ئالەم ئايروپىلانى

ئالەم ئايروپىلانى

ئالەم ئايروپىلانى قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ، ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىشكە بولىدىغان ئالەم قاتناش ئۈسكۈنىسى. ئالەم ئايروپىلانى ئايروپىلان ئەمەس ، ئايروپىلان دائىرىسىدە تېخىمۇ ئەمەس . ئۇ ھەم خۇددى توشۇغۇچى راكېتاغا ئوخشاش ، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىش ، يەنە ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىش ، ئۇ يەنە پىلانېرغا ئوخشاش ئاتموسفېرا قاتلىمىدا شۇڭغۇپ قونالايدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ئالەم ئايروپىلانى
ئىنگلىزچە نامى Space Shuttle
خەنزۇچە نامى 航天飞机
خۇسۇسىيتى قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئالەم ئۇچقۇسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەم ئايروپىلانىئالەم ئايروپىلانى ئايروپىلان بىلەن راكېتانىڭ بىرلەشمىسى، ئۇ ھەم راكېتاغا ئوخشاش ئالەم بوشلۇقىغا ئېتىپ چىقىرىلىدۇ، ھەم ئايروپىلانغا ئوخشاش ئايرودرومغا قونىدۇ.ئالەم ئايروپىلانى قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ، ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىشكە بولىدىغان ئالەم قاتناش ئۈسكۈنىسى. ئالەم ئايروپىلانى ئايروپىلان ئەمەس ، ئايروپىلان دائىرىسىدە تېخىمۇ ئەمەس . ئۇ ھەم خۇددى توشۇغۇچى راكېتاغا ئوخشاش ، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىش ، يەنە ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىش ، ئۇ يەنە پىلانېرغا ئوخشاش ئاتموسفېرا قاتلىمىدا شۇڭغۇپ قونالايدۇ . ئالەم ئايروپىلانى ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئەركىن چىقىپ چۈشۈشىگە ناھايىتى ياخشى قورالى بىلەن تەمىنلىدى ، ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ ياسىغان . 

ئالەم ئايروپىلانىئالەم ئايروپىلانى يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ: يۇقىرى قىسمى ئۇنىڭ گەۋدىسى بولۇپ، ئوربىتا ئۈگىسى دېيىلىدۇ، شەكلى چوڭ تىپتىكى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشايدۇ. تۆۋەن قىسمى ئىككى ياردەمچى راكېتا ۋە چوڭ بىر يېقىلغۇ ساندۇقى بولۇپ، چوڭلۇقى ئون نەچچە قەۋەتلىك بىنادەك كېلىدۇ، ئۇ ئوربىتا ئۈگىسىدىكى ئاساسىي ماتورنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ئوربىتا ئۈگىسى ئالدى، ئوتتۇرا، كەينى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. ئالدى بۆلىكى خادىملار بۆلمىسى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى نورمال ئاتموسفېرا بېسىمىغا تەڭ بولىدۇ، 3 ~7 ئالەم ئۇچقۇچىسى سىغىدۇ، كۆپ بولغاندا10 غا يېتىدۇ. ئوتتۇرا بۆلەك ناھايىتى چوڭ توشۇش بۆلمىسى بولۇپ، ئادەم، سۈنئىي ھەمراھ، ئىلمىي تەكشۈرۈش سايمانلىرى ۋە ئالەم قوراللىرى قاچىلىنىدۇ، يەنە بوشلۇقتا مال قاچىلاپ چۈشۈرىدىغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان غايەت زور مېخانىك قولمۇ بار. كەينى بۆلەككە ئۈچ ئاساسىي ماتور ھەم ئالەم ئايروپىلانىنىڭ زاپاس ماتور بىلەن ئۇچۇشى، ئۇچۇش مۇقىملىقىنى ساقلىشى، ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى قاچىلانغان.

ئالەم ئايروپىلانىئالەم ئايروپىلانى راكېتا، ئالەم كېمىسى ۋە ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت. يەر يۈزىدىن ئۇچىدىغان چاغدا، ئۇ بىر راكېتاغا ئوخشىشىدۇ؛ يەر شارىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئۆزگىرىپلا ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىغا ئايلىنىپ، ئېگىز بوشلۇقتىن لەيلەپ پەسلەپ يەرگە قونىدۇ. ئاي شارىدا بولسا ھاۋا يوق دېيەرلىك، شۇڭا ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئۇنىڭغا لەيلەپ قونۇشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئوربىتىسى ئادەتتە يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئېگىزلىكى 1000 كىلومېتىردىن تۆۋەن، دېمەك ئاي شارىدىن يىراقتا. ئالەم ئايروپىلانىدىن پايدىلىنىپ ئاي شارىغا چىقماقچى بولسا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ يەر شارى تۆۋەن ئوربىتىسىغا يېتىپ بېرىشى، ئاندىن كېيىن ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئوربىتا ئارا ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئوربىتا ئارا ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىگە ئولتۇرۇپ، ئاي شارىغا ئۇچۇپ بېرىشى زۆرۈر. ئاي شارى ئوربىتىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىقىش بۆلمىسىگە ئولتۇرۇپ ئاي يۈزىگە قونسا بولىدۇ.

ئالەم ئايروپىلانى ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئاسمانغا چىقىدۇ. ئۇچۇش ۋاقتىدا، راكېتا قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا راكېتاغا ئوخشاش تىك تۇرىدۇ، ئۈچ ئاساسىي ماتور ۋە چوڭ يېقىلغۇ ساندۇقىنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئىككى راكېتالىق ئىتتىرگۈچ بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئوت ئالىدۇ. ئالەم ئايروپىلانى50 ~60 كىلومېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، ئىككى ياردەمچى ئىتتىرگۈچنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ، ئۆزلۈكىدىن ئاجرايدۇ ۋە پاراشۇت بىلەن يېنىپ چۈشىدۇ، ئۇ يىغىۋېلىنىپ كېيىنكى قېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئالەم ئايروپىلانىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 5000 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاساسىي ماتورلارنىڭ ئىتتىرىش كۈچى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ داۋاملىق ئۇچىدۇ. 8 مىنۇتلاردىن كېيىن، ئالەم ئايروپىلانى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا يېقىنلىشىدۇ. زور يېقىلغۇ ساندۇقىدىكى يېقىلغۇمۇ تۈگەپ، ئاساسىي ماتورلار ئۆچۈپ، يېقىلغۇ ساندۇقى بىلەن بىللە ئاجراپ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە چۈشۈپ كۆيۈپ تۈگەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئوربىتا ئۈگىسىلا قالىدۇ، كەينى بۆلەككە ئورنىتىلغان زاپاس ماتورنىڭ كۈچى بىلەن، ئوربىتا ئۈگىسى ئالەم ئوربىتىسىغا رەسمىي كىرىپ ئۇچىدۇ. 

ئالەم ئايروپىلانى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، توشۇش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، ئالەم ئايروپىلانى ئالەم بوشلۇقىدا بىرەر ئاي ئۇچالايدۇ. 

ئالەم ئايروپىلانى يەر شارىغا قايتىپ كېلىش ۋاقتىدا، زاپاس ماتور ئىشقا كىرىشىپ، ئالەم ئايروپىلانىنى ئەسلىدىكى يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىيدۇ، ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكى بارا-بارا تۆۋەنلەپ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتا كىرىدۇ ۋە ئاتموسفېرا قەۋىتىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق ئەھۋالدا شۇڭغۇپ ئۇچىدۇ، ئاخىرىدا ئادەتتىكى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشاش، ئۇچۇش يولىغا يەر بېغىرلاپ قونىدۇ. يەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى رېمونت قىلىپ، يېقىلغۇ تولۇقلاپ، ياردەمچى ئىتتىرگۈچ ۋە يېقىلغۇ ساندۇقى ئورنىتىپ، قايتا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ. مۇنداق ئالەم ئايروپىلانىنى100 قېتىمچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 

گەرچە ئالەم ئايروپىلانى ئاي شارىغا بىۋاسىتە يېتىپ بارالمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئەركىن-ئىختىيارىي بېرىش-كېلىشىدىكى ئەڭ ياخشى قورال ھېسابلىنىدۇ. ئالەم ئايروپىلانى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى، يۈك توشۇش كېمىسى، ئادەم چۈشكەن ئالەم كېمىسى ھەتتا كىچىك تىپتىكى ئالەم پونكىتلىرىنىڭ رولىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئۇ يەنە ئادەتتىكى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىدە يوق بەزى ئىقتىدارلارنىمۇ ھازىرلىغان، مەسىلەن، يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، ئېگىز ئوربىتىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، ئوربىتىدىن سۈنئىي ھەمراھنى تۇتۇۋېلىش، رېمونت قىلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىقلار. ئالەم ئايروپىلانىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە ھېسابلىنىدۇ.

ئالەم ئايروپىلانىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈش ۋە ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتا كىرىش ۋاقتىدىكى تېزلىنىشى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ساغلام كىشىلەر ئولتۇرۇپ ئالەمنى ساياھەت قىلسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئوربىتىدا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ، ئىلمىي تەجرىبە ئىشلىگىلى، سۈنئىي ھەمراھنى رېمونت قىلغىلى ۋە ھەربىي مەقسەتلەردە پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئالەم ئايروپىلانىنى «ترانسپورت ئايروپىلانى» ئورنىدا ئىشلىتىپ، بوشلۇق تەجرىبىخانىسىغا دېتال، سايمان، ماددىي ئەشيا ۋە خادىملارنى ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.







ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئالەم ئايروپىلانى 

http://baike.baidu.com/view/15827.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئالەم ئايروپىلانى

http://baike.baidu.com/view/15827.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#