قارا يامغۇر

قارا يامغۇر

قارا يامغۇر بولسا ھۆل-يېغىن سىجىللىقى ناھايىتى زور بولغان يامغۇرنى كۆرسىتىدۇ، يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغىدۇ.ئادەتتە 24 سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 99.9 ~ 50 مىللىمېتىر بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى قارا يامغۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 暴雨

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا يامغۇرقارا يامغۇر بولسا ھۆل-يېغىن سىجىللىقى ناھايىتى زور بولغان يامغۇرنى كۆرسىتىدۇ، يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغىدۇ. ئادەتتە ھەر سائەتتە ھۆل-يېغىن مىقدارى 16 مىللىمېتىردىن ئارتۇق ياكى ئۇدا 12 سائەت يامغۇر مىقدارى 30 مىللىمېتىردىن ئارتۇق، ياكى ئۇدا 24 سائەت يامغۇر مىقدارى 50 مىللىمېتىردىن ئاشقان بۇلىدۇ. 

جۇڭگو مېتېئورولوگىيە بەلگىلىمىسىدە، 24 سائەتلىك ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 مىللىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان يامغۇر « قارا يامغۇر » دەپ ئاتىلىدۇ. ھۆل - يېغىن سىجىللىقى چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى  24 سائەتلىك ھۆل - يېغىن مىقدارى 99.9 ~ 50 مىللىمېتىر بولسا « قارا يامغۇر » دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ 250 ~ 100 مىللىمېتىر بولسا «چوڭ قارا يامغۇر »؛ 250 مىللىمېتىردىن ئاشقاندا « ئالاھىدە قارا يامغۇر » دەپ ئاتىلىدۇ. 

قارا يامغۇرقارا يامغۇرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ ، ئادەتتە ماكرو فىزىكىلىق شارائىتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قارا يامغۇر پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق فىزىكىلىق شارائىتى يېتەرلىك تۈگىمەس سۇ، قۇدرەتلىك ھەم ئۇزۇنغىچە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان ھاۋا ئېقىمى ۋە ئاتموسفېرا قاتلىمى قۇرۇلمىسى مۇقىم بولماسلىقى قاتارلىقلار. چوڭ - كىچىك ھەرخىل ئۆلچەمدىكى ھاۋا رايى سىستېمىسى ۋە تۆشەلمە يۈز، بولۇپمۇ بىر قەدەر پايدىلىق يەر شەكلى بىرىكىپ قارا يامغۇرنى ھاسىل قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ كەڭ دائىرىلىك قارا يامغۇر ھاۋا رايى سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئاساسلىقى، فرونت، تىسكلون، ھاۋا قاينىمى، سىلجىش دېفورماتسىيە سىزىقى، تۆۋەن ھاۋا قاينىمى، ئوقۇر، تەيفېڭ بورىنى، شەرق شامىلى دولقۇنى ۋە تروپىك كونۋېرگېنسىيە بەلبېغى قاتارلىقلار.

بۇنىڭدىن سىرت، قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردا قىسمەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قىسقا ۋاقىت خاراكتېرلىك گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر كىچىك كۆلەمدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

قارا يامغۇر دائىم يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتتىن چۈشىدۇ. يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتنى شەكىللىنىشنىڭ شەرتى ئاتموسفېرا تەركىبىدە يېتەرلىك سۇ پارى بۇلىشى،كۈچلۈك يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان ھەرىكەت تېز سۈرئەتتە يۇقىرىغا سۇ پارىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى، بۇلۇت ئىچىدىكى سۇ تامچىلىرى يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان ھەرىكەت تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى، تاكى يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى كۆتۈرەلمىگەندە، شىددەت بىلەن يەر يۈزىگە چۈشۈش.

قارا يامغۇرجۇڭگو كۆپ قارا يامغۇر ياغىدىغان دۆلەت، غەربىي شىمالدىكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن سىرت، ھەممىسىدە دېگۈدەك قارا يامغۇر ياغىدۇ.قارا يامغۇر قىش پەسلىدە جەنۇبىي دېڭىز بويىدا ، 4 ~ 6-ئايلاردا، جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدا قارا يامغۇر ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ. 6 ~ 7-ئايدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا دائىم سىجىل خاراكتېرلىك قارا يامغۇر پەيدا بۇلىدۇ، ۋاقتى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ، قارا يامغۇر مىقدارى چوڭ. 7-ئايدىن 8-ئايغىچە شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئاساسلىق قارا يامغۇر پەسلى، يامغۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ. 8-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇر بەلبېغى تەدرىجىي ھالدا جەنۇبقا چېكىندۇ. ياز، كۈزدىن كېيىن، دۇڭخەي دېڭىزى ۋە نەنخەي دېڭىزىدا تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر ئىنتايىن جانلىق، تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر يېغىش مىقدارى كۆپ ھاللاردا ناھايىتى زور. 

قارا يامغۇرقارا يامغۇر جۇڭگودىكى ئاساسلىق ھاۋا رايى ئاپەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇزۇن ۋاقىت سۇ يىغىلىش ياكى ئېقىن ئاستىدا قالغان ئويمان يەر بۆلىكى قاتتىق يامغۇر تەسىرىدە، ئاسانلا كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1950-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان مەلۇماتقا  ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى كەلكۈن ئاپەت كۆلىمى 942.4 مىڭ گېكتار ، ئېغىر كەلكۈن يىللاردا 1300 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرايدۇ. قارا يامغۇر بىر خىل تەسىرى ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى.

مەلۇم بىر جايدا ئۇدا يامغۇر ياكى قارا يامغۇر، ئالاھىدە قارا يامغۇر ياغسا، سۇ ئامبىرى توسمىلىرىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى، ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كېتىش، ئېتىز - ئېرىق سۇغا غەرق بۇلۇش، قاتناش ۋە تېلېگراف ئۈزۈلۈپ قېلىش، خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق ھاياتى ۋە مال-مۈلكى خەتەرگە ئۇچراش قاتارلىق ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. قارا يامغۇر، بولۇپمۇ كەڭ دائىرىدە سىجىل خاراكتېرلىك قارا يامغۇر ۋە مەركەزلەشكەن ئالاھىدە قارا يامغۇر، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى خەلقنىڭ ھاياتى خەۋپ يەتكۈزۈشى، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#