مازارىيۇن

مازارىيۇن

مازارىيۇن بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى « مىخ مازارىيۇن»، يوپۇرمىقى «بەرگى مازارىيۇن » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ،سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، پارقىرىتىش رولى بار.


ئۇيغۇرچە نامى مازارىيۇن
ئەرەبچە نامى بەزرول ۋارالمىسى
ئىنگلىزچە winter Daphne Root
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 瑞香
پارسچە نامى تۇخۇمى ئاپتاپ پەرەس
ئوردۇچە نامى سۈرەج مۇكىكى بىج
باشقا نامى ئالتاي مازاىيۇنى (altaicapall Var,Longilobatalec Daphne)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مازارىيۇنمازارىيۇن بولسا  مازارىيۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقالئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى « مىخ مازارىيۇن»، يوپۇرمىقى «بەرگى مازارىيۇن » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېلىمـىـزنـىـڭ  شىنـجاڭ، شىزاڭ، يـۈنـنـە، سـىـچـۈەن قاتـارلـىـق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلتلىرىنى سۈرۈش، ئىچنى سۈرۈش، ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ سۈرۈپ چىقىرىش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، پارقىرىتىش.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

ئىـسسـىـق مىـجـەز كىشـىـلەرگـە ۋە جـىـگـەرگـە زىـيـان قىلىدۇ.(زەھەرلەندۈدۈرۈپ) قويىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

قان قېتىشنىڭ، ياللۇغنىڭ، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق توختىتىش، ئادرېنالىننىڭ (Adrenaline) ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلىتىش رولى بار.

يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە دافىنىن، دافىنىنتىن7– گلۇكوزىدى، گۈلنىڭ تەركىبىدەβ- فلاندىرىن، خېرول گېرانئول قاتارلىق تەركىبلەر بار.

مازارىيۇن1. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە بەلغەم خىلتلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن تۇربۇت، ئەگتىمۇن، سېرىق ھېلىلە پوستى، قىزىلگۈل، رۇببى سۇس، زىرە گېرمانىي، نەمەك ھىندى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە بولىدۇ.

2. غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە بەلغەم خىلتلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىرسا، ئاسارۇن، غاپەس ئۇسارى، ئەفسەنتىن، سۇمبۇل، مەستىكى، مۇرمەككى، سەكبىنەج، نەمەك ھىندى، سېرىق ھېلىلە، كەرەپشە ئۇرۇقى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىش لازىم

مىقدارى

1 ~ 2 گرام

ئورۇنباسارى

3 ھەسسە ئىرسا، 1 گرام مۇقەل

تۈزەتكۈچىسى

بادام يېغى

بەلغەمنىڭ سۈرگۈ نۇسخىلىرىغا چۈشىدۇ.

قەۋزىيە، ئىستىسقا، يەرقان، ئۈچەي قۇرتى ھەمدە بەھەق، بەرەس قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=54

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#