توختام قانۇنى

توختام قانۇنى

1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

ئۇيغۇرچە نامى توختام قانۇنى
خەنزۇچە نامى 合同法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توختام قانۇنى(1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى) 

ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-باب ئومۇمىي بەلگىلىمە 

1-ماددا بۇ قانۇن توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان توختام باراۋەر سۇبيېكتىپ بولغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ.

نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر كېلىشىمىگە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

3-ماددا توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇندىكى ئورنى باراۋەر بولىدۇ، بىر تەرەپنىڭ ئۆز ئىرادىسنى يەنە بىر تەرەپكە تېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

4-ماددا ئالاقىدارلار ئىختىيارلىق بىلەن توختام تۈزۈش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

5-ماددا ئالاقىدار ھەر تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىشى كېرەك. 

6-ماددا ئالاقىدار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 

7-ماددا ئالاقىدار توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

8-ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئالاقىدارلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، توختامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى بىكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

2-باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى 

9-ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. 

ئالاقىدار توختام تۈزۈشنى قانۇن بويىچە ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازما، ئاغزاكى ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللىنىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا يازما شەكىل قوللىنىش بەلگىلەنگەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. ئالاقىدار يازما شەكىل قوللىنىشنى پۈتۈشكەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. 

11-ماددا يازما توختامنامە، خەت-چەك ۋە سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى(جۈملىدىن تېلېگرامما، تېلېكىس، فاكىس، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېكترون يوللانمىسى) قاتارلىق مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.

12-ماددا توختام مەزمۇنىنى ئالاقىدار پۈتۈشىدۇ. ئۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) ئالاقىدارلارنىڭ نامى ياكى ئىسمى-فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى؛ 

(2) نىشان؛ 

(3) سان؛ 

(4) سۈپەت؛

(5) مال پۇلى ياكى ھەق؛

(6) ئىجرا مۆھلىتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلى؛ 

(7) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛ 

(8) تالاشنى ھەل قىلىش چارىسى. 

ئالاقىدارلار توختامنى توختام ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزسە بولىدۇ. 

13-ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە چاقىرىق، ۋەدە ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.

14-ماددا چاقىرىق باشقىلار بىلەن توختام ۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارزۇ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: 

(1) مەزمۇنى كونكرېت بولۇش؛ 

(2) چاقىرىلغۇچى ۋەدە بەرگە ھامان، چاقىرغۇچى شۇ ئازۇ بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇش. 

15-ماددا چاقىرىق تەكلىپى باشقىلارنىڭ چاقىرىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر. ئەۋەتىلگەن باھا جەدۋىلى، كىمئارتۇق سودىسى ئېلانى، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، سودا ئېلانى قاتارلىقلار چاقىرىق تەكلىپى ھېسابلىنىدۇ. 

سودا ئېلانىنىڭ مەزمۇنى چاقىرىق بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولسا، چاقىرىق دەپ قارىلىدۇ.

16-ماددا چاقىرىق چاقىرىلغۇچىغا يەتكۈزۈلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلى بىلەن توختام تۈزۈشتە، تاپشۇرۇۋالغۇچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتىنى مۇئەييەن سىستېما بىلەن تاپشۇرۇۋېلىشنى بېكىتكەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى مۇشۇ مۇئەييەن سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت قولغا تەگكەن ۋاقىت دەپ قارىلىدۇ؛ مۇئەييەن سىستېما بېكىتىلمىگەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەر قانداق بىر سىستېمىسىغا تۇنجى كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت قولغا تەگكەن ۋاقىت دەپ قارىلىدۇ. 

17-ماددا چاقىرىقتىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. چاقىرىقتىن يېنىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرىلغۇچىغا تېگىشتىن بۇرۇن ياكى چاقىرىق بىلەن تەڭ چاقىرىلغۇچىغا تېگىشى كېرەك. 

18-ماددا چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ، چاقىرىقنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرىلغۇچى ۋەدە ئۇقتۇرۇشى قىلىشتىن بۇرۇن چاقىرىلغۇچىغا تېگىشى كېرەك. 

19-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىدە چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ: 

(1) چاقىرغۇچى ۋەدە مۆھلىتىنى بېكىتكەن ياكى چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى باشقا شەكىل بىلەن ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسا 

(2) چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، دەيدىغان ئاساسى بولسا ھەمدە توختامنى ئىجرا قىلىش تەييارلىقى بولسا. 

20-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە چاقىرىق كۈچتىن قالىدۇ؛ 

(1) چاقىرىقنى رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تەگكەن بولسا؛ 

(2) چاقىرغۇچى چاقىرىقنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان بولسا؛ 

(3) ۋەدە مۇددىتى توشسىمۇ، چاقىرىلغۇچى ۋەدە بەرمىگەن بولسا؛ 

(4) چاقىرىلغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەن بولسا.

21-ماددا ۋەدە چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىققا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

22-ماددا ۋەدە ئۇقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىشى كېرەك، لېكىن سودىلىشىش ئادىتى ياكى چاقىرىق بويىچە ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەدە بېرىشكە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

23-ماددا ۋەدە چاقىرىقتا بېكىتىلگەن مۆھلەتتە چاقىرغۇچىغا تېگىشى كېرەك. 

چاقىرىقتا ۋەدە مۆھلىتى بېكىتىلمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تېگىشى كېرەك: 

(1) چاقىرىق سۆزلىشىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن بولسا، شۇ ھامان ۋەدە بېرىلىشى كېرەك، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(2) چاقىرىق سۆزلىشىشتىن باشقا ئۇسۇل بىلەن بېرىلگەن بولسا، ۋەدە مۇۋاپىق مۆھلەتتە تېگىشى كېرەك. 

24-ماددا چاقىرىق خەت-چەك ياكى تېلېگرامما شەكلى بىلەن قىلىنغان بولسا، ۋەدە مۆھلىتى خەت-چەكتىكى ۋاقىت ياكى تېلېگرامما بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر خەت-چەكتىكى ۋاقىت ئېنىق بولمىغان بولسا، شۇ خەت-چەككە بېسىلغان پوچتا تامغىسىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىرىق تېلېفون، فاكس قاتارلىق تېز خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بىلەن قىلغان بولسا، ۋەدە مۆھلىتى چاقىرىق چاقىرىلغۇچىغا تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

25-ماددا ۋەدە كۈچكە ئىگە بولغاندا توختام تۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ. 

26-ماددا ۋەدە ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تەگكەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەدىنى ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، سودىلىشىش ئادىتى ياكى چاقىرىقتىكى تەلەپ بويىچە ۋەدە ھەرىكىتى بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلى بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، ۋەدە تېگىش ۋاقتى مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

27-ماددا ۋەدىدىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. ۋەدىدىن يېنىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى ۋەدە ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تېگىشتىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تېگىشى كېرەك.

28-ماددا چاقىرىلغۇچىنىڭ ۋەدە مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسى يېڭى چاقىرىق ھېسابلىنىدۇ، چاقىرغۇچى چاقىرىلغۇچىغا شۇ ۋەدىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

29-ماددا چاقىرىلغۇچى ۋەدە مۆھلىتىدە ۋەدە بەرگەن بولسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى چاقىرغۇچىغا ۋاقتىدا تەگكۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن ۋەدە چاقىرىلغۇچىغا تەگكەندە ۋەدە مۆھلىتى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتۈپ كەتسە، بۇ ۋەدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چاقىرغۇچى ۋەدە مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چاقىرىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

30-ماددا ۋەدىنىڭ مەزمۇنى چاقىرىقنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. چاقىرىلغۇچى مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەن چاقىرىق يېڭى چاقىرىق بولىدۇ. توختام نىشانى، سانى، سۈپىتى، مال پۇلى ياكى ھەق، ئىجرا مۆھلىتى، ئورنى ياكى ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش چاقىرىق مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. 

31-ماددا چاقىرغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىنى ھەر قاندان ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلدۈرگەن ياكى ۋەدىدە چاقىرىق مەزمۇنىنى ھەر قانداق ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىرى ھېسابقا ئالمىغاندا چاقىرىق مەزمۇنى ماھىيەتسىز ئۆزگەرتىلگەن ۋەدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، توختام مەزمۇنىدا ۋەدە مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 

32-ماددا ئالاقىدار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باشقان چاغدىن باشلاپ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.

33-ماددا ئالاقىدارلار توختامنى خەت-چەك، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى قاتارلىق شەكىللەردە تۈزۈشكەن بولسا، توختام پۈتۈشتىن ئىلگىرى ئېتىراپنامە تۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئېتىراپنامە تۈزۈلگەندە توختام پۈتكەن بولىدۇ. 

34-ماددا ۋەدە كۈچكە ئىگە بولغان جاي توختام پۈتكەن جاي ھېسابلىنىدۇ. 

توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلىدە تۈزۈلگەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى توختام پۈتكەن جاي بولىدۇ؛ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى توختام پۈتكەن جاي بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ. 

35-ماددا ئالاقىدارلار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان جاي توختام پۈتكەن جاي ھېسابلىنىدۇ.

36-ماددا توختامنى يازما شەكىلدە تۈزۈش قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار يازما شەكىل قوللانمىغان، لېكىن بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى قۇبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ. 

37-ماددا توختامنامە شەكلى بىلەن تۈزۈلگەن توختامغا ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشتىن بۇرۇن، بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان، ئۇنى قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.

38-ماددا دۆلەت ئېھتىياجىغا قاراپ بۇيرۇق ۋەزىپە ياكى مال زاكاز ۋەزىپىسى چۈشۈرگەندە، ئالاقىدار قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن توختام تۈزۈشى كېرەك. 

39-ماددا ئەندىزىلىك ماددا شەكلىدە توختام تۈزۈشتە، ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچى تەرەپ ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىشى ھەمدە جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ياكى چەكلىنىدىغان ماددىلارغا دىققەت قىلىشنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سەمىگە سېلىشى، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ ماددىلارغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

ئەندىزىلىك ماددىلار ئالاقىدارلار تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان ھەمدە توختام تۈزۈشتە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ماددىلاردۇر. 

40-ماددا ئەندىزىلىك ماددىلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 52-ۋە 53-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچى ئۆز جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە ۋە ئاساسلىق ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىۋەتسە، بۇ ماددىلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

41-ماددا ئەندىزىلىك ماددىلارنى چۈشىنىشتە تالاش كۆرۈلسە، ئادەتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئىزاھات بېرىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىغا ئىككى خىلدىن كۆپ ئىزاھات بېرىلگەن بولسا، ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچىغا پايدىسىز ئىزاھات بېرىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددا بىلەن ئەندىزىسىز ماددا بىردەك بولمىسا، ئەندىزىسىز ماددىنى قوللىنىش كېرەك. 

42-ماددا ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: 

(1) توختام تۈزۈشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، يامان غەرەزدە كېڭەشكەنلىرى؛

(2) توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار مۇھىم پاكىتلارنى قەستەن يوشۇرغانلىرى ياكى ساختا ئەھۋال يەتكۈزگەنلىرى؛ 

(3) سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلىرى. 

43-ماددا توختام پۈتكەن-پۈتمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئالاقىدارلارنىڭ توختام تۈزۈش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا ياكى ئۇنىڭدىن يولسىزلىق بىلەن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ياكى ئۇنىڭدىن يولسىزلىق بىلەن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپكە زىيان يەتكۈزگەنلەر زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

3-باب توختامنىڭ كۈچى

44-ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام پۈتكەن ۋاقتىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تەستىقلىتىش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

45-ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەققىدە قوشۇمچە شەرتلەرنى پۈتۈشسە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى قويۇلغان توختام شەرت ھازىرلانغاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىش شەرتى قويۇلغان توختام شەرت ھازىرلانغاندىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ. 

ئالاقىدارلار ئۆز مەپەئىتىنى كۆزلەپ شەرتنىڭ ھازىرلىنىشىغا يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، شەرت ھازىرلاندى، دەپ قارىلىدۇ؛ شەرتنى يولسىزلىق بىلەن ھازىرلىغان بولسا، شەرت ھازىرلانمىدى، دەپ قارىلىدۇ. 

46-ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچى ھەققىدە قوشۇمچە مۆھلەت پۈتۈشسە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولۇش مۆھلىتى بولغان توختام مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاخىرلاشتۇرۇش مۆھلىتى بولغان توختام مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ. 

47-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر تۈزگەن توختام قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن ساپ پايدا توختامى ياكى يېشى، زېھنى، روھىي ساغلاملىقىغا يارىشا تۈزۈلگەن توختامنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھاجەتسىز.

ئاداچى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشىنى سۈيلىسە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ قارىلىدۇ. توختام ئېتراپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. 

48-ماددا ھەرىكەت قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا تۈزگەن توختام ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، جاۋابكارلىقنى ھەرىكەت قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ئاداچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشىنى سۈيلىسە بولىدۇ. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ قارىلىدۇ. توختام توختام ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. 

49-ماددا ھەرىكەت قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىش ئاساسى بولسا، بۇ ۋاكالەتلىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

50-ماددا قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، مەسئۇلى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ توختام تۈزگەن بولسا، ئاداچى ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ۋەكىللىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

51-ماددا بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بىر ياقلىق قىلىشتا، ھوقۇق ئىگىسى ئېتىراپ قىلغان ياكى بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى توختام تۈزۈشكەندىن كېيىن بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، بۇ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

52-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ: 

(1) بىر تەرەپ ئالداش، زورلار ۋاستىسى بولەن توختام تۈزۈپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛ 

(2) يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛ 

(3) قانۇنسىز مەقسەتنى قانۇنلۇق شەكىل بىلەن يوشۇرسا؛ 

(4) جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلسا. 

53-ماددا توختامدا جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر تۆۋەندىكى مەزمۇنلار كۈچكە ئىگە ئەمەس: 

(1) قارشى تەرەپنى جىسمانىي جەھەتتىن زەخمىلەندۈرۈش؛ 

(2) قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سېلىش. 

54-ماددا بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى توختاملارنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) زور ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈلگەن؛

(2) تۈزۈلگەندىلا ئادىل بولمىغان. 

بىر تەرەپ ئالداش، زورلاش ۋاستىسىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقتىن پايدلىنىپ، قارشى تەرەپنى ھەقىقىي ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا تۈزدۈرگەن توختامنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

ئالاقىدارلار ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى بىكار قىلىۋەتسە بولمايدۇ.

55-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ: 

(1) بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقىدارلار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولسا؛

(2) بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقىدارلار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، بىكار قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ياكى ئۆز ھەرىكىتىدە ئىپادىلىگەن بولسا. 

56-ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس توختام ياكى بىكار قىلىنغان توختامنىڭ باشتىلا قانۇن چەكلەش كۈچى بولمايدۇ. توختامنىڭ قىسمەن كۈچكە ئىگە بولماسلىقى باشقا قىسىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىسە، باشقا قىسمى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.

57-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭدىكى تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا دائىر مۇستەقىل ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ. 

58-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىغان ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ توختام ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈك قايتۇرۇلۇشى كېرەك. قايتۇرۇشقا بولمىسا ياكى قايتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەم بېرىلىشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپكە سالغان زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم، سەۋەنلىك ئىككىلا تەرەپتە بولسا، ئىككىلا تەرەپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

59-ماددا ئالاقىدارلار يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلۈك دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى كوللېكتىپ ۋە ئۈچىنچى كىشىگە قايتۇرۇلىدۇ. 

4-باب توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى 

60-ماددا ئالاقىدارلار مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. 

ئالاقىدارلار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، توختامنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە سودىلىشىش ئادىتىگە ئاساسەن، ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھەمكارلىشىش، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 

61-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار سۈپەت، مال پۇلى ياكى ھەق، توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېڭىشىپ تولۇقلىسا بولىدۇ؛ قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىرىنى توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار ياكى سودىىشىش ئادىتى بويىچە بېكىتىدۇ. 

62-ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ: 

(1) سۈپەت تەلىپى ئېنىق بولمىغانلىرىدا دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىدا ئادەتتىكى ئۆلچەم ياكى توختامدىكى مەقسەتكە ئۇيغۇن مۇئەييەن ئۆلچەم ئىجرا قىلىنىدۇ. 

(2) مال پۇلى ياكى ھەق ئېنىق بولمىغانلىرىدا توختام تۈزۈلگەندە ئىجرا قىلىنغان جاينىڭ بازار باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىندىغانلىرىدا شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

(3) ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئېنىق بولماي پۇل بېرىلىدىغانلىرى پۇل ئالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈك تاپشۇرىدىغانلىرىدا شۇ مۈلۈك بار جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باشقا نىشانلار مەجبۇرىيەت ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ.

(4) ئىجرا مۆھلىتى ئېنىق بولمىغاندا، قەرزدار مەجبۇرىيەتنى ھەر ۋاقىت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇ ئىجرا قىلىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپكە يېتەرلىك تەييارلىق ۋاقتى بېرىشى لازىم.

(5) ئىجرا ئۇسۇلى ئېنىق بولمىغانلىرى توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

(6) كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ئېنىق بولمىغان ئىجرا خىراجىتىنى مەجبۇرىيەت ئادا قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

63-ماددا ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان توختامدىكى ھۆكۈمەت باھاسى پۈتۈشكەن تاپشۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە تەڭشەلسە، باھا تاپشۇرۇش ۋاقتىدىكى باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ىشان نەرسىنى تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئەسلىي باھا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدۇ. نىشان نەرسىنى ئېلىش مۇددىتى ياكى پۇل تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، باھانىڭ ئۆرلىگەن ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالسا، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئەسلىي باھا ئىجرا قىلىنىدۇ. 

64-ماددا ئالاقىدارلار قەرزدار قەرزنى ئۈچىنچى كىشىگە تۆلەيدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسىمۇ، قەرزدار قەرزنى ئۈچىنچى كىشىگە تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

65-ماددا ئالاقىدارلار ئۈچىنچى كىشى قەرزنى ھەقدارغا تۆلەيدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئۈچىنچى كىشى قەرزنى تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، قەرزدارنى ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

66-ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا قەرز تۆلەشتە ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولمىسا، بىرلا ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك، قارشى تەرەپ قەرز تۆلەشتىن بۇرۇن يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قارشى تەرەپ قەرزنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

67-ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا قەرز تۆلەشتە ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولسىمۇ، ئاۋۋال تۆلىگۈچى تۆلىمىگەن بولسا، كېيىن تۆلىگۈچى ئۇنىڭ تۆلىتىش تەلپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاۋۋال تۆلىگۈچى قەرزنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، كېيىن تۆلىگۈچى ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

68-ماددا قەرزنى ئاۋۋال تۆلەيدىغان ئالاقىدارلارنىڭ قارشى تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولسا، تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ: 

(1) تىجارەت ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىش؛

(2) قەرزدىن قېچىش مەقسىتىدە، مال-مۈلكىنى يۆتكىۋېتىش، مەبلىغىنى ئېلىپ كېتىش؛ 

(3) سودا ئىناۋىتىنى يوقىتىش؛ 

(4) قەرز تۆلەش ئىقتىدارىدىن قېلىش ياكى ئىقتىدارىدىن قېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.

ئالاقىدارلار ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولماي تۇرۇپ قەرز تۆلەشنى توختىتىپ قويسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

69-ماددا ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇشتا، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. قارشى تەرەپ مۇۋاپىق كېپىللىك بەرگەندە، ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىجرا توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئىجرا ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسە ھەمدە مۇۋاپىق كېپىللىكمۇ بەرمىسە، ئىجرانى توختىتىپ قويغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

70-ماددا ھەقدار ئايرىلىپ كەتكەن، قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى قەرزدارغا ئۇقتۇرماي، قەرز تۆلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسا، قەرزدار قەرز تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا ياكى نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ. 

71-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ مۇدەتتىن بۇرۇن تۆلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇدەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىسە ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

قەرزدارنىڭ مۇدەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىشى تەپەيلىدىن كۆپەيگەن ھەقدارنىڭ چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ. 

72-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن بىر قىسمىنى تۆلىسە، ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

قەرزدارنىڭ قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىشى تۈپەيلىدىن كۆپەيگەن ھەقدارنىڭ چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ. 

73-ماددا قەرزدار ئۆزىنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلىق قىلىپ ھەقدارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئۆز نامىدا ئورۇن بېسىپ يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھەقدارلىقنىڭ قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى زۆرۈر چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ. 

74-ماددا قەرزدار ئۆزىنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ياكى مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ھەقدارغا زىيان سالسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قەرزدار مال-مۈلۈكنى روشەن نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ھەقدارغا زىيان سالسا ھەمدە ئۆتۈنمە قوبۇل قىلغۇچى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىمۇ، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى زۆرۈر چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

75-ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقى ھەقدار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. قەرزدارنىڭ ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈلمىسە، بۇ بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

76-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل، مەسئۇل ۋە بېجىرگۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-باب توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى

77-ماددا ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە، توختامنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنى ئۆزگەرتىشتە تەستىقلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

78-ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغان مەزمۇنىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆزگەرتىلمىگەن دەپ قارىلىدۇ. 

79-ماددا ھەقدار توختامدىكى ھوقۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا: 

(1) توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى؛

(2) ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى. 

80-ماددا ھەقدارلاردىن ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى قەرزدارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرمىغانلىرىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشى قەرزدار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

ھەقدارنىڭ ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ماقۇل بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

81-ماددا ھەقدار ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەقدارلىققا ئالاقىدار قوشۇمچە ھوقۇققا ئېرىشىدۇ، لېكىن بۇنداق قوشۇمچە ھوقۇقلار ھەقدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

82-ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتۈنگۈچىگە رەددىيە بەرمەكچى بولسا، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

83-ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆتۈنگۈچى ئالدىدا ھەقدارلىقى بولسا ھەمدە قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق مۇددىتى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھەقدارلىق مۇددىتىدىن بالدۇر بولسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ توشسا، قەرزدار ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بالانىس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. 

84-ماددا قەرزدالاردىن توختامدىكى مەجبۇرىيەتنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىرى ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. 

85-ماددا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئەسلىي قەرزدارغا ھەقدارغا رەددىيە بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. 

86-ماددا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئاساسىي قەرزگە ئالاقىدار قوشۇمچە قەرزنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇ قوشۇمچە قەرز ئەسلىي قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

87-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى مەجبۇرىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە تەستىقلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

88-ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئۆزىنىڭ توختامدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۈچىنچى كىشىگە بىراقلا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. 

89-ماددا ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە مۇشۇ قانۇننىڭ 79-ماددىسىدىكى، 81-ماددىسىدىن 83-ماددىسىغىچە ھەم 85-ماددىسىدىن 87-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

90-ماددا ئالاقىدار توختام تۈزگەندىن كېيىن قوشۇلۇپ كەتسە، قوشۇلغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار توختامدىكى ھوقۇقنى يۈرگۈزىدۇ ھەم توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ. ئالاقىدارلار توختام تۈزگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كەتسە، ھەقدار بىلەن قەرزدارنىڭ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئايرىلىپ كەتكەن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار توختامدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت ئالدىدا چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم چاتما قەرزنى تۆلەيدۇ. 

6-باب توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلىشىشى 

91-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت ئاياغلىشىدۇ: 

(1) قەرز پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىنىپ بولغان بولسا؛

(2) توختام بىكار قىلىنغان بولسا؛ 

(3) قەرز ئۆز ئارا بالانس قىلىنغان بولسا؛ 

(4) قەرزدار نىشان نەرسىنى قانۇن بويىچە ساقلاشقا بەرگەن بولسا؛

(5) ھەقدار قەرزنى كەچۈرۈم قىلغان بولسا؛ 

(6) ھەقدار بىلەن قەرزدار بىرلا كىشى بولغان بولسا؛ 

(7) ئاياغلىشىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.

92-ماددا توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سودىلىشىش ئادىتى بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش، ياردەملىشىش، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 

93-ماددا ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

ئالاقىدارلار بىر تەرەپنىڭ توختامنى بىكار قىلىش شەرتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ، توختامنى بىكار قىلىش شەرتى ھازىرلانغاندا، بىكار قىلىش ھوقۇق ئىگىسى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

94-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئالاقىدارلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ: 

(1) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا؛

(2) ئىجرا مۆھلىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرزنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە؛ 

(3) ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرزنى تۆلەشنى كېچىكتۈرۈپ، سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تۆلىمىسە؛ 

(4) ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرۈشى ياكى توختامغا خىلاپ باشقا قىلمىشى سەۋەبىدىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا؛ 

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 

95-ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۆھلىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار مۆھلەت توشقۇچە يۈرگۈزمىسە، بۇ ھوقۇق يوقىلىدۇ. 

بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۆھلىتى قانۇندا بەلگىلەنمىگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولۇپ، قارشى تەرەپ سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە يۈرگۈزمىسە، بۇ ھوقۇق يوقىلىدۇ. 

96-ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ مۇشۇ قانۇننىڭ 93-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 94-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن توختام كۈچىنى بىكار قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنى بىكار قىلىشتا تەستىقلىتىش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

97-ماددا توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلىنمىغانلىرىنىڭ ئىجراسى ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئىجرا قىلىنغانلىرىنىڭ ئىجراسى ۋە توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ئالاقىدارلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ۋە باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

98-ماددا توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلاشتۇرۇلۇشى توختامدىكى راسچوت قىلىش ۋە ئېنىقلاشقا دائىر ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

99-ماددا ئالاقىدارلار قەرەلى توشقان قەرزنى ئۆز ئارا تۆلەشتە، شۇ قەرزدىكى نىشان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى ئوخشاش بولسا، ھەر قانداق بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ قەرزىنى قارشى تەرەپنىڭ قەرزى بىلەن بالانس قىلىۋەتسە بولىدۇ، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بالانس قىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

ئالاقىدار بالانس قىلىۋېتىش تەشەببۇسىنى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بالانس قىلىۋېتىشكە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا ياكى مۆھلەت بەلگىلەشكە بولمايدۇ. 

100-ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا قەرز تۆلەشتە، نىشان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى ئوخشاش بولمىسا، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن بالانس قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

101-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە قەرز تۆلەش تەسكە توختىسا، قەرزدار نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ:

(1) ھەقدار تاپشۇرۇۋېلىشنى ئۇرۇنسىز رەت قىلسا؛ 

(2) ھەقدارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىسا؛

(3) ھەقدار ئۆلۈپ كېتىپ ۋارىسى بېكىتىلمىگەن ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ، ۋەسىيىسى بېكىتىلمىگەن بولسا؛ 

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 

نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگىلى بولمىسا ياكى ساقلاش خىراجىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قەرزدار ئۇنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ، پۇلىنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ. 

102-ماددا نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگەندىن كېيىن، ھەقدارنىڭ ئىز-دېرىكى بولغىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەرزدار ھەقدارغا ياكى ھەقدارنىڭ ۋارىسىغا، ۋەسىيىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 

103-ماددا نىشان نەرسىنىڭ ساقلاشقا بەرگەندىن كېيىن بۇزۇلۇش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ. ساقلاپ بېرىلىۋاتقان چاغدىكى ھاسىلى ئۆسۈمى ھەقدارغا تەۋە بولىدۇ. ساقلىتىش خىراجىتىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

104-ماددا ھەقدار ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى ھەر ۋاقىت ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، لېكىن قەرزدارنىڭ ھەقداردا قەرەلى توشقان بولسا، ھەقدار قەرز تۆلەشتن ياكى كېپىللىك بېرىشتىن بۇرۇن، ساقلىغۇچى تارماق قەرزدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەقدارنىڭ ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىشىنى رەت قىلىشى كېرەك.

ھەقدارنىڭ ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىش ھوقۇقى شۇ نەرسە ساقلاشقا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ، ساقلانما ساقلىتىش خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن دۆلەت ئىلىكىگە ئۆتىدۇ. 

105-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، توختامدىكى ھوھۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى ئاياغلىشىدۇ. 

106-ماددا ھەقدار بىلەن قەرزدار بىرلا كىشى بولسا، توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت ئاياغلىشىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

7-باب خىلاپلىق جاۋابكارلىقى 

107-ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىسا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

108-ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە، قارشى تەرەپ ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

109-ماددا بىر تەرەپ مال پۇلىنى تۆلىمىگەن ياكى ھەق بەرمىگەن بولسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن مال پۇلىنى تۆلەشنى ياكى ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

110-ماددا بىر تەرەپ پۇلدىن باشقا قەرزنى تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، قارشى تەرەپ توختامنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا: 

(1) قانۇن جەھەتتە ياكى ئەمەلىيەتتە ئادا قىلغىلى بولمىسا؛ 

(2) قەرز نىشانى مەجبۇرىي ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى ئادا قىلىش خىراجىتى زىيادە يۇقىرى بولسا؛

(3) ھەقدار مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا. 

111-ماددا سۈپىتى پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىرىدا، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. خىلاپلىق جاۋابكارلىقى پۈتۈشەلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشەلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى نىشاننىڭ خاراكتېرى ۋە زىياننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ، قارشى تەرەپتىن زېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، قايتۇرۇپ بېرىش، مال پۇلىنى ياكى ھەقنى كېمەيتىپ بېرىش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى مۇۋاپىق تاللاپ تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

112-ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىسا، مەجبۇرىيەت ئادا قىلغان تولۇقلاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىنمۇ قارشى تەرەپكە يەنە باشقا زىيان سالسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

113-ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلماسلىق تۈپەيلىدىن قارشى تەرەپكە زىيان سالغان بولسا، تۆلەم سوممىسى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيانغا، جۈملىدىن توختامنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەئەتكە تەڭ بولۇشى لازىم، لېكىن توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ توختام تۈزگەندە مۆلچەرلىگەن ياكى مۆلچەرلەشكە تېگىشلىك بولغان، توختامغا خىلاپلىق قىلىشتىن كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان زىيىنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

ئىستېمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىملىق بىلەن تەمىن ئېتىشتە ئالدامچىلىق قىلغان تىجارەتچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، زىياننى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

114-ماددا ئالاقىدارلاردىن بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا، خىلاپلىق ئەھۋالىغا قاراپ قارشى تەرەپكە مەلۇم مىقداردا خىلاپلىق پۇلى تۆلەشنى پۈتۈشسە بولىدۇ، خىلاپلىق تۈپەيلىدىن كۆرۈلگەن زىياننى سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ. 

پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى زىياندىن تۆۋەن بولسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن ئۇنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى زىياندىن زىيادە يۇقىرى بولسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن ئۇنى مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

ئالاقىدارلار قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرگەندە خىلاپلىق پۇلى بېرىشنى پۈتۈشكەن بولسا، خىلاپلىق قىلغۇچى خىلاپلىق پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن قەرزنىمۇ تۆلىشى لازىم. 

115-ماددا ئالاقىدارلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» بويىچە، ھەقدارلىق كېپىلى سۈپىتىدە بىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە زاكالەت بېرىشىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز تۆلىگەندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىشى ياكى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم. پۈتۈشكەن قەرزنى تۆلىمىگەن زاكالەت بەرگۈچىدە زاكالەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ پۈتۈشكەن قەرزنى تۆلىمىگەن زاكالەت ئالغۇچى زاكالەتنى ئىككى ھەسسە بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك. 

116-ماددا ئالاقىدارلار خىلاپلىق پۇلىنىمۇ، زاكالەتنىمۇ پۈتۈشكەن بولسا، بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلغان چاغدا، قارشى تەرەپ خىلاپلىق پۇلى ياكى زاكالەتكە دائىر ماددىلارنى تاللاپ تەتبىقلىسا بولىدۇ.

117-ماددا يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن توختامنى ئىجرا قىلمىغانلار يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن، جاۋابكارلىقتىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئالاقىدارلار ئىجرانى كېچىكتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال مۆلچەرلىگىلى، ساقلانغىلى ۋە تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. 

118-ماددا بىر تەرەپ يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن توختامنى ئادا قىلالمىسا، قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياننى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئىسپات بېرىشى لازىم. 

119-ماددا بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلسا، قارشى تەرەپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىغانلىقتىن زىيان چوڭىيىپ كەتسە، شۇ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

ئالاقىدارلارنىڭ زىيان چوڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنى خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

120-ماددا ئىككىلا تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

121-ماددا بىر تەرەپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەبىدىن خىلاپلىق قىلغان بولسا، قارشى تەرەپ ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئالاقىدار بىر تەرەپ بىلەن ئۈچىنچى كىشى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.

122-ماددا بىر تەرەپنىڭ خىلاپلىق قىلمىشى قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىيەت ۋە مال-مۈلۈك قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىيەت ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى باشقا قانۇنلار بويىچە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشنى تاللىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

8-باب باشقا بەلگىلىمىلەر 

123-ماددا باشقا قانۇنلاردا توختام توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

124-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدا ياكى باشقا قانۇنلاردا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغان توختاملارغا مۇشۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى ياكى باشقا قانۇنلاردىكى ئەڭ ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

125-ماددا ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا توختام ماددىلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتە تالاش كۆرۈلسە، توختامدا ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈمىلىلەر، توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار، توختامدىكى مەقسەت، سودىلىشىش ئادىتى ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، شۇ ماددىلارنىڭ ھەقىقىي مەنسىنى بېكىتىش لازىم.

توختام ھۆججەتلىرى ئىككى خىلدىن ئارتۇق يېزىقتا تۈزۈلگەن ھەمدە ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ پۈتۈشۈلگەن بولسا، ھەر قايسى يېزىقتىكى ھۆججەتلەردە ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. ھەر قايسى يېزىقتىكى ھۆججەتلەردە ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر بىردەك بولمىسا، ئۇنىڭغا توختامنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن ئىزاھات بېرىش كېرەك.

126-ماددا چەتكە چېتىشلىق توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامدىكى تالاشنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللىۋالسا بولىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، چەتكە چېتىشلىق توختام تۈزۈشكۈچىلەر تاللىمىغان بولسا، توختام بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ئىجرا قىلىنىدىغان جۇڭگو چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار توختامى، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار توختامى ۋە جۇڭگو-چەت ئەل تەبىئىي بايلىقلارنى ھەمكارلىشىپ چارلاش، ئېچىش توختامغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.

127-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسدە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، توختامدىن پايدىلىنىپ دۆلەت مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

128-ماددا ئالاقىدارلار توختامدىكى تالاشنى كېلىشىش ياكى مۇرەسسە بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلار كېلىشىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشىش، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چەتكە چېتىشلىق توختام تۈزۈشكۈچىلەر كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن، جۇڭگودىكى كېسىم ئاپپاراتىغا ياكى باشقا كېسىم ئاپپاراتلىرىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېسىم كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم قارارى ۋە مۇرەسسەنامىنى ئىجرا قىلىش لازىم؛ ئىجرا قىلمىغانلىرىدا قارشى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

129-ماددا خەلقئارا مال سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى بىلەن تېخنىكا ئىمپورت-ئېكسپورت توختامىغا ئائىت تالاش ئۈستىدە دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى تۆت يىل بولىدۇ، ئۇ ئالاقىدارلار ئۆز ھوقۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا توختام تالاشلىرى ئۈستىدە دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

خاس پرىنسىپ 

9-باب سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى 

130-ماددا سېتىۋېلىش-سېتش توختامى ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان، سېتىۋالغۇچى مال پۇلى تۆلەيدىغان توختامدۇر. 

131-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنىڭ ئوراش-قاچىلاش ئۇسۇلى، پرىيوم ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى، راسچوت ئۇسۇلى، توختام تۈزۈشتە قوللىنىدىغان يېزىق ۋە ئۇنىڭ كۈچى قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. 

132-ماددا سېتىشتا نىشان نەرسە ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشى ياكى ساتقۇچى ئۇنى بىر ياقلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولۇشى كېرەك. 

نىشان نەرسىلەردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغانلىرى ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چەك قويۇلغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

133-ماددا نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ نەرسە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ يۆتكىلىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

134-ماددا ئالاقىدارلار سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ياكى باشقا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىسا، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ساتقۇچىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ پۈتۈشسە بولىدۇ.

135-ماددا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا نىشان نەرسىنى ياكى ئۇنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇش ھەمدە نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

136-ماددا ساتقۇچى پۈتۈشكىنى ياكى سودىلىشىش ئادىتى بويىچە نىشان نەرسىنى ئېلىش تالونىدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك تالون ۋە ماتېرىياللارنىمۇ سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

137-ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق نىشان نەرسىلەرنى سېتىشتا، شۇ نىشان نەرسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سېتىۋالغۇچىغا تەۋە بولمايدۇ. 

138-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشى كېرەك. تاپشۇرۇش سۈرۈكى پۈتۈشۈلگەن بولسا، ساتقۇچى تاپشۇرۇش سۈرۈكى ئىچىدىكى ھەر قانداق چاغدا تاپشۇرسا بولىۋېرىدۇ.

139-ماددا ئالاقىدارلار نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى ۋە 62-ماددىسىنىڭ(4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

140-ماددا نىشان نەرسىنى سېتىۋالغۇچى توختام تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئىگىلىۋالغان بولسا، توختام كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. 

141-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئالاقىدارلار تاپشۇرىدىغان جاينى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ: 

(1) نىشان نەرسىنى توشۇشقا توغرا كەلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى تۇنجى توشۇغۇچىنىڭ سېتىۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك. 

(2) نىشان نەرسىنى توشۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى توختام تۈزگەندە نىشان نەرسىنىڭ مەلۇم جايدا ئىكەنلىكىنى بىلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى شۇ جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ نىشان نەرسىنىڭ مەلۇم جايدا ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى توختام تۈزگەن چاغدىكى تىجارەت ئورنىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.

142-ماددا نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ئۇ تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

143-ماددا سېتىۋالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تاپشۇرغىلى بولمىسا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىنغان كۈندىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

144-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىلەردىن توشۇغۇچىنىڭ توشۇشىغا تاپشۇرۇپ توشۇلۇۋاتقانلىرىنى ساتقاندا، ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى توختام پۈتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

145-ماددا ئالاقىدارلار نىشان نەرسە تاپشۇرۇلىدىغان جاينى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 141-ماددا 2-تارماق(1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى تۇنجى توشۇغۇچىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

146-ماددا ساتقۇچى پۈتۈشكىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 141-ماددا 2-تارماق(2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇلىدىغان جايغا قويۇپ قويغاندا، سېتىۋالغۇچى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئالمىسا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغان كۈندىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

147-ماددا ساتقۇچىنىڭ نىشان نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك تالون ۋە ماتېرىياللارنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرماسلىقى ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

148-ماددا نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغاندا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغان ياكى توختامنى بىكار قىلغاندا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

149-ماددا نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ساتقۇچىنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە قەرز تۆلىمەسلىكى سەۋەبلىك سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتمەيدۇ. 

150-ماددا ساتقۇچى ئۆزى تاپشۇرغان نىشان نەرسىدە ئۈچىنچى كىشىنىڭ سېتىۋالغۇچىدىن ھېچقانداق ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

151-ماددا سېتىۋالغۇچى توختام تۈزگەندە ئۈچىنچى كىشىنىڭ سېتىلىدىغان نىشان نەرسىدە ھوقۇقى بارلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ساتقۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 150-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

152-ماددا سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۈچىنچى كىشىنىڭ نىشان نەرسىدە ھوقۇق تەشەببۇس قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى بولسا، مۇناسىپ مال پۇلى تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ، لېكىن ساتقۇچى مۇۋاپىق كېپىللىك بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

153-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن سۈپەت تەلىپى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتىگە ئائىت چۈشەندۈرمىنى بەرگەن بولسا، تاپشۇرغان نىشان نەرسە شۇ چۈشەندۈرمىدىكى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

154-ماددا ئالاقىدارلار نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت تەلىپى توغرىسىدا پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 62-ماددىسىنىڭ(1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

155-ماددا ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىسا، سېتىۋالغۇچى ئۇنىڭدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 111-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

156-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن ئوراش-قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. ئوراش-قاچىلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ھەممىباب ئۇسۇل بويىچە ئوراش-قاچىلاش كېرەك، ھەممىباب ئۇسۇل بولمىسا نىشان نەرسىنىڭ بېجىرىملىكىنى ساقلايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئوراش-قاچىلاش كېرەك.

157-ماددا سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، پۈتۈشكەن پرىيوم سۈرۈكى ئىچىدە پرىيوم قىلىشى كېرەك. پرىيوم سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ۋاقتىدا پرىيوم قىلىشى كېرەك. 

158-ماددا ئالاقىدارلار پرىيوم سۈرۈكىنى پۈتۈشكەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى ساتقۇچىغا پرىيوم سۈرۈكى ئىچىدە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ئۇقتۇرۇش قىلىشتا سۇسلۇق قىلسا، نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ.

ئالاقىدارلار پرىيوم سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى سەزگەن ياكى سېزىشكە تېگىشلىك بولغان مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلمىسا ياكى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلمىسا، نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىدۇ، لېكىن نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بولسا، ئىككى يىل ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش توغرىسىدىكى شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلانماي، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تەتبىقلىنىدۇ. 

ساتقۇچى ئۆزى بەرگەن نىشان نەرسىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش ۋاقتىنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

159-ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن سان بويىچە تۆلىشى كېرەك. مال پۇلى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى، 62-ماددىسىنىڭ(2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

160-ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن جايدا تۆلىشى كېرەك. تۆلەيدىغان جاي پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمسا، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنىڭ تىجارەت ئورنىدا تۆلىشى كېرەك، لېكىن مال پۇلى تۆلەشنى پۈتۈشكەندە نىشان نەرسىنى ياكى ئۇنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇش شەرتى قويۇلغان بولسا، نىشان نەرسە ياكى ئۇنى ئېلىش تالونى بار جايدا تۆلىنىدۇ. 

161-ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك. تۆلەش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسە ياكى ئۇنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك. 

162-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى ئارتۇق تاپشۇرسا، سېتىۋالغۇچى ئارتۇق قىسمىنى ئالسىمۇ ياكى رەت قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. سېتىۋالغۇچى ئارتۇق قىسمىنى ئالسا، مال پۇلىنى توختامدىكى باھا بويىچە تۆلەيدۇ؛ سېتىۋالغۇچى ئارتۇق قىسمىنى رەت قىلماقچى بولسا، ساتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

163-ماددا نىشان نەرسىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى ھاسىلاتى ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ھاسىلاتى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

164-ماددا نىشان نەرسىنىڭ ئاساسىي قىسمى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن توختام بىكار قىلىنسا، نىشان نەرسىنىڭ قوشۇمچە قىسىمىغىمۇ توختامنى بىكار قىلىشنىڭ كۈچى يېتىدۇ. نىشان نەرسىنىڭ قوشۇمچە قسىمى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن توختام بىكار قىلىنسا، نىشان نەرسىنىڭ ئاساسىي قىسمىغا توختامنى بىكار قىلىشنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. 

165-ماددا نىشان نەرسە بىر نەچچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەرسە پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سېتىۋالغۇچى شۇ نەرسىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن شۇ نەرسە باشقا نەرسىلەردىن ئايرىۋېىلگەندە نىشان نەرسىنىڭ قىممىتىگە زىيان يېتىدىغان بولسا، ئالاقىدارلار بىر نەچچە نەرسىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

166-ماددا ساتقۇچىلاردىن نىشان نەرسىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تاپشۇرىدىغانلىرى نىشان نەرسىدىن بىر تۈركۈمنى تاپشۇرمىغانلىقتىن ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرمىغانلىقتىن، شۇ تۈركۈمدىكى نىشان نەرسىدە توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى شۇ تۈركۈمدىكى نىشان نەرسىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ بىر تۈركۈمىنى تاپشۇرمىغانلىقتىن ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرمىغانلىقتىن، نىشان نەرسىنىڭ كېيىنكى باشقا تۈركۈمىنى تاپشۇرغان بىلەنمۇ توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ شۇ تۈرۈكۈمىگە ۋە كېيىنكى باشقا تۈركۈمىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ بىر تۈركۈمىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلماقچى بولغاندا، نىشان نەرسىنىڭ شۇ تۈركۈمى بىلەن باشقا تۈركۈملىرى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولسا، نىشان نەرسىنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋە تاپشۇرۇلمىغان تۈركۈمىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

167-ماددا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان سېتىۋالغۇچىنىڭ مۇددىتى توشسىمۇ تۆلىمىگەن مال پۇلى سوممىسى ھەممە مال پۇلىنىڭ بەشتىن بىرىگە يەتكەن بولسا، ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىدىن ھەممە مال پۇلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ساتقۇچى توختامنى بىكار قىلغاندا، سېتىۋالغۇچىدىن شۇ نىشان نەرسىنى ئىشلىتىش ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

168-ماددا ئەۋرىشكە بويىچە سودىلاشقۇچىلار ئەۋرىشكىنى پېچەتلەپ ساقلىشى كېرەك ھەمدە ئەۋرىشكىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرسە بولىدۇ. ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسە بىلەن ئەۋرىشكە ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلگەن سۈپىتى ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

169-ماددا ئەۋرىشكە بويىچە سېتىۋالغۇچى ئەۋرىشكىنىڭ يوشۇرۇن نۇقسانى بارلىقىنى بىلمىسە، تاپشۇرۇلغان نىشان نەرسە ئەۋرىشكە بىلەن ئوخشاش بولغان تەقدىردىمۇ، ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى يەنىلا ئوخشاش تۈرىدىكى نەرسىنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 

170-ماددا ئىشلىتىپ كۆرۈپ سودىلاشقۇچىلار نىشان نەرسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئۇنى ساتقۇچى بېكىتىدۇ. 

171-ماددا ئىشلىتىپ كۆرۈپ سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكى ئىچىدە سېتىۋالسا بولىدۇ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكى توشقاندا سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىسە، سېتىۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

172-ماددا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش يولى بىلەن سودىلاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تەرتىپى قاتارلىقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

173-ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك كىمئارتۇق سودىسىنىڭ تەرتىپى قاتارلىقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملادىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

174-ماددا قانۇندا باشقا ھەقلىق توختاملار توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ.

175-ماددا ئالاقىدار مال ئالماشتۇرۇش سودىسى قىلىپ، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەشنى پۈتۈشكەن بولسا، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەردىن پايدىلىنىدۇ.

10-باب توك، سۇ، گاز ۋە پار بېرىش-ئىشلىتىش توختامى

176-ماددا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامى توك بەرگۈچى توك ئىشلەتكۈچىگە توك بېرىدىغان، توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلىنى تۆلەيدىغان توختامدۇر. 

177-ماددا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامىنىڭ مەزمۇنى توك بېرىش ئۇسۇلى، سۈپىتى، ۋاقتى، توك ئىشلىتىش سىغىمچانلىقى، ئادرېسى، خاراكتېرى، ئۆلچەش ئۇسۇلى، توك باھاسى ۋە توك پۇلىنى راسچوت قىلىش ئۇسۇلى، توك بېرىش ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش جاۋابكارلىقى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

178-ماددا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامى ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، توك بېرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئايرىلغان جاي توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ. 

179-ماددا توك بەرگۈچى توكنى دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى ۋە پۈتۈم بويىچە بىخەتەر بېرىشى كېرەك. توك بەرگۈچىلەردىن توكنى دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى ۋە پۈتۈم بويىچە بىخەتەر بەرمەي، توك ئىشلەتكۈچىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

180-ماددا توك بەرگۈچى توك بېرىش ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ۋاقىتلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، توك ئىشلىتىشكە قانۇن بويىچە چەك قويۇش ياكى توك ئىشلەتكۈچى توكنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن توك بېرىشنى توختىتىشقا توغرا كەلسە، توك ئىشلەتكۈچىگە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىن ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالدىن ئۇقتۇرماي توكنى ئۈزۈپ قويۇپ، توك ئىشلەتكۈچىگە زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

181-ماددا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توك ئۈزۈلۈپ قالسا، توك بەرگۈچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچىلەردىن توك پۇلىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك. سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلى ۋە خىلاپلىق پۇلىنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرمىسا، توك بەرگۈچى توكنى دۆلەت بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

183-ماددا توك ئىشلەتكۈچى توكنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بىخەتەر ئىشلىتىشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچىلەردىن توكنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بىخەتەر ئىشلەتمەي، توك بەرگۈچىگە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

184-ماددا سۇ بېرىش-ئىشلىتىش، گاز بېرىش-ئىشلىتىش، پار بېرىش-ئىشلىتىش، توختاملىرىدا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەردىن پايدىلىنىدۇ. 

11-باب ھەدىيە توختامى 

185-ماددا ھەدىيە توختامى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان توختامدۇر. 

186-ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال-مۈلكىنىڭ ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئەخلاق-مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامىدا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

187-ماددا ھەدىيە مال-مۈلۈكلەردىن تىزىملىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە بېجىرىشكە توغرا كېلىدىغانلىرىدا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك. 

188-ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋنلىق، ئەخلاق مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامىدا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال-مۈلكىنى تاپشۇرمىسا، قوبۇل قىلغۇچى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

189-ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال-مۈلكىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇۋەتسە، يوقىتىۋەتسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

190-ماددا ھەدىيىدە مەجبۇرىيەت يۈكلەنسە بولىدۇ. 

ھەدىيىدە مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن بولسا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. 

191-ماددا ھەدىيە مال-مۈلۈكتە نۇقسان بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن ھەدىيە مال-مۈلۈكتە نۇقسان بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى ساتقۇچى بىلەن ئوخشاش جاۋابكارلىقنى يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت دائىرىسىدە ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھەدىيە قىلغۇچىلاردىن نۇقساننى قەستەن ئېيتماي ياكى نۇنسان يوقلۇقىغا كاپالەت بېرىپ، قوبۇل قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

192-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ: 

(1) ھەدىيە قىلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزسە؛ 

(2) ھەدىيە قىلغۇچىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا؛ 

(3) ھەدىيە توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا. 

ھەدىيە قىلغۇچى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ. 

193-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھەدىيە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالسا، ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ. 

194-ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقى ئىگىسى ھەدىيىنى بىكار قىلغاندا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدىن ھەدىيە مال-مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

195-ماددا ھەدىيە قىلغۇچىلاردىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ناچارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ياكى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكەنلىرى ھەدىيە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋەرمىسىمۇ بولىدۇ. 

12-باب قەرز پۇل ئېلىش توختامى

196-ماددا قەرز پۇل ئېلىش توختامى قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىدىن قەرز ئېلىپ، قەرەلى توشقاندا ئالغان قەرزنى قايتۇرىدىغان ھەمدە ئۆسۈمىنى تۆلەيدىغان توختامدۇر. 

197-ماددا قەرز پۇل ئېلىش توختامى يازما بولىدۇ، لېكىن تەبىئىي شەخسلەر ئارا قەرز پۇل ئېلىشتا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

قەرز پۇل ئېلىش توختامىنىڭ مەزمۇنى قەرز تۈرى، پۇل تۈرى، ئىشلىتىش ئورنى، سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، مۆھلىتى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

198-ماددا قەرز پۇل ئېلىش توختامى تۈزۈشتە، قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىدىن كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كېپىللىك «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

199-ماددا قەرز پۇل توختامى تۈزۈشتە، قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەرز ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي پائالىيەتلىرىنى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. 

200-ماددا قەرز پۇل ئۆسۈمىنى دىردىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۆسۈم قەرز پۇل دىرىدىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىنسا، قەرز پۇلنى ئەمەلىي سوممىسى بويىچە قايتۇرۇش ۋە ئۆسۈمىنى ھېسابلاش كېرەك. 

201-ماددا قەرز بەرگۈچىلەردىن قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ۋاقتى، سانى بويىچە بەرمەي، قەرز ئالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى زىياننى تۆلىشى كېرەك.

قەرز ئالغۇچىدىن قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ۋاقتى، سانى بويىچە ئالمىغانلىرى ئۆسۈمىنى پۈتۈشكەن ۋاقتى، سانى بويىچە تۆلىشى كېرەك. 

202-ماددا قەرز بەرگۈچى قەرز پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەكشۈرسە، نازارەت قىلسا بولىدۇ. قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىنى مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە قەرەللىك تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. 

203-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ئورنىغا ئىشلەتمىسە، قەرز بەرگۈچى قەرز پۇل بېرىشنى توختاتسا، قەرز پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرالىسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

204-ماددا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنى بېجىرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكى بويىچە بېكىتىش كېرەك.

205-ماددا قەرز ئالغۇچى ئۆسۈمنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تۆلىشى كېرەك. ئۆسۈم تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، قەرز سۈرۈكى بىر يىلغا توشمايدىغانلار قەرز پۇلنى قايتۇرغان چاغدا ئۆسۈمىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. قەرز سۈرۈكى بىر يىلدىن ئاشىدىغانلار ئۆسۈمنى يىلدا بىر تۆلىشى، قالغان سۈرۈكى ئاشىدىغانلار ئۆسۈمنى يىلدا بىر تۆلىشى، قالغان سۈرۈكى بىر يىلغا توشمايدىغانلار قەرز پۇلنى قايتۇرغان چاغدا ئۆسۈمىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. sfsf 

206-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشى كېرەك. قەرز پۇل مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، قەرز ئالغۇچى ھەر ۋاقىت قايتۇرسا بولىدۇ؛ قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنى قەرز پۇلنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا سۈيلىسە بولىدۇ. 

207-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە قايتۇرمسا، مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىك ئۆسۈمىنى پۈتۈشكىنى ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلىشى كېرەك.

208-ماددا ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى قەرەلدىن بۇرۇن قايتۇرسا، ئۆسۈمىنى قەرز پۇلنىڭ ئەمەلىي قەرەلى بويىچە ھېسابلاش كېرەك. 

209-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرەلىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى قەرز قايتۇرۇش قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن قەرز بەرگۈچىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قەرز بەرگۈچى قوشۇلسا، قەرەلنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. 

210-ماددا تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامى قەرز بەرگۈچى قەرز بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

211-ماددا تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلەشنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆسۈم تۆلىمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. 

تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلىنىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسا، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى دۆلەتنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى چېكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك. 

13-باب ئىجارە توختامى

212-ماددا ئىجارە توختامى ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشى، مەنپەئەتلىنىشىگە تاپشۇرىدىغان، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر. 

213-ماددا ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى ئىجارە نەرسىنىڭ نامى، سانى، ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىجارە مۆھلىتى، ئىجارە ھەققى ۋە ئۇنى تۆلەش مۆھلىتى، ئۇسۇلى، ئىجارە نەرسىنى ئاسراش-رېمونت قىلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

214-ماددا ئىجارە مۆھلىتى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قسىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا، ئالاقىدارلار ئىجارە توختامىنى داۋاملىق تۈزسە بولىدۇ، لېكىن پۈتۈشكەن ئىجارە مۆھلىتى توختامنى داۋاملىق تۈزگەن كۈندىن باشلاپ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

215-ماددا ئىجارە مۆھلىتى ئالتە ئايدىن ئاشىدىغان بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. ئالاقىدار يازما شەكىل قوللانمىغان بولسا، قەرەلسىز ئىجارە، دەپ قارىلىدۇ. 

216-ماددا ئىجارە بەرگۈچى نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىغا پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى ھەمدە ئىجارە نەرسىنى ئىجارە سۈرۈكىدە پۈتۈشكەن ئورنىغا ئىشلىتىشى كېرەك. 

217-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىجارە نەرسىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئىجارە نەرسنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئىشلىتىشى لازىم.

218-ماددا ئىجارە ئالغۇچىلاردىن ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى خاراكتېرى بويىچە ئىشلىتىپ ئۇپرىتىپ قويغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

219-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى خاراكتېرى بويىچە ئىشلىتىپ زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

220-ماددا ئىجارە بەرگۈچى نەرسىنى ئاسراش-رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

221-ماددا ئىجارە نەرسىنى ئاسراش-رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىدىن مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئاسراش-رېمونت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىجارە بەرگۈچى ئاسراش-رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى ئاسرىسا، رېمونت قىلسا بولىدۇ، ئاسراش-رېمونت قىلىش خىراجىتىنى ئىجارە ئالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىجارە نەرسىنى ئاسراش-رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتسە، ئىجارە ھەققىنى مۇناسىپ كېمەيتىش ياكى ئىجارە مۆھلىتىنى ئۇزارتىش كېرەك. 

222-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئوبدان ساقلىماي ئىجارە نەرسىنى بۇزۇۋەتكەن ۋە يوقىتىۋەتكەنلەر زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

223-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئىجارە نەرسىنى ياخشىلىسا ياكى ئۇنىڭغا باشقا نەرسىلەرنى قوشسا بولىدۇ.

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىجارە نەرسىنى ياخشىلىسا ياكى ئۇنىڭغا نەرسىلەرنى قوشسا، ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىدىن ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى ياكى زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

224-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئىجارە نەرسىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئىجارە بەرسە بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسنى باشقا كىشىگە ئىجارە بەرسە، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارە بەرگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۈچىنچى كىشى ئىجارە نەرسىنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە ئالغۇچى زىياننى تۆلىشى لازىم. 

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا كىشىگە ئىجارە بەرسە، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

225-ماددا ئىجارە سۈرۈكىدە ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ، ئىشلىتىپ ئېرىشكەن مەنپەئەت ئىجارە ئالغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

226-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تۆلىشى كېرەك. تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئىجارە سۈرۈكى بىر يىلغا توشمايدىغانلار ئىجارە سۈرۈكى توشقان چاغدا تۆلىشى؛ ئىجارە سۈرۈكى بىر يىلدىن ئاشىدىغانلار يىلدا بىر تۆلىشى، قالغان سۈرۈكى بىر يىلغا توشمىغانلار ئىجارە سۈرۈكى توشقان چاغدا تۆلىشى كېرەك. 

227-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى تۆلىمىگەنلىككە ياكى كېچىكتۈرگەنلىككە ئورۇنلۇق سەۋەب كۆرسىتەلمىسە، ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىدىن مۇۋاپىق مۆھلەتتە تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۆلىمىسە، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

228-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئۈچىنچى كىشى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن ئىشلىتەلمىسە، مەنپەئەتلىنەلمىسە، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىشنى ياكى تۆلىمەسلىكنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

ئۈچىنچى كىشى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

229-ماددا ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارە سۈرۈكىدە ئۆزگەرسە، ئىجارە توختامىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ. 

230-ماددا ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ئۆينى ساتىدىغانلىرى سېتىشتىن بۇرۇن ئىجارە ئالغۇچىغا مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىجارە ئالغۇچى ئوخشاش شەرت بىلەن ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

231-ماددا ئىجارە نەرسە جاۋابكارلىقنى ئىجارە ئالغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان، يوقالغان بولسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىشنى ياكى تۆلىمەسلىكنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىجارە نەرسە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقى، يوقالغانلىقى سەۋەبىدىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، ئىجارە ئالغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

232-ماددا ئالاقىدارلار ئىجارە مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، قەرەلسىز ئىجارە، دەپ قارىلىدۇ. ئالاقىدارلار توختامنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىغا توختامنى بىكار قىلىشنى مۇۋاپىق مۆھلەتتىن بۇزۇن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

233-ماددا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، ئىجارە ئالغۇچى توختام تۈزگەندە شۇ ئىجارە نەرسىنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، توختامنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ.

234-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئىجارە ئالغان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھايات چاغدا بىللە ئولتۇرغان كىشى ئەسلىي ئىجارە توختامى شۇ ئۆينى ئىجارە ئالسا بولىدۇ.

235-ماددا ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك. قايتۇرۇلغان ئىجارە نەرسە پۈتۈشكىنى ياكى ئىجارە نەرسىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ھالىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

236-ماددا ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئىجارە بەرگۈچىنىڭ باشقىچە پىكرى بولمىسا، ئەسلىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئىجارە مۆھلىتى بېكىتىلمىگەن ھېسابلىنىدۇ.

14-باب مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى 

237-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىنى ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا قاراپ، ساتقۇچىدىن ئىجارە نەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدىغان، ئىجارە ئالغۇچى ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

238-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى ئىجارە نەرسىنىڭ نامى، سانى، ئۆلچىمى، تېخنىكىلىق خۇسۇسىيتى، پرىيوم ئۇسۇلى، ئىجارە مۆھلىتى، ئىجارە ھەققىنىڭ تەركىبى ۋە ئۇنى تۆلەش مۆھلىتى، ئۇسۇلى، پۇل تۈرى، مۆھلىتى توشقان ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى يازما بولىدۇ. 

239-ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىنى ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا قاراپ تۈزگەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدا، ساتقۇچى ئىجارە ئالغۇچىغا نىشان نەرسىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك، ئىجارە ئالغۇچى نىشان نەرسىگە ئالاقىدار سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

240-ماددا ئىجارە بەرگۈچى، ساتقۇچى، ئىجارە ئالغۇچى مۇنداق پۈتۈشسە بولىدۇ: ساتقۇچى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجارە ئالغۇچى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئىجارە بەرگۈچى ھەمكارلىشىشى كېرەك.

241-ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىنى، ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا قاراپ تۈزگەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدا، ئىجارە ئالغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك توختام مەزمۇنىنى ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

242-ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىجارە ئالغۇچى ۋەيران بولسا، ئىجارە نەرسە ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك ھېسابلانمايدۇ. 

243-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىدىكى ئىجارە ھەققى ئىجارە نەرسىنى سېتىۋالغان تەننەرخنىڭ كۆپ قىسمىغا ياكى ھەممىسىگە ۋە ئىجارە بەرگۈچىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسىغا قاراپ بېكىتىلىشى لازىم، ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

244-ماددا ئىجارە نەرسە پۈتۈمگە ياكى ئىشلىتىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىجارە بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ بېكىتكەنلىرى ياكى ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە نەرسىنى تاللاشقا ئارىلاشقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

245-ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە نەرسىنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

246-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە ئىجارە نەرسە ئۈچىنچى كىشىنى جىسمانىي جەھەتتە زەخمىلەندۈرسە ياكى مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

247-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك. 

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە ئاسراش-رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. 

248-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىشى كېرەك. سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تۆلىمىسە، ئىجارە بەرگۈچى بارلىق ئىجارە ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ توختامنى بىكار قىلىپ، ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ. 

249-ماددا ئالاقىدارلار ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدۇ، دەپ پۈتۈشكەندە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆلەپ بولغان بولسىمۇ، قالغان ئىجارە ھەققىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلىپ ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇۋالسا، قايتۇرۇۋالغان ئىجارە نەرسىنىڭ قىممىتى ئىجارە ئالغۇچى تۆلىمىگەن ئىجارە ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەردىن ئېشىپ كەتسە، ئىجارە ئالغۇچى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

250-ماددا ئىجارە بەرگۈچى بىلەن ئىجارە ئالغۇچى سۈرۈكى توشقان ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارە بەرگۈچىگە تەۋە بولىدۇ. 

15-باب كاسىنا ئىش توختامى 

251-ماددا كاسىنا ئىش توختامى كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشنى تۈگىتىپ، ئىش نەتىجىسىنى تاپشۇرىدىغان، بۇيرۇتقۇچى ھەق بېرىدىغان توختامدۇر. 

كاسىنا ئىش پىششىقلاش، بۇيرۇتۇش، رېمونت قىلىش، كۆپەيتىش، سىناش، پرىيوم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

252-ماددا كاسىان ئىش توختامىنىڭ مەزمۇنى كاسىنا ئىشنىڭ نىشانى، سانى، سۈپىتى، ھەققى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ماتېرىيالنىڭ تەمىنلىنىشى، ئىجرا مۆھلىتى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

253-ماددا كاسىنىچى ئاساسلىق ئىشنى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىسى، تېخنىكىسى ۋە ئەمگىكى بىلەن تۈگىتىشى كېرەك، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

كاسىنىچى ئۆزى كاسىنا ئىشلەيدىغان ئاساسلىق ئىشنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، شۇ ئۈچىنچى كىشى تۈگەتكەن ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك، بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا، بۇيرۇتقۇچى توختامنى بىكار قىلسىمۇ بولىدۇ. 

254-ماددا كاسىنىچى كاسىنا ئىشلەيدىغان قوشۇمچە ئىشنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. كاسىنىچى ئۆزى كاسىنا ئىشلەيدىغان قوشۇمچە ئىشنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، شۇ ئۈچىنچى كىشى تۈگەتكەن ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك. 

255-ماددا كاسىنىچىلاردىن ماتېرىيالنى ئۆزى چىقىرىدىغانلىرى ماتېرىيالنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاللاپ ئىشلىتىشى ھەمدە بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

256-ماددا بۇيرۇتقۇچىلاردىن ماتېرىيالنى ئۆزى چىقىرىدىغانلىرى ماتېرىيالنى پۈتۈشكىنى بويىچە چىقىرىشى كېرەك. كاسىنا ئىشلىگۈچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك، پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىقىنى سەزگەندە بۇيرۇتقۇچىغا ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش ياكى باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى ئۆز مەيلىچە ئالماشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ، رېمونت قىلىش ھاجەتسىز بولغان دېتال-بۆلەكلەرنى ئالماشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ. 

257-ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ چېرتيوژ ياكى تېخنىكا تەلىپىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى سەزسە، بۇيرۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى جاۋاب بېرىشتە سۇسلۇق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

258-ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنا ئىش تەلىپىنى يېرىم يولدا ئۆزگەرتىپ، كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

259-ماددا كاسىنا ئىشقا بۇيرۇتقۇچى ياردەملىشىشكە توغرا كەلگەندە، بۇيرۇتقۇچىنىڭ ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. 

بۇيرۇتقۇچى ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن كاسىنا ئىشنى تۈگەتكىلى بولمىسا، كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا سۈيلىسە ھەمدە ئادا قىلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ؛ بۇيرۇتقۇچى مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، كاسىنىچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

260-ماددا كاسىنىچى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە بۇيرۇتقۇچىنىڭ زۆرۈر نازارەتچىلىكىنى ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى نازارەت قىلىمەن، تەكشۈرىمەن، دەپ كاسىنىچىنىڭ نورمال ئىشىغا دەخلى يەتكۈزسە بولمايدۇ. 

261-ماددا كاسىنىچى ئىشنى تۈگەتكەندە، ئىش نەتىجىسىنى بۇيرۇتقۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە زۆرۈر تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە سۈپەتكە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى بېرىشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى لازىم. 

262-ماددا كاسىنىچى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىش نەتىجىسى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچىدىن رېمونت قىلىش، قايتا ئىشلەش، ھەقنى ئازايتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

263-ماددا بۇيرۇتقۇچى ھەقنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تۆلىشى كېرەك. ھەق تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، بۇيرۇتقۇچى ھەقنى كاسىنىچى ئىش نەتىجىسىنى تاپشۇرغاندا تۆلىشى كېرەك؛ ئىش نەتىجىسىنىڭ بىر قىسىمىنى تاپشۇرغان بولسا، بۇيرۇتقۇچى مۇناسىپ ھەقنى تۆلىشى كېرەك. 

264-ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچىغا ھەق ياكى ماتېرىيال ھەققى قاتارلىق پۇللارنى تۆلىمىسە، كاسىنىچى ئىش نەتىجىسىنى قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

265-ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالى ۋە تۈگەتكەن ئىش نەتىجىسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئوبدان ساقلىماي بۇزۇۋەتسە، يوقىتىۋەتسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

266-ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى لازىم. بۇيرۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، كۆپەيتمە ياكى تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ قالسا بولمايدۇ. 

267-ماددا ئورتاق كاسىنىچىلار بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

268-ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنا ئىش توختامىنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ، كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار زىياننى تۆلىشى لازىم. 

16-باب قۇرۇلۇش توختامى 

269-ماددا قۇرۇلۇش توختامى ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش سالىدىغان، ھۆددە بەرگۈچى پۇل تۆلەيدىغان توختامدۇر. 

قۇرۇلۇش توختامى چارلاش، لايىھىلەش، ۋە قۇرۇلۇش قىلىش توختاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

270-ماددا قۇرۇلۇش توختامى يازما بولۇشى كېرەك.

271-ماددا قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش پائالىيىتى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاشكارا، ئادىل ۋە لىللا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. 

272-ماددا ھۆددە بەرگۈچى باش ھۆددە ئالغۇچى بىلەن قۇرۇلۇش توختامى تۈزسە بولىدۇ، چارلىغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى بىلەن چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىش توختاملىرىنى تۇزسىمۇ بولىدۇ. ھۆددە بەرگۈچى بىر ھۆددە ئالغۇچى تۈگىتىدىغان قۇرۇلۇشنى بىر نەچچە ھۆددە ئالغۇچىغا بۆلۈپ بەرسە بولمايدۇ.

باش ھۆددە ئالغۇچى ياكى چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ھۆددە ئالغان ئىشنىڭ بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشىگە بەرسە بولىدۇ. ئۈچىنچى كىشى تۈگەتكەن ئىشنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن باش ھۆددە ئالغۇچى ياكى چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغۇچى بىلەن بىرلىكتە ھۆددە بەرگۈچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ئۆزى ئالغان بارلىق قۇرۇلۇشنى ئۈچىنچى كىشىگە ھۆددە بېرىۋەتسە ياكى ھۆددە بېرىش نامىدا ئۈچىنچى كىشىگە بۆلۈپ ھۆددە بېرىۋەتسە بولمايدۇ.

ھۆددە ئالغۇچىنىڭ مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا قۇرۇلۇشنى بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۆلۈپ ھۆددە ئالغان ئورۇننىڭ ئۆزى ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنى يەنە بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىندۇ. قۇرۇلۇش ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددە ئالغۇچى ئۆزى تۈگىتىشى لازىم. 

273-ماددا دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش توختاملىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ ۋە دۆلەت تەستىقلىغان مەبلەغ سېلىش پىلانى، مۇمكىنلىك تەتقىقاتى دوكلاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تۈزۈش كېرەك. 

274-ماددا چارلاش، لايىھىلەش توختامنىڭ مەزمۇنى مۇناسىۋەتلىك ئاساس ماتېرىيال ۋە ھۆججەت(جۈملىدىن تەخمىنچوت، خام چوت) نى، تاپشۇرۇش مۆھلىتى، سۈپەت تەلىپى، خىراجەت ۋە باشقا ھەمكارلىق شەرتى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

275-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش توختامىنىڭ مەزمۇنى قۇرۇلۇش دائىرىسى، قۇرۇلۇش مۇددىتى، ئارىلىقتا تاپشۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇشنى باشلاش ۋە پۈتتۈرۈش ۋاقتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، قۇرۇلۇش باھاسى، تېخنىكىلىق ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ۋاقتى، ماتېرىيال، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش جاۋابكارلىقى، پۇل بۇيرۇش ۋە راسچوت قىلىش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، سۈپەت رېمونت دائىرىسى ۋە سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىكك تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

276-ماددا قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىشتا، ھۆددە بەرگۈچى نازارەت قىلغۇچى بىلەن يازما نازارەتچىلىك ھاۋالە توختامى تۈزۈشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى بىلەن نازارەت قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك قانۇن جاۋابكارلىقى مۇشۇ قانۇندىكى ھاۋالە توختامى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

277-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، مەشغۇلاتنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرسە بولىدۇ. 

278-ماددا يېپىق قۇرۇلۇشنى يېپىشتىن ئىلگىرى، ھۆددە ئالغۇچى بەرگۈچىگە تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى ۋاقتىدا تەكشۈرمىسە، ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. ھەمدە ئىش توختاپ قېلىش، بىكار تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

279-ماددا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ھۆددە بەرگۈچى ئېلان قىلغان چېرتيوژى ۋە چۈشەندۈرمىسى، دۆلەت ئېلان قىلغان قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، ھۆددە بەرگۈچى پۇلنى پۈتۈشكەن بويىچە تۆلىشى ھەمدە شۇ قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك.

پۈتكەن قۇرۇلۇشلاردىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلسا بولىدۇ؛ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. 

280-ماددا چارلاش، لايىھىلەش سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولماي ياكى چارلاش، لايىھىلەش ھۆججەتلىرىنى ئۆز مۆھلىتىدە تاپشۇرماي قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىۋېتىپ، ھۆددە بەرگۈچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، چارلىغۇچى، لايىھىلىگۈچىلەر چارلاش، لايىھىلەشنى داۋاملىق ياخشىلىشى، چارلاش، لايىھىلەش خىراجىتىنى ئاز ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى ھەمدە زىياننى تۆلىشى كېرەك. 

281-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش سۈپىتى پۈتۈشكىنىدەك بولمىسا، ھۆددە بەرگۈچى قۇرۇلۇش قىلغۇچىدىن مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش ياكى قايتا ئىشلەش، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، رېمونت قىلىش ياكى قايتا ئىشلەش، ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن قۇرۇلۇشنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرغىلى بولمىسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

282-ماددا ھۆددە ئالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش مۇۋاپىق ئىشلىتىش مۆھلىتىدە جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيان پەيدا قىلسا، ھۆددە ئالغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

283-ماددا ھۆددە بەرگۈچى خام ئەشيا ماتېرىيال، ئۈسكۈنە، ئورۇن، مەبلەغ، تېخنىكىلىق ماتېرىيالى پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە تەلەپ بويىچە چىقارمىسا، ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ ھەمدە ئىش توختاپ قېلىش، بىكار قېلىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

284-ماددا ھۆددە بەرگۈچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش يېرىم يولدا توختاپ قالسا، كېچىكتۈرۈلسە، ھۆددە بەرگۈچى تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى ياكى زىياننى ئازايتىشى، ھۆددە ئالغۇچى بۇنىڭلىق بىلەن ئۇچرىغان ئىش توختاپ قېلىش، بىكار تۇرۇپ قېلىش، قايتۇرۇپ كېتىش، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەش، ماتېرىيال ۋە دېتاللار بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق زىيانلارنى ۋە ئەمەلىي چىقىمنى تۆلەپ بېرىش كېرەك. 

285-ماددا ھۆددە بەرگۈچىلەردىن پىلاننى ئۆزگەرتىپ، ماتېرىيالنى توغرا بەرمەي ياكى زۆرۈر تەكشۈرۈپ، لايىھىلەش خىزمەت شارائىتىنى ئۆز مۆھلىتىدە يارىتىپ بەرمەي، چارلاش، لايىھىلەشنىڭ قايتىلىنىشى، توختاپ قېلىشى ياكى لايىھىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىرى خىراجەتنى ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك.

286-ماددا ھۆددە بەرگۈچى پۇلنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلمىسە، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچىنى پۇلنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە تۆلەشكە سۈيلىسە بولىدۇ. قۇرۇلۇش خاراكتېرى بويىچە باغاھا سۇندۇرۇش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھۆددە بەرگۈچى پۇلنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۆلىمىسە، ھۆددە ئالغۇچى بەرگۈچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شۇ قۇرۇلۇشنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ قۇرۇلۇشنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۇلى شۇ قۇرۇلۇشنىڭ سۇندۇرۇلغان باھا پۇلى ياكى كىمئارتۇق سودىسىدىن تاپقان پۇلىدىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىنىدۇ.

287-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە كاسىنا ئىش توختامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

17-باب ترانسىپورت توختامى

1-پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە 

288-ماددا ترانسىپورت توختامى توشۇغۇچى يولۇچى ياكى مالنى توشۇيدىغان جايدىن پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىدىغان، يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى بېلەت پۇلى ياكى كىرا ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر. 

289-ماددا ئاممىۋى ترانسىپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان توشۇغۇچىنىڭ يولۇچى ۋە توشۇتقۇچى قويغان ئادەتتىكى، مۇۋاپىق توشۇش تەلىپىنى رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

290-ماددا توشۇغۇچى يولۇچى ۋە مالنى پۈتۈشكەن سۈرۈك ئىچىدە ياكى مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈشكەن جايغا بىخەتەر توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك. 

291-ماددا توشۇغۇچى يولۇچى ۋە مالنى پۈتۈشكەن ياكى ئادەتتىكى ترانسپورت لىنىيىسى بويىچە پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك. 

292-ماددا يولۇچى، توشۇغۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى بېلەت پۇلى ياكى كىرا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، توشۇغۇچى پۈتۈشكەن لىنىيە بويىچە ياكى ئادەتتىكى لىنىيە بويىچە توشۇماي، بېلەت پۇلىنى ياكى كىرا ھەققىنى كۆپەيتىۋەتسە، يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى كۆپىيىپ كەتكەن بېلەت پۇلى ياكى كىرا ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

2-پاراگراف يولۇچى توشۇش توختامى 

293-ماددا يولۇچى توختامى توشۇغۇچى يولۇچىغا بېلەتنى بەرگەن چاغدا پۈتىدۇ. لېكىن، ئالاقىدارلاردىن ئايرىم پۈتۈشكىنى ياكى باشقىچە سودىلىشىش ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

294-ماددا يولۇچى قاتناش قورالىغا ئىناۋەتلىك بېلەت بىلەن چىقىشى كېرەك. يولۇچى قاتناش قورالىغا بېلەت ئالماي، مۇساپىدىن ئاشۇرۇپ، دەرىجە ئاتلاپ ياكى ئىناۋەتسىز بېلەت بىلەن چىققان بولسا، بېلەت پۇلىنى تولۇقلىشى كېرەك. توشۇغۇچى ئۇنىڭدىن بېلەت پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە كۆپ ئالسا بولىدۇ. يولۇچى بېلەت پۇلىنى تاپشۇرمىسا، توشۇغۇچى يولۇچىنى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ. 

295-ماددا يولۇچى قاتناش ۋاستىسىگە ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن بېلەتتىكى ۋاقىت بويىچە چىقمىسا، بېلەتنى قايتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بېجىرىشى كېرەك. مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ كەلگەندە، توشۇغۇچى بېلەت پۇلىنى قايتۇرمىسا ھەمدە توشۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىسە بولىدۇ. 

296-ماددا يولۇچى يولغا چىققاندا يۈك-تاقنى پۈتۈشكەن ئېغىرلىق چېكى بويىچە ئېلىشى كېرەك، يۈك-تاقلىرى ئېغىرلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، توشۇتۇش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك. 

297-ماددا يولۇچىلارنىڭ ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك قاتناش قورالى ئۈستىدىكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى مەنئى قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنى يېنىدا ياكى يۈك-تاقتا ئېلىپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

يولۇچىلار ئالدىنىقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى چۈشۈرۈۋەتسە، كۆيدۈرۈۋەتسە ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. يولۇچى يېنىدا ۋە يۈك-تاقتا مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلىشى كېرەك. 

298-ماددا توشۇغۇچى يولۇچىلارغا نورمال قاتنىيالماسلىقتىكى مۇھىم سەۋەبنى ۋە بىخەتەر قاتناشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

299-ماددا توشۇغۇچى يولۇچىلارنى بېلەتتىكى ۋاقىت ۋە نۆۋەت بويىچە توشۇشى كېرەك، توشۇغۇچى توشۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويسا، يولۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باشقا نۆۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى بېلەتنى قايتۇرۇشى كېرەك. 

300-ماددا توشۇغۇچىلاردىن قاتناش قوراللىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، مۇلازىملىق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەنلىرى يولۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بېلەتنى قايتۇرىشى ياكى بېلەت پۇلىنى ئاز ئېلىشى كېرەك؛ مۇلازىملىق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلەر بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىقى كېرەك.

301-ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا كېلىشى قوزغىلىپ قالغان، تۇغىدىغان، خەتەرگە يولۇققان يولۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇشى لازىم. 

302-ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن يولۇچىلارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىغا سالامەتلىكى سەۋەب بولغانلىرى ياكى يولۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قەستەنلىكى، ئېغىر سەۋەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى توشۇغۇچى ئىسپاتلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

بېلەت ئالمايدىغان، ئېتىبار بېرىش بېلىتى ئالغان ياكى قاتناش ۋاستىلىرىگە توشۇغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بېلەتسىز چىققان يولۇچىلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

303-ماددا توشۇش جەريانىدا، يولۇچىلار ئۆزى ئېلىپ يۈرگەن نەرسىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، يوقاپ كېتىشىدە توشۇغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بولسا، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

يولۇچىلار توشۇتقان يۈك-تاقلار بۇزۇلۇپ، يوقاپ كەتسە، مال توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3-پاراگراف مال توشۇش توختامى 

304-ماددا توشۇتقۇچى مال توشۇشتا، توشۇغۇچىغا مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ نامى، ئىسىم-فامىلىسى ياكى كۆرسىتىلگەن تاپشۇرۇۋالغۇچى، مالنىڭ نامى، خاراكتېرى، ئېغىرلىقى، سانى، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئورنى قاتارلىق مال توشۇشقا ئالاقىدار زۆرۈر ئەھۋاللارنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. 

توشۇتقۇچىنىڭ ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى ياكى مۇھىم ئەھۋاللارنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن توشۇغۇچى زىيان تارتسا، توشۇتقۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

305-ماددا مال توشۇشتا تەستىقلاش، تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە توغرا كەلسە، توشۇتقۇچى ئالاقىدار رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەن ھۆججەتنى توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

306-ماددا توشۇتقۇچى مالنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ئورىشى، قاچىلىشى لازىم، ئوراش-قاچىلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 156-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

توشۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ. 

307-ماددا توشۇتقۇچى ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشتا، دۆلەتنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئوبدان ئوراپ قاچىلاپ، خەتەرلىك بۇيۇم بەلگىسى ۋە يارلىقى چاپلىشى ھەمدە خەتەرلىك بۇيۇمنىڭ نامى، خۇسۇسىيىتى ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىگە ئائىت يازما ماتېرىيالنى توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. توشۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسىمۇ، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ ئالدىنى ئالسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى توشۇتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

308-ماددا توشۇغۇچى مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، توشۇتقۇچى توشۇغۇچىدىن توشۇشنى توختىتىپ تۇرۇشنى، مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى، مەنزىلنى ئۆزگەرتىشنى ياكى باشقا تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن توشۇغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

309-ماددا مەنزىلگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، توشۇغۇچى تاپشۇرۇۋالغۇچىنى بىلسە، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، تاپشۇرۇۋالغۇچى مېلىنى ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىشى كېرەك. تاپشۇرۇۋالغۇچى مال ئېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، توشۇغۇچىغا ساقلاپ بېرىش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى كېرەك. 

310-ماددا تاپشۇرۇۋلغۇچى مالنى ئېلىپ كېتىشتە، پۈتۈشكەن مۆھلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك. مال تەكشۈرۈش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، مالنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك. مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ياكى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە مالنىڭ سانى، بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا باشقىچە پىكرى بولمىسا، بۇ تۇشۇغۇچىنىڭ يۈك توشۇش تالونىغا خاتىرىلەنگىنى بويىچە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتى دەپ قارىلىدۇ.

311-ماددا توشۇش جەريانىدا مال بۇزۇلسا، يوقاپ كەتسە، توشۇغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، توشۇغۇچى مالنىڭ بۇزۇلۇشى، يوقاپ كېتىشى يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋالدىن، مالنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ياكى مۇۋاپىق خوراشتىن ۋە توشۇتقۇچى ھەمدە مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. sfsf 

312-ماددا بۇزۇلغان، يوقالغان مالنىڭ تۆلەم سوممىسىنى ئالاقىدار پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تاپشۇرۇلىدىغان ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدا مەنزىلدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تۆلەم سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تۆلەم چېكى ئايرىم بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

313-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق توشۇغۇچى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۇلاپ توشۇغاندا، توشۇتقۇچى بىلەن توختام تۈزگەن توشۇغۇچى پۈتۈن مۇساپىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەلۇم ترانسىپورت بۆلىكىدە زىيان كۆرۈلسە، توشۇتقۇچى بىلەن توختام تۈزۈشكەن توشۇغۇچى ۋە شۇ ترانسىپورت بۆلىكىدىكى توشۇغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

314-ماددا توشۇش جەريانىدا يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن مال يوقاپ كەتكەندە كىرا ھەققى ئېلىنمىغان بولسا، توشۇغۇچى كىرا ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ كىرا ھەققى ئېلىنغان بولسا، توشۇتقۇچى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

315-ماددا توشۇتقۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى كىرا ھەققى، ساقلاش ھەققى ۋە باشقا توشۇش خىراجەتلىرىنى تۆلىمىسە، توشۇغۇچى توشۇلىدىغان مالنى قالدۇرۇپ تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن ئالاقىدارلار باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

316-ماددا مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ئېنىق بولمىسا ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى مال تاپشۇرۇۋېلىشنى يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ رەت قىلسا، توشۇغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 101-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مالنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ. 

4-پاراگراف كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش توختامى 

317-ماددا كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش توختامىنى ئىجرا قىلىشقا ياكى ئىجرا قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىلىك توشۇشتا توشۇغۇچىنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، توشۇغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

318-ماددا كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى كۆپ خىل ئۇسۇلدا توشۇشقا قاتناشقان بۆلەكلەردىكى توشۇغۇچىلار بىلەن كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش توختامىغا كىرگۈزۈلگەن بۆلەكلەردىكى توشۇش جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئارا پۈتۈشسە بولىدۇ، لېكىن بۇ پۈتۈم كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك توشۇشتا ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

319-ماددا كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى توشۇتقۇچى بەرگەن مالنى تاپشۇرۇلغاندا، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش تالونىغا ئىمزا قويۇشى كېرەك. توشۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش تالونى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان تالون بولسىمۇ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان تالون بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. 

320-ماددا توشۇتقۇچىنىڭ مال توشۇتۇشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى زىيانغا ئۇچرىسا، توشۇتقۇچى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش تالونىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

321-ماددا مال كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇلىدىغان مەلەم بۆلەكتە بۇزۇلغان، يوقالغان بولسا، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىق چېكىگە شۇ بۆلەكتىكى توشۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. مالنىڭ قەيەردە بۇزۇلغانلىقى، يوقالغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمىسا، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

18-باب تېخنىكا توختامى 

1-پاراگراف ئۇمۇمىي بەلگىلىمە

322-ماددا تېخنىكا توختامى ئالاقىدارلار تېخنىكا يارىتىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى ياكى مۇلازىمىتىدە تۈزگەن، ئۆز ئارا ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرىنى بېكىتىدىغان توختامدۇر.

323-ماددا تېخنىكا توختامى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

324-ماددا تېخنىكا توختامىنىڭ مەمۇنىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. ئۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(1) تۈر نامى؛ 

(2) نىشاننىڭ مەزمۇنى، دائىرىسى ۋە تەلىپى؛ 

(3) ئىجرا پىلانى، سۈرئىتى، مۆھلىتى، ئورنى، رايونى ۋە ئۇسۇلى؛ 

(4) تېخنىكا ئاخباراتى ۋە ماتېرىيالنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش؛

(5) خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ 

(6) تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ تەۋەلىكى ۋە پايدىسىنى بۆلۈشۈش ئۇسۇلى؛ 

(7) تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى؛ 

(8) پۇل، ھەق ياكى ئىشلىتىش ھەققى ۋە تۆلەش ئۇسۇلى؛ 

(9) خىلاپلىق پۇلى ياكى زىيان تۆلىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى؛

(10) تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى؛

(11) ئاتالغۇ ئىزاھاتى.

توختامنى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى، مۇمكىنلىك دەلىلى ۋە تېخنىكا باھالاش دوكلاتى، تۈر ۋە ۋەزىپىنامىسى ۋە پىلانى، تېخنىكا ئۆلچىمى، تېخنىكا قائىدىسى، دەسلەپكى لايىھە، ھۈنەر ھۆججىتى، شۇنىڭدەك تېخنىكا ھۆججەت ئارخىپى ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە توختامنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلانسا بولىدۇ. 

تېخنىكا توختامى پاتېنتقا چېتىلسا، كەشپىيات ئىجادىيەت نامى، پاتېنىت ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن پاتېنت ئىگىسى، ئىلتىماس ۋاقتى، ئىلتىماس نومۇرى، پاتېنت نومۇرى، ۋە پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. 

325-ماددا تېخنىكا توختامىدىكى پۇل، ھەق ياكى ئىشلىتىش خىراجىتىنى تۆلەش ئۇسۇلىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ، بىر قېتىمدا ھەممىنى ھېسابلاپ بىراقلا تۆلىسمۇ ياكى بىر قېتىمدا ھەممىنى ھېسابلاپ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسىمۇ بولىدۇ، پىرسەنت ئايرىپ تۆلىسمۇ ياكى پىرسەنت ئايرىلسا تۆلەيدىغىنىغا كىرىش ھەققىنى قوشۇپ ئالدىن تۆلىسىمۇ بولىدۇ. 

پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشنى پۈتۈشۈشتە، مەھسۇلات باھاسى، پاتېنتنى يولغا قويۇش ۋە تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يېڭىدىن قوشۇلغان مەھسۇلات قىممىتى، پايدىسى ياكى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتىگە ئاساسەن پىرسەنت ئايرىلسا بولىدۇ. پىرسەنت ئايرىپ تۆلەش نىسبىتىدە مۇقىم نىسبەت، يىلمۇ يىل ئېشىپ بارىدىغان نىسبەت ياكى يىلمۇ يىل ئازىيىپ بارىدىغان نىسبەتنى قوللىنىشقا بولىدۇ. 

پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشنى پۈتۈشۈشتە، ئالاقىدارلار توختامدا ئالاقىدار بوغالتىرلىق ھېساباتىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى پۈتۈشۈشى لازىم.

326-ماددا ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى قانۇنىي ئىگىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ۋەزىپە دائىرىسىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا تېخنىكا توختامى تۈزسە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ۋەزىپە دائىرىسىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىدىن مەلۇم نىسبەتنى ئايرىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقان شەخسلەرگە مۇكاپات ياكى ھەق بېرىشى كېرەك. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توختامى تۈزۈپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ياكى ئاساسلىقى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ماددىي، تېخنىكا، شارائىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يارىتىلغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.

327-ماددا ۋەزىپە سىرتىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچىغا تەۋە بولىدۇ، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ۋەزىپە سىرتىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا تېخنىكا توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ. 

328-ماددا تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتكە ئۆزىنى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى، دەپ يېزىش ھوقۇقىغا ھەمدە شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

329-ماددا تېخنىكىنى قانۇنسىز مونوپول قىلىدىغان، تېخنىكا تەرەققىياتىغا دەخلى قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە زىيان سالىدىغان تېخنىكا توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

2-پاراگراف تېخنىكا يارىتىش توختامى

330-ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامى ئالاقىدارلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھۈنەر ياكى يېڭى ماتېرىيال ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە يارىتىشتا تۈزۈشكەن توختامنى كۆرسىتىدۇ. 

تېخنىكا يارىتىش توختامى ھاۋالىلىك يارىتىش توختامى ۋە ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

تېخنىكا يارىتىش توختامى يازما بولۇشى كېرەك. 

ئالاقىدارلار كەسىپتە قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا تۈزۈشكەن توختامدا تېخنىكا يارىتىش توختامىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ. 

331-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە تەقىقات-يارىتىش خىراجىتى ۋە ھەق تۆلىشى؛ تېخنىكا ماتېرىيالى، دەسلەپكى سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشى؛ ھەمكارلىشىدىغان ئىشلارنى تۈگىتىشى؛ تەتقىقات-يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش لازىم. 

332-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە تەتقىقات-يارىتىش پىلانى تۈزۈشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى؛ تەتقىقات-يارىتىش خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشى؛ تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى؛ تەتقىقات-يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تاپشۇرۇشى، ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر تەتقىقات-يارىتىش مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. 

333-ماددا ھاۋالە قىلغۇچىلاردىن پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

334-ماددا تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىلاردىن پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى، مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

335-ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامى تۈزۈشكۈچىلەر پۈتۈشكىنى بويىچە مەبلەغ سېلىشى، جۈملىدىن تېخنىكىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىشى، تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە قاتنىشىشى، تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك. 

336-ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامى تۈزگەنلەردىن پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

337-ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامىدىكى نىشان تېخنىكىنى باشقىلار ئاشكارىلاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن، تېخنىكا يارىتىش توختامىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغان بولسا، ئالاقىدارلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

338-ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامىنى بىكار قىلىش جەريانىدا يەڭگىلى بولمايدىغان تېخنىكا قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن تەتقىقات-يارىتىش خىزمىتى مەغلۇب بولغان ياكى قىسمەن مەغلۇب بولغان بولسا، بۇ خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدارلار مۇۋاپىق ئۈستىگە ئالىدۇ.

بىر تەرەپ ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەتقىقات يارىتىش خىزمىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ياكى قىسمەن مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇش ئېھتىمالى بار ئەھۋالنى بايقىغاندا، يەنە بىر تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىياننى ئازايتىشى كېرەك. ۋاقتىدا ئۇقتۇرماي ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي زىياننى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە، ئېغىرلىشىپ كەتكەن زىيان جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

339-ماددا ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھاۋالە بويىچە يارىتىلغان كەشپىيات-ئىجادىيەتتە پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىدا بولىدۇ، تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى بۇ پاتېنتنى ھەقسىز يولغا قويسا بولىدۇ. 

تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، ھاۋالە قىلغۇچى ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

340-ماددا ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەمكارلىشىپ يارىتىلغان كەشپىيات-ئىجادىيەتتە پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقى ھەمكارلىشىپ ياراتقۇچىلارغا ئورتاق تەۋە بولىدۇ. بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئورتاق ۋە پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە قالغان تەرەپلەر ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ھەمكارلىشىپ ياراتقۇچى بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئورتاق پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قلغاندا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا ياكى قالغان تەرەپلەر بىرلىكتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن تەرەپ بۇ پاتېنتنى ھەقسىز يولغا قويسا بولىدۇ.

ھەمكارلىشىپ ياراتقۇچى بىر تەرەپ پاتېنتنى ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلمىسا، يەنە بىر تەرەپ ياكى قالغان تەرەپلەرنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

341-ماددا ھاۋالە بويىچە ياكى ھەمكارلىشىپ ياراتقان تېخنىكىنىڭ مەخپىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى تەقسىم قىلىش چارىسىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئالاقىدارلار ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، لېكىن ھاۋالە بويىچە ياراتقان تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىنىڭ تەتقىقات-يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

3-پاراگراف تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى

342-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى يازما بولۇشى كېرەك. 

343-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى پاتېنتنى يولغا قويۇش دائىرىسى ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى پۈتۈشتە بولىدۇ. لېكىن، تېخنىكا رىقابىتىگە ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا چەك قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

344-ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامى شۇ پاتېنت ھوقۇقى داۋاملىشىدىغان مەزگىلدىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى توشسا ياكى پاتېنت ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ئېلان قىلىنسا، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ شۇ پاتېنت توغرىسىدا باشقىلار بىلەن پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامى تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

345-ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامىدىكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئىجازەت بېرىشى، پاتېنتنى يولغا قوۇشقا دائىر تېخنىكا ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى، تېخنىكا جەھەتتە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

346-ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامىدىكى قوبۇل قىلغۇچى پاتېنتنى پۈتۈشكىنى بويىچە يولغا قويۇشى، پۈتۈم سىرتىدىكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرمەسلىكى ھەمدە ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىشى كېرەك.

347-ماددا تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى پۈتۈشكىنى بويىچە تېخنىكا ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلشى، تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلشى، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

348-ماددا تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە تېخنىكا ئىشلىتىشى، ئىشلىتىش ھەققى تۆلىشى، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

349-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئۆزىنىڭ شۇ تېخنىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ئىكەنلىكى ھەمدە تەمىنلىگەن تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەل، خاتاسىز ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى، پۈتۈشكەن نىشانغا يەتكۈزەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىشى كېرەك. 

350-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشكەن دائىرە ۋە مۆھلەت بويىچە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەمىنلىگەن تېخنىكىنىڭ ئاشكارىلانمىغان قىسمىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

351-ماددا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تېخنىكىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆتۈنمىسە، ئىشلىتىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى قايتۇرۇشى ھەمدە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پاتېنتنى يولغا قويۇشتا ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈشكەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر، پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ياكى شۇ تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشىغا ئۆز مەيلىچە ئىجازەت بەرگەنلەر خىلاپلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پۈتۈشكەن مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

352-ماددا قوبۇل قىلغۇچى ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرمىسا، تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى ھەمدە پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك؛ ئىشلىتىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرمىغان ياكى خىلاپلىق پۇلىنى تۆلىمىگەنلەر پاتېنتنى يولغا قويۇشنى ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشنى توختىتىشى، تېخنىكا ماتېرىيالنى قايتۇرۇشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پاتېنتنى يولغا قويۇشتا ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈشكەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنىڭ ۋەدىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشىغا ئۆز مەيلىچە ئىجازەت بەرگەنلەر خىلاپلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پۈتۈشكەن مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

353-ماددا قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە پاتېنتنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، جاۋابكارلىقنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

354-ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا پاتېنتنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق يېڭىلىغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش چارىسىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، بىر تەرەپ داۋاملىق يېڭىلىغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن باشقا تەرەپلەرنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. 

355-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تېخنىكا ئىمپورت-ئېكىسپورت توختامى ياكى پاتېنت، پاتېتنت ئىلتىماس توختامى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. 

4-پاراگراف تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى 

356-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامى مۇئەييەن تېخنىكا تۈرىنى مۇمكىنلىك دەلىلى، تېخنىكىلىق مۆلچەر، مەخسۇس تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىپ باھالاش دوكلاتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان توختاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى بىر تەرەپ تېخنىكا بىلىمى ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپنىڭ مۇئەييەن تېخنىكا مەسلىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن توختامنى كۆرسىتىدۇ، قۇرۇلۇش توختامى ۋە كاسىنا ئىش توختامى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ. 

357-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە مەسلىھەتلىشىدىغان مەسىلىنى شەرھلەپ بېرىشى، تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ماتېرىياللىرى، سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى؛ ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەت مۇۋەپپەقىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ھەق تۆلىشى لازىم. 

358-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە مەسلىھەت دوكلاتىنى قولدىن چىقىرىشى ياكى جاۋاب بېرىشى؛ مەسلىھەت دوكلاتىنى پۈتۈشكەن تەلەپكە يەتكۈزۈشى لازىم. 

359-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى زۆرۈر سانلىق مەلۇمات ۋە ماتېرىياللار بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىمەي، خىزمەتنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن، خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى مۆھلەت ئۆتكەندە قوبۇل قىلغان بولسا، تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، تۆلىمىگەن ھەقنى تۆلىشى كېرەك.

تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىلاردىن مەسلىھەت دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىرى ياكى تاپشۇرغان مەسلىھەت دوكلاتى پۈتۈشكىنى بويىچە بولمىغانلىرى ھەققىنى ئاز ئېلىش ياكى ئالماسلىق قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ پۈتۈشكەن تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەسلىھەت دوكىلاتىغا ۋە پىكىرىگە ئاساسەن تەدبىر كۆرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زىياننى ھاۋالە قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

360-ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى، ماسلىشىدىغان ئىشلارنى تۈگىتىشى، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ھەق تۆلىشى كېرەك.

361-ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى قولدىن چىقىرىشى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تېخنىكىلىق مەسلىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىشى لازىم. 

362-ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلماي، خىزمەت سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمىسا ياكى مۆھلەت ئۆتكەندە قوبۇل قىلسا، تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، تۆلىمىگەن ھەقنى تۆلىشى كېرەك. 

تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىلاردىن مۇلازىمەت خىزمىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تۈگەتمىگەنلىرى ھەق ئالماسلىق قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

363-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامى، تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەت مۇۋەپپەقىيىتىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ھاۋالە قىلغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ. 

364-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تېخنىكا ۋاستىچىلىك توختامى، تېخنىكا جەھەتتە يېتىشتۈرۈش توختامىغا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. 

19-باب ساقلاش توختامى

365-ماددا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ساقلانمىنى ساقلاپ بېرىدىغان ھەمدە قايتۇرۇپ بېرىدىغان توختامدۇر. 

366-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلىغۇچىغا پۈتۈشكىنى بويىچە ساقلاش ھەققى تۆلىشى كېرەك. 

ئالاقىدارلار ساقلاش ھەققىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ساقلاش ھەقسىز بولىدۇ. 

367-ماددا ساقلاش توختامى ساقلانما تاپشۇرۇلغان چاغدىن باشلاپ پۈتكەن بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

368-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى ساقلىغۇچىغا تاپشۇرغاندا، ساقلىغۇچى ساقلاش ئىسپاتى بېرىشى كېرەك، لېكىن ئايرىم سودىلىشىش ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

369-ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ئوبدان ساقلىشى لازىم.

ئالاقىدارلار ساقلاپ بېرىدىغان ئورۇن ياكى ئۇسۇلنى پۈتۈشسە بولىدۇ. جىددىي ئەھۋالنى ياكى ساقلاتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساقلاش ئورنى ياكى ئۇسۇلىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. 

370-ماددا ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ساقلانمىدا نۇقسان بولسا ياكى ساقلانمىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئالاھىدە ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ساقلاتقۇچى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ساقلىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ئۇقتۇرۇپ قويمىغانلىقتىن ساقلانما زىيانغا ئۇچرىسا، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ساقلىغۇچى شۇ سەۋەبتىن زىيان تارتسا، ساقلىغۇچى بىلگەن ياكى بلىشكە تېگىشلىك بولغان ھەمدە تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ساقلاتقۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

371-ماددا ساقلىغۇچىنىڭ ساقلانمىنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ساقلىشىغا بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

ساقلىغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلانمىنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ساقلىشىغا بېرىپ زىيانغا ئۇچراتقانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋبكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

372-ماددا ساقلىغۇچىنىڭ ساقلانمىنى ئىشلىتىشىگە ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

373-ماددا ئۈچىنچى كىشى ساقلانمىدا ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا، ساقلانمىنى قانۇن بويىچە ئامان ساقلىغان ياكى ئىجرا قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ساقلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 

ئۈچىنچى كىشى ساقلىغۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلسا ياكى ساقلانمىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. 

374-ماددا ساقلاش سۈرۈكىدە ساقلىغۇچىنىڭ ئوبدان ساقلىماسلىقى تۈپەيلىدىن ساقلانما بۇزۇلسا، يىتۈپ كەتسە، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ساقلاش ھەقسىز بولۇپ، ساقلىغۇچى ئۆزىنىڭ زور سەۋەنلىكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

375-ماددا ساقلاتقۇچى پۇل، ئاكسىيە ياكى باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلىتىشتا، ساقلىغۇچىغا ئېيتىپ قويۇشى، ئۇنى ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ياكى پېچەتلىشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ئېيتىپ قويمىغان بولسا، بۇ نەرسە بۇزۇلغان ياكى يوقالغاندىن كېيىن، ساقلىغۇچى ئادەتتىكى نەرسە قاتارىدا تۆلەپ بەرسە بولىدۇ. 

376-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى خالىغان چاغدا ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.

ئالاقىدارلار ساقلاش سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچىدىن ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ساقلاش سۈرۈكىنى پۈتۈشكەندە، ساقلىغۇچىنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى بولمىسا، ساقلاتقۇچىدىن ساقلانمىنى مۇدەتتىن بۇرۇن ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. 

377-ماددا ساقلاش سۈرۈكى توشسا ياكى ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى مۇدەتتىن بۇرۇن ئالماقچى بولسا، ساقلىغۇچى ئەسلىي نەرسە ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتىنى ساقلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

378-ماددا ساقلىغۇچىلاردىن پۇل ساقلاپ بەرگەنلىرى شۇ تۈر، شۇ ساندىكى پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. باشقا سەپلىمە ساقلاپ بەرگەنلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە شۇ تۈر، شۇ سۈپەت، شۇ ساندىكى نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. 

379-ماددا ھەقلىق ساقلاش توختامىدا، ساقلاتقۇچى پۈتۈشكەن مۆھلەت بويىچە ساقلىغۇچىغا ساقلاش ھەققى تۆلىشى كېرەك. 

ئالاقىدارلار تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ساقلانمىنى ئالغان چاغدىلا تۆلىشى كېرەك.

380-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلاش ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، ساقلىغۇچىدا ساقلانمىنى قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

20-باب ئامباردا ساقلاش توختامى 

381-ماددا ئامباردا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ئامبار ساقلانمىسىنى ساقلايدىغان ۋە ساقلاتقۇچى ئامباردا ساقلاش ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

382-ماددا ئامباردا ساقلاش توختامى پۈتكەن چاغدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

383-ماددا ساقلاتقۇچى ئاسان ياندىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى ئاسان سۈپىتى ئۆزگىرىدىغان بۇيۇملارنى ساقلاتماقچى بولسا، شۇ بۇيۇملارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. 

ساقلىغۇچى ئالدنىقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ساقلاتقۇچىنىڭ ساقلانمىسىنى ساقلاشنى رەت قىلسا بولىدۇ، زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇناسىپ تەدبىر قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى ساقلاتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ساقلىغۇچى ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ساقلاشتا مۇناسىپ ساقلاش شارائىتىنى ھازىرلىشى كېرەك.

384-ماددا ساقلىغۇچى ئامبارغا كىرگەن ساقلانمىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ساقلانمىنىڭ پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىقىنى بايقىسا، ساقلاتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ساقلانمىنىڭ تۈرى، سانى، سۈپىتى پۈتۈشكىندەك بولمىغانلىرىنىڭ زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

385-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى تاپشۇرغان چاغدا، ساقلىغۇچى ئامبار تالونى بېرىشى كېرەك. 

386-ماددا ساقلىغۇچى ئامبار تالونىغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك، ئامبار تالونى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) ساقلاتقۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى؛ 

(2) ساقلانمىنىڭ تۈرى، مىقدارى، سۈپىتى، ئورۇسى، بىرلىك سانى ۋە بەلگىسى؛

(3) ساقلانمىنىڭ ئۇپراش ئۆلچىمى؛ 

(4) ساقلاش ئورنى؛ 

(5) ساقلاش سۈرۈكى؛ 

(6) ساقلاش ھەققى؛

(7) ساقلانمىدىن سۇغۇرتا بېجىرىلگەنلىرىنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى، سۈرۈكى، شۇنىڭدەك سۇغۇرتىچىنىڭ نامى؛

(8) تالون كەسكۈچى، كەسكەن جاي ۋە كەسكەن ۋاقىت. 

387-ماددا ئامبار تالونى ساقلانمىنى ئالىدىغان ئىسپاتتۇر. ساقلاتقۇچى ياكى تالون بار كىشى تالون كەينىگە ئىمزا قويغان ھەمدە ساقلىغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن، ساقلانمىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. sfsef 

388-ماددا ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى ياكى تالون بار كىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ساقلانمىنى تەكشۈرۈشكە ياكى ئەۋرىشكە ئېلىشقا قوشۇلۇشى كېرەك. 

389-ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەنلىكى ياكى بۇزۇلغانلىقىنى سەزسە، ساقلاتقۇچىغا ياكى تالون بار كىشىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

390-ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىكتىن ياكى بۇزۇلغانلىقتىن، باشقا ساقلانمىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ساقلىنىشىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى سەزسە، ساقلاتقۇچىنىڭ ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچىنىڭ زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىشىنى سۈيلىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولسا، ساقلىغۇچى زۆرۈر بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى ساقلاتقۇچىغا ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

391-ماددا ئالاقىدارلار ساقلاش سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى خالىغان چاغدا ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، ساقلىغۇچىمۇ ساقلاتقۇچىدىن ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچىدىن ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىپ كېتىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن زۆرۈر تەييارلىق ۋاقتى بېرىش كېرەك.

392-ماددا ساقلاش سۈرۈكى توشقاندا، ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى ئامبار تالونىغا ئاساسەن ئېلىپ كېتىشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچى مالنى مۇددەتتىن كېيىن ئالسا، ساقلاش ھەققىنى ئاشۇرۇپ ئېلىش كېرەك؛ مالنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالسا، ساقلاش ھەققى كېمەيتىلمەيدۇ. 

393-ماددا ساقلاش سۈرۈكى توشسىمۇ، ساقلاتقۇچى ياكى تالون بار كىشى ساقلانمىنى ئالمىسا، ساقلىغۇچى ئۇنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئېلىپ كېتىشكە سۈيلىسە بولىدۇ، مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئالمىسا، ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ئېلىپ ساقلاپ قويسا بولىدۇ. 

394-ماددا ساقلانما ساقلىغۇچىنىڭ ساقلاش سۈرۈكى ئىچىدە ئوبدان ساقلىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇزۇلسا، يىتۈپ كەتسە، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ساقلانمىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئورۇسى پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىقى ياكى كۈچكە ئىگە ساقلاش سۈرۈكىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان بولسا، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

395-ماددا بۇ بابتا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىرىغا ساقلاش توختامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#