جۇاڭزۇ مىللىتى

جۇاڭزۇ مىللىتى

جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ بۇرۇن 20 نەچچە خىل ئاتىلىشى بولغان، 1949-يىلىدىن كېيىن بىر تۇتاش جۇاڭزۇ(族僮) دەپ ئاتالدى، 1965-يىلى يەنە جۇاڭزۇ(族壮) دەپ ئۆزگەرتىلدى. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئاساسلىق گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، يۈننەننىڭ ۋېنشەن جۇاڭزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .

ئۇيغۇرچە نامى جۇاڭزۇ مىللىتى
نوپۇسى 1700 تۈمەندىن ئارتۇق (2010)
خەنزۇچە نامى 壮族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇاڭزۇ مىللىتىجۇاڭزۇلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار. ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۆپچىلىك تاغ باغرىغا يىغىلىپ، ناخشا ئېيتىش سەھنىسى ياسايدۇ، ناخشا ئېيتىش يىغىلىشىغا قاتناشقان ئوغۇل-قىزلار ئاۋۋال «كۆرۈشۈش ناخشىسى» ، «مېھمان كۈتۈۋېلىش ناخشىسى» ئېيتىشىدۇ. ئەگەر بىر ئوغۇلنىڭ بىر قىز بالىغا كۆزى چۈشۈپ قالسا، «يالۋۇرۇش ناخشىسى» ياكى «مۇھەببەت ناخشىسى» ئېيتىشىدۇ. قىز تەرەپ ناخشا بىلەن جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ناخشىدا بەسلىشىدۇ، سۆزىنى ئۇدۇللۇق تۈزۈپ، بىر-بىرىنىڭ سوئالىغا ناخشا ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئەگەر ناخشا ئېيتىشقان ئوغۇل-قىزلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ، ئايرىم ئۇچرىشىدۇ. ناخشا ئېيتىشىپ بولغاندىن كېيىن، تۈگمىگۈل تاشلاش، پوجاڭزا تالىشىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. چوڭراق ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە 10 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتنىشىدۇ. يەرلىك كىشىلەر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق يامغۇر-يېشىننىڭ ۋاقتىدا كېلىشىنى، دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھۇسۇل ئېلىشنى تىلەيدۇ.

 جۇاڭزۇ مىللىتى 2000—3000 يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ناھايىتى گۈزەل مەدەنىيەت-سەنئەتنى ياراتقان. جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى گۇاڭشىدىكى زوجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تىك يارغا كۆپلىگەن قىيا تاش رەسىملىرىنى سىزغان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇاشەنيا دېگەن يەردىكى قىياغا 1200 نەچچە ئادەم رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى ئاددىي ھەم جۇشقۇن، كەيپىياتى قىزغىن ھەم يارقىن. يېغىلىق دەۋرىدىن باشلاپ، جۇاڭزۇ مىس دۇمباق ياسىغان، ئۇ ھەم چالغۇ ئەسۋابى، ھەم ھوقۇق ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى. جۇاڭزۇ مىللىتى كەشتىسى جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ داڭلىق توقۇمىچىلىق ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىدۇ.

جۇاڭزۇ مىللىتىجۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ بۇرۇن 20 نەچچە خىل ئاتىلىشى بولغان، 1949-يىلىدىن كېيىن بىر تۇتاش جۇاڭزۇ(族僮) دەپ ئاتالدى، 1965-يىلى يەنە جۇاڭزۇ(族壮) دەپ ئۆزگەرتىلدى. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئاساسلىق گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، يۈننەننىڭ ۋېنشەن جۇاڭزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز ساندىكىلىرى گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، گۇيجۇ، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان.

 جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئۆتمۈشتە چاسا خەنزۇچە خەتتىن تۈزۈگەن تۇسۇ يېزىقىنى ئىشلەتكەن، 1955-يىلى لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى جۇاڭزۇ يېزىقى ئىجاد قىلىندى. جۇاڭزۇلار كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىش، ئەجدادلىرىغا نەزىر-چىراغ قىلىشتىن باشقا، بۇرۇنقى زامانلاردا يەنە گىگانت تاش، ئېگىز تاغ، يەر، ئەجدىھا، يىلانلارغا تېۋىنغان. تاڭ، سۇڭ دەۋرلىرىدىن كېيىن بۇددا دىنى، تويىن دىنى ئۇلارغا تارقالغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، كاتولىك دىنى، خرىستىئان دىنى تارقىلىپ كىرگەن.

جۇاڭزۇ مىللىتىجۇاڭزۇلار تۇزلىغان ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرىدۇ. ساتمىسى ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ سىپارى چايناش ئادىتى بار. ئۆتمۈشتە، نىكاھقا كۆپ ھاللاردا ئاتا-ئانىلار چات كېرىۋالاتتى، لېكىن نىكاھتىن بۇرۇن ئەركىن مۇھەببەتلەشكىلى بولاتتى. توي قىلغاندىن كېيىن، يېڭى كېلىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ تۇرىدۇ، چوڭ بايرام كۈنلىرى ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسىللىرىدە ئېرىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قىسقا مەزگىل تۇرىدۇ، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنلا قېينئانىسىنىڭ ئۆيىدە دائىم تۇرىدۇ. بۇ ئادەت «ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرماسلىق» ياكى «ئۆز ئۆيىدە تۇرۇش» دەپ، ئاتىلىدۇ. 

 جۇڭيۈەن بايرىمى، نيۇخۇڭ بايرىمى قاتارلىقلار جۇاڭزۇ خاس بايرىمى. جۇڭيۈەن بايرىمى جىن-ئالۋاستىلار بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەجدادلىرىغا ۋە جىن-ئالۋاستىلارغا نەزىر-چىراغ قىلىدۇ. نيۇخۇڭ بايرىمى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، كالىلارغا يېمەكلىك ۋە ئوت-چۆپ يېگۈزۈپ، كالا ئەرۋاھنى چاقىرىدۇ. 

جۇاڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تاغ كۆپ، كۆپىنچىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. يەنە ئاساسىي سانائەت بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، تاشقى سودا قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#