قازاق ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، زىننەت بۇيۇمى، كىيىم-كېچەك، چىرايلىق ۋە قىممەتلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ساياھەتچىلەرنى تاماق، تاماشا، سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

چوڭ كېگىز ئۆيىنىڭ ئىككى يېقىدا 12 نىسبەتەن كىچىك  قول بىلەن ياسالغان قازاق كېگىز ئۆي بار، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار،، ساياھەتچىلەرنى مۇستەقىل كۈتىۋالىدۇ، ھەمدە ھەر خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ بىر قېتىمدىلا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش قېتىم سانى 480 گە يىتىدۇ. ئۆرپ-ئادەت باغچىسىغا 2 مىليون 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يول، يول چىرىغى، ناخشا ـ ئۇسسۇل ئويۇن قويۇش زالى، بەيگە مەيدانى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ھۈنەر-سەنئەت ياغاچ قاشا، چىملىق چىرىقى، مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا، ئەخلەت كۆلچىكى، قازاق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى (قانات، ئىلەڭگۈچ ئويناش قاتارلىق) قاتارلىقلار سېلىنغان. ناخشا-ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇش زالىنىڭ كۆلىمى 256 كۋادرات مېتىر، بىر قېتىمدا 100 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالالايدۇ. بەيگە مەيدانى 10000 كۋادرات مېتىر. ئەلا سۈپەتلىك 20 نەچچە دانە ئات، 6 دانە ئۆچكە، 2 دانە تۆگە سەپلەنگەن.

ھازىرغا قەدەر، ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا 72 كەسىپى خادىم بار، بۇنىڭ ئىچىدە باشقۇرغۇچى 15 نەپەر، مۇلازىمەتچىلەر 57 نەپەر. 2006-يىلى، ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە ئەمگەك تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە، تەربىيىلەش كۇرسى ۋە ئەمەلىي تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساياھەت مۇلازىمەت ماھارىتى، ئومۇمىي خادىملار بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 8 بەپەر خادىم تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن، ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ھازىرغىچە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 26 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، ھازىرلانغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. 

بارىكۆل قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ مۇھىتى گۈزەل، قاتنىشى قولاي، مۇلازىمىتى ئەلا، ئىنتايىن ياخشى ساياھەت ئورنى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#