يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

1989-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان 2004-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国传染病防治法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى(1989-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان 2004-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، كىشلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە جامائەت ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئالدىنى ئېلىشىنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرىدۇ، ئىلىم-پەنگە، ئاممىغا تايىنىدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەل A تۈرگە، B تۈرگە، C تۈرگە ئايرىلىدۇ. 

A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل چۇما، خولېرانى كۆرسىتىدۇ. 

B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇملۇق سارس، ئەيدىز، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، يۇلۇن سۇر ماددا يالغۇغى، ئادەم يۇقۇملىنىدىغان تېز كېسەل پەيدا قىلىدىغان قۇش زۇكىمى، قىزىل، تارقىلىشچان قاناش قىزىتمىسى، غالجىر كېسىلى، تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى، دېنگې قىزىتمىسى، كۆيدۈرگە، باكتېرىيىلىك ۋە ئاميوبالىق تولغاق، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، كېزىك ۋە پارا كېزىك، تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى، كۆكيۆتەل، بوغما، بوۋاق قاتما كېسىلى، ئىسكارلاتىنا، برۇتسېلۇز، سۆزنەك، سېبلىس، لېپتوسىپروز كېسىلى، قان شورىغۇچ قۇرت كېسىلى، بەزگەكنى كۆرىسىتىدۇ. 

C تۈرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىشچان زۇكام، تارقىلىشچان گۆرەن بەز ياللۇغى، سوغان، ئۆتكۈر قاناشچان بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، ماخاۋا كېسىلى، تارقىلىشچان ۋە يەرلىك ئەسۋىلىك كېزىك، كالا ئازار كېسىلى، قاپلىق قۇرت كېسىلى، قىل قۇرت كېسىلى، خولېرا، ۋىروسلۇق ۋە ئاميوبالىق تولغاق، كېزىك ۋە پارا كېزىكتىن باشقا يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش ۋە خەۋپ يەتكۈزۈش ئەھۋالىغا قاراپ، B، C، تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل قاتارىغا كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. 

4-ماددا B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەردىن تارقىلىشچان سارس، كۆيدۈرگىلەردىن ئۆپكە كۆيدۈرگىسى ۋە ئادەم يۇقۇملىنىدىغان تېز كېسەل پەيدا قىلىدىغان قۇش زۇكىمىغا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تېزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. B تۈردىكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەل ۋە تاسادىپىي پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەللەردىن مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغانA تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان باشقا يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئەھۋالغا قاراپ B تۈردىكى ياكى C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بويىچە باشقۇرۇشنى بەلگىلەپ ھەم ئېلان قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. 

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش، داۋالاپ ساقايتىش ۋە نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. 

6-ماددا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، نازارەت قىلش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا تارماقلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

ئارمىيىدە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى مۇشۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېلىپ بىرىلىدۇ، ئۇنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئېپىدېمىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش شۇنىڭدەك ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش جەھەتتىكى باشقا خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

دۆلەت ئاپپاراتلىرى داۋالاپ ساقايتىشقا ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ۋە مەسئۇلىيەت رايونى ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ئۈستىگەئالىدۇ. شەھەر مەھەللىلەردىكى ۋە يېزا ئاساسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ، يېزا ئاساسىي قاتلاملانىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

8-ماددا دۆلەت زامانىۋى تىبابەتچىلىك ۋە جۇڭگو تىبابەتچىلىكى–دورىگەرلىكىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. 

دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. 

9-ماددا دۆلەت ئورن ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ ۋەرىغبەتلەندۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋاشقا ئائىت تەشۋىق–تەربىيە ئېلىپ بېرىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، پىدائىي مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئاھالە كومىتېتى ئاھالىنى، كەنت ئاھالىسىنى مەھەللە، يېزىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى كېرەك. 

10-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ساغلاملىق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئاممىۋى تازىلىق تەربىيىسىگە ئائىت جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

ھەردەرىجىلىك-ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق بىلىمىلىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەلىم–تەربىيە بېرىشى كېرەك. 

تىببىي ئالىي مەكتەپلەر مۇداپىئە مىدىتسىنا تەربىيىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا خادىملارغا مۇداپىئە مىدىتسىنا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى كېرەك. 

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆز خادىمىلىرىنى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىم–ماھارىتى بويىچە قەرەللىك تەربىيىلىشى كېرەك. 

11-ماددا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە كۆرنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقان ئورۇن، شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ. 

يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كېسەل بولغان، مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ياردەم پۇلى، نەپىقە بېرىلىدۇ.

12-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىكى بارلىق ئورۇن، شەخسلەر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگەدائىر ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىش، ئايرىپ داۋالاشتەك ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى شەرت. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ شەخسنىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئالاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ياكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللىنىپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز يەتكۈزسە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

2-باب يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى تازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ–قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ، مەدەنىي–ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاممىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېڭىنى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، مۇھىت تازىلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيىتىدۇ، چاشقان ئاپىتى ۋە پاشا، چىۋىن قاتارلىق كېسەل يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى خىزمەت ئىش تەقسىماتى بويىچە ئېتىزلاردا، كۆل دائىرىسىدە، دەريا–ئېقىنلاردا، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىدا ۋە ئورمانلىق رايونىلىرىدا چاشقان ئاپىتىنى ۋە قان شورىغۇچ قۇرت خەۋپىنى شۇنىڭدەك يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىدىغان جانۋار ۋە يۇقتۇرىدىغان باشقا جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىشكە ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە يېتەكچىلىك-تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. 

تۆمۈر يول، قاتناش ۋە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قاتناش قوراللىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى چاشقان ئاپىتى، پاشا، چىۋىن قاتارلىق كېسەل يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تەشكىلاتچىلىق قىلىپ تۈگىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

14-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى تازىلىق مۇئەسسەسەلىرىنى پىلانلىق قۇرۇپ چىقىشى ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشى، ئىچىملىك سۇ تازىلىقىنى ياخشىلىشى، پاسكىنا سۇ، بۇلغانما، چوڭ–كىچىك تەرەتنى زىيانسىزلاندۇرۇشى لازىم.

15-ماددا دۆلەت پىلانلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىپ ئەملەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك، ئاپتونوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئەملەش يىرىك پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇشقا شەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمگە توشۇشى شەرت. 

دۆلەت بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئەملەش كىنىشكاتۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى تۈرىدىكى ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئەملەش ھەقسىز بولىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى بالىلارنىڭ ۋەسىيلىرى بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بالىلارغا ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

16-ماددا دۆلەت ۋ جەمئىيەت يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىغا، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلارغا ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىشى لازىم. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىنى، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلارنى ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىنىڭ، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلارنىڭ ۋە كېسەل بېمارلىرنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىشتىن ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك گۇمانىدىن ساقىت قىلىنىشتىن ئىلگىرى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇغۇنللىنىشنى مەنئى قىلغان شۇ يۇقۇملۇق كېسەل ئاسان تارقىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. 

17-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆرستىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. 

گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆرىتىش يىرىك پىلانى ۋە لايىھىسىنى تۈزىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لايىھىسىگە ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش پىلانى ۋە خىزمەت لايھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ھەردەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى، تاقىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغا ئامىلنى كۆزىتىدۇ؛ دۆلەت سىرتىدا پەيدا بولغان، دۆلەت ئىچىدە تېخى پەيدا بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى ياكى دۆلەت ئىچىدە يېڭى پەيدا بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىدۇ.

18-ماددا ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە تۆۋەندىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ: 

(1) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، پىلانى ۋە لايىھىسىنى يولغا قويۇش؛

(2) يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى يىغىش، تەھلىل قىلىش ۋە مەلۇم قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش ۋە يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەش؛ 

(3) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋە تاسادىپىي ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى ئېپىدېمىئولوگىيىلىك ئېنىقلاش، نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش؛ 

(4) يۇقۇملۇق كېسەلنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش ۋە ئېتىئولوگىيىلىك باھالاش؛ 

(5) ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، ئالدىنى ئالىدىغان بىئولوگىك ياسالمىلارنى ئىشلىتىش–باشقۇرۇش؛ 

(6) ساغلاملىق تەربىيىسىنى، مەسلىھەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىمىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛

(7) تۆۋەن دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپارالىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە شۇ جەھەتتىن تەربىيىلەش؛

(8) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر ئەمەلىي تەتقىقاتنى ۋە سەھىيە جەھەتتىن باھالاشنى قانات يايدۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش. 

دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى شۇنىڭدەك تارىلىشىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەيدۇ، ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلنى ئېتىئولوگىيىلىك باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ، تەكشۈرۈش، سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرىدۇ، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە سەھىيە جەھەتتىن باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ. 

رايونلۇق شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى، لايىھىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئىممۇنىتېتلاش، دېزىنفىكسىيە قىلىش، كېسەل يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تىزگىنلەشكە تەشكىللەيدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىمىلىرىنى ئوموملاشتۇرىدۇ، ئۆز رايونىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋە تاسادىپىي ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى، كۆزىتىش، مەلۇم قىلىشقا، ئېپىدېمىئولوگىيىلىك ئېنىقلاش ۋە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەل قوزغىغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. 

19-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلدىن سىگنال بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. 

گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش يۈزلىنىشىنى كۆزىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەلدىن ۋاقتىدا سىگنال بېرىدۇ، ئۇنى ئەھۋالغا قاراپ ئېلان قىلىدۇ. 

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھىسىنى تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھىسى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى؛ 

(2) يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش، ئۇچۇر يىغىش، تەھلىل قىلىش، مەلۇم قىلىش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمى؛

(3) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغان ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى؛ 

(4) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇش، تارقىلىش ئەھۋالىنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ جىددىي تەدبىر كۆرۈش خىزمەت لايىھىسى؛ 

(5) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونى نەق مەيدانىنى تىزگىنلەش، جىددىي تەدبىر كۆرۈش مۇئەسسەسە–ئۈسكۈنىلىرىنى، داۋالاپ ساقايتىش دورىلىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شۇنىڭدەك باشقا ماددىي ئەشيا، تېخنىكا زاپىسى ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەل سىگىنالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھىسى بويىچە، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. 

21-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ داۋالاشتا يۇقۇشى ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇشىدىن ساقلىنىشى شەرت. 

داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشقا، ئۆز ئورنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتى شۇنىڭدەك مەسئۇلىيەت رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا؛ داۋالاشتا دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار خەتەرلىك ئامىللارنى كۆزىتىش، بىخەتەر قوغدىنىش، دېزىنفىكسىيە قىلىش، ئايرىش ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇس تارماق ياكى خادىم بەلگىلىشى كېرەك.

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشكە، ئېپىدېمىئولوگىيىلىك ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل مەخسۇس خادىم بەلگلىشى كېرەك.

22-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ۋە كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزىم تەجرىبىسى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلار، دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە توغرا كېلىشى، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمى تۇرغۇزۇشى، يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنى ئەۋرىشكىسىنى بەلگىلىگەن تەدبىر بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىشى، باشقۇرۇشى، يۇقۇملۇق كېسەل پاتولوگېنىنىڭ تەجرىبىخانىدا يۇقۇشىدىن ۋە كېسەل قوزغىغۇچى مىكرو ئورگانىزمنىڭ تارقىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

23-ماددا قان ئېلىش–قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى، بىئولوگىك ياسالمىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، قان، قان ياسالمىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. قاننى قانۇنسىز ئېلىش ياكى باشقىلارنى قان سېتىشقا تەشكىللەش مەنئى قىلىنىدۇ. 

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قان ياسالمىسىنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، قان سېلىش، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبى بىلەن كېسەلنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى شەرت. 

24-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ؛ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. 

ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىدىن كارانتىندىن ئۆتەلىگەنلىرىنى سېتىشقا، توشۇشقا بولىدۇ. 

26-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيە تۈرى ۋە ۋىرۇس تۈرى ئامبىرى قۇرىدۇ. 

يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيە تۈرىنى، ۋىرۇس تۈرىنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ئەۋرىشكىنى ساقلاش، ئېلىپ يۇرۇش، توشۇش ۋەئىشلىتىشتە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمنى تۇرغۇزۈلىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 

A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنى يۇقتۇرۇش ئېھتىمالى بولغان شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باكتېرىيە تۈرى، ۋىرۇس تۈرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ئەۋرىشكىنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش ۋە ئىشلىتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تامىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

27-ماددا يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن بۇلغانغان پاسكىنا سۇ، بۇلغانما، ئورۇن ۋە بۇيۇملارنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياكى ئوتتۇرىغا قويغان سەھىيە تەلىپى بويىچە قاتتىق دېزىنفىكسىيىلەپ بىر قىلىشى شەرت؛ دېزىنفېكسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلغانلارنى شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى مەجبۇرىي دېزىنفىكسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىدۇرىدۇ.

28-ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن تەبىئىي يۇقۇملۇق كېسەل مەنبەسىدە سۇ ئىنشائاتى، قاتناش، ساياھەتچىلىك، ئېنېر گىيە قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش چوڭ–چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرۇلۇش ئېلىپ بىرىش مۇھىتىنى سەھىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش جەھەتتە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىگە مەسئۇل مەخسۇس ئادەم قۇيۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىشى كېرەك. 

29-ماددا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئىچىملىك سۇ ۋە ئىچىملىك سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش ياكى تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن بويىچە تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك. 

يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچقىرىشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

3-باب يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش

30-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى ياكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغانلىقى، تارقالغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى بايقىغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى مەلۇماتىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىگە ئەمەل قىلىپ، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ياكى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن مەزمۇن، تەرتىپ، ئۇسۇل ۋە مۆھلەت بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

ئارمىيىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى جامائەتكە داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشى، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق تارمىقىنىڭ بەلگىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىش كېرەك. 

31-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى بايقىغاندا، يېقىن ئەتراپتىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

32-ماددا پورت، ئايرودروم ۋە تۆمۈر يوللاردىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى شۇنىڭدەك دۆلەت چېگىرىسىدىكى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى، كېسەل يۇقتۇرغۇچىنى، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى بايقىغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە دۆلەت چېگىرا پورتى بار جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ياكى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئۆز ئارا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك. 

33-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلىشى، تەھلىل قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. A، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندا ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان، تارقالغانلىقىنى بايقىغان ھامان شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغىمۇ مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇر باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەخسۇس تارماق تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە تەھلىل قىلىشى كېرەك.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى ۋە كۆرىتىش، ئۇنىڭدىن سېگىنال بېرىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ۋە داۋالاش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتى ئۇنى ئورنىدىكى مۇناسۋەتلىك كىشلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

35-ماددا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى ۋەئۇنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سېگىنال بېرىشكە دائىر ئۇچۇرلارنى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

قوشنا جايدىكى شۇنىڭدەك ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ دائىرىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىدىن ۋە ئۇنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سېگنال بېرىشكە دائىر ئۇچۇلاردىن ئۆز ئارا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشى كېرەك. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بايقىغاندا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 

جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بايقىغاندا، گوۋويۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 

36-ماددا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى ھايۋانلار ئارسىدا ۋە ئادەملەر ئارىسىدا پەيدا بولغان، ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىدىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا ئۆز ئارا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشى كېرەك.

37-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى بار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمارقلىرى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، قان ئېلىش–قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا ۋە كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەل، ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇر ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قەرەرللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قەرەرللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. 

يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ھەم تارقالغاندا، گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئۆز مەمۇرىي دائىرىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا ھوقۇق بەرسىمۇ بولىدۇ. 

يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىش كېرەك. 

4-باب يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش 

39-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى A تۈرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلنى بايقىغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك: 

(1) بىمارنى، كېسەل يۇقتۇرغۇچىنى ئايرىپ داۋالاش، ئايرىپ داۋالاش مۇددىتىنى تىببىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىش؛ 

(2) گۇمانىي كېسەل بىمارىنى ئېىنق دىئاگنوز قويۇلغىچە بەلگىلەنگەن ئورۇندا يالغۇز ئايرىپ داۋالاش؛

(3) داۋالاش ئاپپاراتىدىكى بىمار، كېسەل يۇقتۇرغۇچى، گۇمانىي كېسەل بىمارى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ يۈرگەنلەرنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي جەھەتتىن كۆرستىش ۋە ئۇلارغا باشقا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش. 

ئايرىپ داۋالاشنى رەت قىلغان ياكى ئايرىپ داۋالاش مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ئايرىپ داۋالاش ئورنىدىن ئۆز ئىختىيارىي بىلەن كېتىپ قالغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى داۋالاش ئاپپاراتىغا ھەمكارلىشىپ مەجبۇرىي ئايرىپ داۋالاش داۋالاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. 

داۋالاش ئاپپاراتى B تۈردىكى ياكى C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى بايقىغاندا، كېسەل ئەھۋالىغاقاراپ زۆرۈر داۋالاش تەدبىرى ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. 

داۋالاش ئاپپاراتى ئۆز ئورنىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن بۇلغانغان سورۇن، بۇيۇم شۇنىڭدەك داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىشى ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇشى شەرت. 

40-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بايقىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىشى لازىم: 

(1) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى ئېپىدېمىئولوگىيىلىك ئېنىقلاش، ئېنىقلاش ئەھۋالىغا قاراپ يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىنى بەلگىلەش تەكلىپى بېرىش، بۇلغانغان ئورۇننى سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، قۇيۇق ئارىلىشىپ يۈرگەنلەرنى ئورۇن بەلگىلەپ تىببىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە باشقا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە بۇ ھەقتە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش لايىھىسى سۇنۇش؛ 

(2) يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان، تارقالغاندا، يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىنى سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش لايىھىسى سۇنۇش ھەمدە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە تەدبىر قوللىنىش؛

(3) تۆۋەن دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىر قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىش.

(4) ماددا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغان ئورۇن ياكى شۇ ئۇرۇننىڭ مۇئەييەن يېرىدىكى كىشلەرگە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلسا بولىدۇ؛ مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاش–تەستىقلىماسلىق ھەققىدە دەرھال قارار چىقىرىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىماسلىق قارار چىقارغان بولسا، ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللانغان خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك. 

ئايرىۋېتىش مەزگىلىدە، ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللانغان خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىلگەنلەرگە تۇرمۇش كاپالىتى بېرىشى كېرەك؛ ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئىش ئورنى بولسا، شۇ ئورۇننىڭ ئۇلارنىڭ ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلىدىكى ئىش ھەققىنى بەرمەي توختىتىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى بىكار قىلىشىنى ئايرىۋېتىشنى قارار قىلغان ئورۇن قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ. 

42-ماددا يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا قىلغان، تارقالغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھىسى بويىچە ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن، تۆۋەندىكى جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانسا ھەمدە ئېلان چىقارسا بولىدۇ: 

(1) بازار قىلىدىغان، كىنو-تىياتىرخانىلاردا كىنو–تىياتىر قويىدىغان ياكى ئادەم توپلىشىدىغان باشقا پائالىيەتلەرگە چەك قويۇش ياكى ئۇلارنى توختىتىش؛ 

(2) ئىش توختىتىش، تىجارەت توختىتىش، دەرس توختىتىش؛ 

(3) يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن بۇلغانغان جامائەت ئىچىدىغان سۇ مەنبەلىرىنى تاقىۋېتىش، يېمەكىلىك ۋە ئالاقىدار بويۇملارنى پېچەتلەش؛ 

(4) يۇقۇملۇق كېسەل تەككەن ياۋايى ھايۋانلارنى، ئۆي ھايۋان، ئۆي قۇشلىرىنى تىزگىنلەش ياكى ئۆلتۈرۈش؛ 

(5) يۇقۇملۇق كېسەل تارىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇننى پېچەتلەش. 

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىددىي تەدبىرىنى قوللىنىش توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان قارار چىقىرىشى كېرەك.

جىددىي تەدبىرنى بىكار قلىشىنى ئەسلىي قارار قىلغان ئورگان قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

43-ماددا A، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋە تارقالغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن، شۇ مەمۇرىي رايۇننىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يۇقۇم رايۇنى دەپ ئېلان قىلسا بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان يۇقۇم رايونىنى قارار قىلسا ھەم ئېلان قىلسا بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇم رايونىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 24-ماددىسىدا بەلگىلگەن جىددىي تەدبىرنى قوللانسا ھەمدە يۇقۇم رايونىغا كىرىپ–چىقىدىغان ئادەم، ماددىي ئەشيا ۋە قاتناش قوراللىرىنى كارانتىن قىلسا بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل رايونىنى قامال قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى يۇقۇم رايونىنى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىشنى شۇنىڭدەك يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىپ غول قاتناش لىنىيىلىرىنى ئۈزۈۋېتىش ياكى دۆلەت چېگرىسىنى قامال قىلىشنى گوۋۇيۈەن قارار قىلىدۇ.

يۇقۇم رايونىدىكى قامالنى بىكار قىلىشنى ئەسلى قارار قىلغان ئورگان قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ. 

44-ماددا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغاندا، شۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ قاتناش قورالى ۋە شۇ قاتناش قورالىدا توشۇلغان ئادەم، ماددىي ئەشيادىن يۇقىشىدىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، قاتناشنى سەھىيە كارانتىنى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

45-ماددا يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغاندا، تارقالغاندا، يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەن مەملىكەت دائىرىسىدە ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان دائىرىدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئادەملەرنى جىددىي يۆتكەشكە ياكى زاپاس ماددىي ئەشيانى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە، ئۆي، قاتناش قوراللىرىنى شۇنىڭدەك ئالاقىدار مۇئەسسەسە ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق.

ئادەمنى جىددىي يۆتكىگەندە بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق ھەق بېرىش كېرەك. ئۆي، قاتناش قورالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار مۇئەسسەسە–ئۈسكۈنلەرنى ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلەتكەندە، قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىش؛ قايتۇرۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. 

46-ماددا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل، كۆيدۈرگە كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى دەرھال سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، شۇ ئەتراپتا كۆيدۈرۈش كېرەك. باشقا يۇقۇملىڭ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى زۆرۈر تېپىلغاندا، سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈش ياكى بەلگىلىمە بويىچە چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش كېرەك.

يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن، داۋالاش ئاپپاراتلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى بېرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ. 

47-ماددا يۇقۇم رايونىدا يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن بۇلغانغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن بۇلغىنىش ئېھىتمالى بولغان بۇيۇملاردىن، 

دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىنى شۇ جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشكە، سېتىشقا ۋە توسۇشقا بولىدۇ.

48-ماددا يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغاندا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەۋەتكەن يۇقۇملۇق كېسەلگە ئالاقىدار باشقا كەسپىي تېخنىكا ئاپپاراتى، يۇقۇملۇق كېسەل نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىغا كىرىپ ئېنىقلىسا، ئەۋرىشكە ئالسا، تېخنىكىلىق تەھلىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 

49-ماددا يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغاندا، تارقالغاندا، دورا ۋە داۋالاش ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، شۇنىڭ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار يۇقۇقلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى داۋالايدىغان ۋە داۋالاش ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك. تۆمۈر يول، قاتناش، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە تىجارەت ئورۇنلىرى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملارنى شۇنىڭدەك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلىرىنى ئاۋۋال توشۇشى شەرت. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەشكىللەش–ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

5-باب داۋالاپ ساقايتىش 

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتىنى يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بەلگىلىشى، ياكى يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئېھتىياجىغا قاراپ، يۇقۇملۇق كېسەل دوختۇرخانىسى قۇرۇشى كېرەك. 

51-ماددا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش لايىھسى ۋە مۇلازىمەت تەرتىپى يۇقۇملۇق كېسەل دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 

داۋالاش ئاپپاراتى ئىشلىتىدىغان داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىشى؛ بەلگىلىمە بويىچە بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىشى كېرەك. 

داۋالاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن يۇقۇملۇق كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپى بويىچە، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

52-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشى، ئۇلارغا نەق مەيداندا ياردەم بېرىشى ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىشى، كېسەل خاتىرىسى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يېزىشى ھەمدە ئۇنى ياخشى ساقىلشى كېرەك. 

داۋالاش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەلنى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىم دىئاگنوز قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى نىسپىي ئايرىۋېتىلگەن ئايرىم دىئاگنوز قويۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مۇناسىپ داۋالاپ ساقايتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان داۋالاش ئاپپاراتى كېسەلنى ئۇنىڭ كېسەل خاتىرىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى بىلەن بىرگە مۇناسىپ قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 

6-باب نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش 

53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ: 

(1) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش؛ 

(2) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلش ۋە تەكشۈرۈش؛

(3) قان ئېلىش–قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتىنىڭ قان ئېلىش–قان بىلەن تەمىنلەش ھەركىتىنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش؛ 

(4) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكىسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش ھەمدە ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ياكى تەمىنلەش ھەركىتىنى شۇنىڭدەك ئىچىملىك سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش؛ 

(5) يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيىسى تۈرى، ۋىرۇس تۈرىنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ئەۋرىشكىنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش؛ 

(6) ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تازىلىق شارائىتىنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش. 

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر زور ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ۋە يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغان نەق مەيدانغا كىرىپ ئېنىقلاپ ئىسپات ئېلىشقا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ياكى كۆپەيتىۋېلىشقا ۋە ئەۋرىشكە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ئۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك، ئۇنى رەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلغاندا، يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىنىڭ ئاممىۋى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، يېمەكلىكلەر ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى بۇلغىغانلىقىنى، ۋاقتىدا تىزگىنلەش تەدبىر قوللىنىلمىسا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇش، تارقىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، ئاممىۋى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى تاقىۋېتىش، يېمەكلىك ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى پىچەتلەش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىشتەك ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانسا ھەمدە ئۇنى تەكشۈرسە ياكى دېزىنفېكسىيە قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇلغانغان يېمەكلىك بولۇپ چىقسا، ئۇنى كۆيدۈرۋېتىش كېرەك؛ بۇلغانمىغان يېمەكلىك ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇيۇم بولسا، تىزگىنلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك. 

56-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، سەھىيىگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش قەغىزىنى تولدۇرۇشى كېرەك.

سەھىيىگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش قەغىزىدە خاتالىق بولمىسا، سەھىيىگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە ئالاقىدارلار ئىمزا قويۇشى كېرەك. ئالاقىدار ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، سەھىيىگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. 

57-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىز مەت ھوقۇقى ۋە تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. 

يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ياكى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

58-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا جەمىئيەت ۋە پۇقرانىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئورۇن ۋە شەخس بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا پاش قىلشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىنغان ئىشلارنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر قىلىشى كېرەك. 

7-باب كاپالەت تەدبىرى 

59-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ، ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى شۇ مەمۇرىي رايۇننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ. 

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش–نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كۈندىلىك خىراجىتىگە ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، داۋالاپ ساقايتىش، كۆزىتىش، مۆلچەرلەش، سېگنال بېرىش، نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈشكە ئوخشاش تۈرلىرىنى بېكىتىدۇ. مەركەز مالىيىسى قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىدۇ. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، نازارەت قىلىشقا ئوخشاش تۈرلىرىنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تامىقى بېكتىكەن دائىرىدە بېكىتىدۇ ھەمدە شۇ تۈرنى يولغا قويۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇ.

61-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئاساسىي قاتلام سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە يار–يۆلەك بولىدۇ. 

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر مەھەللىلىرىنى ۋە يېزا–ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

62-ماددا دۆلەر ئالاھىدە يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىدۇ، داۋالاش خىراجىتىنى كېمەيتىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

63-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش دورىلىرى، داۋالاش ئەسۋاپ–ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا ئەشيالارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن زاپاس ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

64-ماددا يۇقۇملۇق كېسەل بويىچە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتۇش، نەق مەيداندا يۇقۇم ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتتە يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان باشقا كىشلەرگە ئالاقىدار ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرى ۋە داۋالاش–سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

65-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى يۇشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان، تارقالغاندا، ۋاقتىدا داۋالاشقا تەشكىللىمىگەن، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىناىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

66-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈرۈش، مەلۇم قىلىش ياكى ئېلان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان، ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغانلار؛

(2) يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ياكى تارقىلىش ئېھتىمالى بولغاندا، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلار؛ 

(3) نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛ 

(4) تۆۋەن دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئورۇن ۋە شەخسلەر پاش قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئېنىقلىمىغان، بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛ 

(5) مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلشتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار. 

67-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيىتى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

68-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

(1) يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(2) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، خەۋەرلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغانلار؛ 

(3) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىغمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئۇچۇرى ۋە يۇقۇم مەلۇماتىنى ۋاقتىدا تەھىلىل قىلمىغان، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛ 

(4) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى سەزگەندە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا قوللانمىغانلار؛ 

(5) يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى، كېسەل يۇقتۇرغۇچى، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ يۈرگەنلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويغانلار.

69-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ كەسپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

(1) ئۆز ئورنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىنى، دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇم تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(2) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغانلار؛ 

(3) يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بايقىغاندا، يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنى بەلگىلىمە بويىچە داۋالاپ قۇتقۇزمىغان، نەق مەيداندا ياردەم بەرمىگەن، قوبۇل قىلمىغان، يۆتكەپ بەرمىگەن ياكى يۆتكەپ بېرىلگەن كېسەلنى قوبۇل قىلمىغانلار؛ 

(4) ئۆز ئورنىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن بۇلغانغان ئورۇن، بۇيۇم ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى زىيانسىزلاندۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىمغانلار؛ 

(5) داۋالاش ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان داۋالاش سايمىنىنى كۆيدۈرۈۋەتمەي، قايتا ئىشلەتكەنلەر؛ 

(6) داۋالاپ ساقايتىش جەريانىدا، تېببىي خاتىرە–ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىمىغانلار؛ 

(7) يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى، كېسەل يۇقتۇرغۇچى، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ يۈرگەنلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى قەستەن ئاشكارلاپ قويغانلار. 

70-ماددا قان ئېلىش–قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى يۇشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغان، ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلماي، قان سېلىش سەۋەبىدىن قاندىن يۇقىدىغان كېسەل پەيدا قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە قان ئېلىش–قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قانۇنسىز ھالدا قان ئالغان ياكى باشقىلارنى قان سېتىشقا تەشكىللىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چەكلەيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قۇشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

71-ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە ئاپپاراتلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيتى دائىرىسىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

72-ماددا تۆمۈر يول، قاتناش، پۇقرارلار ئاۋىئاتسىيە تىجارەت ئورۇنلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەلنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىن ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش دورا، ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلىرىنى ئاۋۋال توشۇشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىمىغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ. 

73-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى ياكى كەلتۈرۈپ چىقىش ئېھتىمالى بارلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرمانە قويسا بولىدۇ؛ ئىجازەتنامە ئالغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىلىق تۇتۇپ قالسا ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ 

(1) ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورگانلىرى تەمىنلىگەن ئىچىملىك سۇ دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(2) ئىچىملىك سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛ 

(3) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛ 

(4) يۇقۇم رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل پاتوگېنىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇملار سېتىش، توشۇشتا دېزىفېكسىيلەپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان بولسا؛ 

(5) بىئو ياسالمىلارنى ئىشلەيدىغان ئورۇنلار ئىشلىگەن قان ياسالمىسى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمىغان بولسا. 

74-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئىجازەتنامە ئالغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىلىق تۇتۇپ قالسا ياكى قىلسا بولىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇل جاۋابكارىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ كەسپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

(1) كېسەلنىڭ ئالدىنى–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن شەرت ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە توشماي تۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغىغۇچىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق باشقۇرماي، تەجرىبىخانىدا يۇقۇملىنىشنى ۋە كېسەل پەيدا قىلدىغان مىكرو ئورگانىزمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 

(2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيىسى تۈرى، ۋىرۇس تۈرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنى ئالغان، ساقىلىغان، ئېلىپ يۈرگەن، توشۇغان ۋە ئىشلەتكەنلەر؛ 

(3) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلماي، قان سېلىش، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىپ كېسەلنىڭ قاندىن يۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار. 

75-ماددا ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان كېسەلگە ئالاقىدار ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى كارانتىن قىلماي تۇرۇپ ساتقان، توشۇغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھەمدە ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

76-ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن تەبىئىي يۇقۇملۇق كېسەل مەنبەسىدە سۇ ئىنشائاتى، قاتناش، ساياھەتچىلىك، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش چوڭ–چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى سەھىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئېلىپ بارغانلارنى ياكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالماي، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش زۆرۈر تەدبىرى قوللانمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكىچىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى توختىتىش، تاقىۋېتىشنى بۇيرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، 

77-ماددا ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشى، تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقىلارنى جىسمانىي، مال–مۈلۈك جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

9-باب قۇشۇمچە پرىنسىپ

78-ماددا بۇ قانۇندا قوللىنىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: 

(1) يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى: گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى» گە ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بېمارى دەپ دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 

(2) كېسەل يۇقتۇرغۇچى: يۇقۇملۇق كېسەل قوزغىغۇچىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامىتى بولمىسىمۇ، لېكىن پاتوگېن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. 

(3) ئېپىدېمىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش: كىشلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياكى ساغلاملىق ئەھۋالى دائىرىسىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى شۇنىڭدەك سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

(4) يۇقۇم نۇقتىسى: پاتوگېن يۇقۇم مەنبەسىدىن ئەتراپقا يۇققان كىچىكرەك دائىرىنى ياكى ئايرىم يۇقۇم مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ. 

(5) يۇقۇم رايونى: يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كىشلەر ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ، تارقىلىپ، پاتوگېن ئەتراپقا تارقالغاندا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ. 

(6) ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان كېسەل: ئادەمگىمۇ، ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارغىمۇ يۇقىدىغان كېسەلنى، مەسىلەن، چۇما، غالجىر كېسىلى، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(7) تەبىئىي يۇقۇم مەنبەسى: ئىنسانلاردا يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا قىلىدىغان بەزى پاتوگېنلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئارىسىدا ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە ئايلىنىپ تۇرىدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ. 

(8) كېسەل يۇقتۇرغۇچى جانلىقلار:پاتوگېننى ئادەمدىن ياكى باشقا ھايۋانلاردىن ئادەمگە يۇقتۇردىغان جانلىقلارنى مەسىلەن، پاشا، چىۋىن، بۈرگە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(9) تىببىي مەنبەندىن يۇقۇملىنىش: تىببىي مۇلازىمەتتە پاتوگېندىن يۇقىدىغان يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. 

(10) دوختۇرخانىدىن يۇقۇملىنىش: كېسەلخانىدا ياتقان كېسەللەرنىڭ دوختۇخانىدا يۇقۇملىنىشىنى، جۈملىدىن، كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدە كۆرۈلگەن يۇقۇملىنىش ۋە كېسەلخانىدا يۇقتۇرۇپ، كېسەلخانىدىن چىققاندىن كېيىن كۆرۈلگەن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن، كېسەلخانىغا كىرىشتىن بورۇن باشلانغان ياكى كېسەلخانىغا كىرگەندە يوشۇرۇن، مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان يۇقۇملىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ. دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشىمۇ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشقا كىرىدۇ. 

(11) تەجرىبىخانىدا يۇقۇملىنىش: تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، پاتوگېن بىلەن ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. 

(12) باكتېرىيە تۈرى، ۋىرۇس تۈرى : مۇشۇ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەلنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان باكتېرىيە تۈرى، ۋىرۇس تۈرىنى كۆرسىتىدۇ.

(13) دېزىنفېكسىيىلەش: مۇھىتتىكى كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزمنى خىمىيىلىك، فىزىكىلىق، بىئولوگىيىلىك ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈش ياكى يوقتىىشنى كۆرىسىتىدۇ.

(14) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئاپپاراتى: كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنى ھەمدە كەسپىي پائالىيىتى يۇقىرىقى ئاپپاراتنىڭكىگە ئوخشاش ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. 

(15) داۋالاش ئاپپاراتى: «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بويىچە، داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى ئېلىپ، كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان، كېسەل داۋالايدىغان ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ. 

79-ماددا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر يېمەكلىك، دورا، قان، سۇ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى ۋە كېسەل قوزغىغۇچى مىكرو ئورگانىزمنى باشقۇرۇش ھەمدە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىنى ھەققىدە بۇ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىسا، باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

80-ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#