بالا ئېمىتىش

بالا ئېمىتىش

ئاياللار بىرىنچى قېتىم ئانا بولغاندا جىددىيلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە تەشۋىشلىنىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش ئانا ۋە بالىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى كەچۈرمىش، ئەمەلىيەتتە بالىنى ئېمىتىش بولسا ئاياللارنىڭ يېڭى مېتابولىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىش، ھەيز كېلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولۇپ، بۇنى تونۇپ يەتكەن ئانىلار كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بالا ئېمىتىش
خەنزۇچە نامى 哺乳

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالا ئېمىتىشئانا سۈتى بولسا ئەپلىك، ئوزۇقلۇقى تولۇق، بوۋاققا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەبىئىي يېمەكلىك. بالىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى نۇقتىئىنەزەرلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈتنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ئانا چوقۇم قوللىرىنى پاكىز يۇيۇشى، ئىلمان سۇ بىلەن ئەمچەكنى يۇيۇشى كېرەك. سوپۇن تۈرىدىكى بۇيۇملار بىلەن ئەمچەكنى يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئەمچەك توپچىسى پاكىز بولغاندىن كېيىن ئاندىن نەم، پاكىز لۆڭگە بىلەن ئەمچەككە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا ئەمچەكنى ئۇۋۇلاپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىش ئىنكاسىنى قوزغاش كېرەك.

بالا ئېمىتىشياخشى بولغان بالا ئېمىتىش قىياپىتى يالغۇز ئانىنىلا راھەت ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، بالىمۇ ناھايىتى راھەت ھالدا ئېمىدۇ. ئانا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئېمىتىدىغان ئەمچەك تەرەپتىكى پۇتىغا بىر كىچىك ئورۇندۇق قويۇپ تۇرۇپ، ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئېڭىشىپ تۇرۇپ، قول مۇسكۇللىرى بىلەن بالىنى ئەمچەككە يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئانا بىلەك ئاستى ۋە يوتىنىڭ ئۈستىگە بىر ياستۇق قويۇپ ئېمىتسىمۇ، بالا ۋە ئانا ناھايىتى راھەتلىنىدۇ. ئانا يەنە يانتۇ يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل كېچىسى ئېمىتىشكە ۋە بالىنى ئالداپ ئۇخىلىتىشقا بولىدۇ، بىر-بىرسىدىن ئازراق ئېگىز ياستۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. يەنە تۆشەك سېلىپ، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا يانتۇ بولۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، يەنە بىر كىچىك تۆشەك (سېلىنچا) تەييارلاپ، بالىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە تىرەپ قويۇش كېرەك. (بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپى مۇشۇ سېلىنچىغا تايىنىدۇ).

بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنى چەكلەش كېرەكمۇ؟ بەزى ئادەملەر ئانا پۇراقلىق نەرسىلەرنى يېگەندە بۇ خىل پۇراق سۈتكە سىڭىپ كىرىدۇ دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇخىل قاراش توغرا ئەمەس، سۈتتە پۇراق بولۇپلا قالماي، بۇ خىل پۇراققا نىسبەتەن بالىمۇ زىيادە سېزىمچانلىققا ئىگە. بولمىسا پۇرىقى بار، بىراق ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكتىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ. بەزى يېمەكلىكلەر سۈتنىڭ تەمىگە تەسىر قىلىدۇ، سۈتنىڭ تەمىمۇ بالىنىڭ ئاشقازىنىغا تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن: ئانا ئازراق ھاراق ئىچسە، سۈتتىمۇ ئازراق ھاراق تەمى بولۇپ قالىدۇ. بالىمۇ بۇخىل سۈتنى ئېمىشنى ياقتۇرمايدۇ، كۆزىتىش ئارقىلىق مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھادىسە بايقالدى، بالا ھاراق تەمى بار سۈتكە قارىغاندا ھاراق تەمى بار سۈتنى بەكرەك ياقتۇرىدىكەن. ئانا سامساق يەپ بىر-ئىككى سائەت ئىچىدە ئاجرىتىلغان سۈت ئاجراتمىلىرىدا سامساق تەمى بولۇپ، بالىنىڭ بۇ خىل سۈتنى ئېمىش ۋاقتى ئالاھىدە ئۇزۇن بولىدىكەن.

كېچىسى بالا ئېمىتىشتىن قورقۇپ، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىش توغرىمۇ؟

كېچىسى بالا ئېمىتىشتىن قورقۇپ، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىش توغرىمۇ؟

بالا ئېمىتىشئانا سۈتى ئارقىلىق بالا بېقىش يالغۇز بالىغىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئانىغىمۇ ناھايىتى پايدىلىق. ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا، ئانىنىڭ ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سۆڭەك بوشاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەسەيتىدۇ. مۇۋاپىق، بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش رولىنى ئويناپ، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ھەر كۈنى 050 كىلوكالورىيىدىن يۇقىرى ئىسسىقلىق سەرپ قىلىنىدۇ، يەنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا 050 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا سەمرىپ كەتمەيدۇ. يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلدە يىغىلغان مايلارمۇ خوراپ كېتىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، تاماقنى چەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق. (بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا تاماق چەكلەش توغرا ئەمەس) بولۇپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئانىلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئارتۇقچە ماي توپلىنىپ قالىدۇ. بۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاقىتقا ئوخشاش ئەسلىگە كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى. تەييار سۈت بىلەن بالا باقىدىغان ئانىلار بۇ مايلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلىمەكچى بولىدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بالا باقىدىغان ئانىلار يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، بەدەن ئېغىرلىقى تەبىئىي يېنىكلەپ كېتىدۇ. چۈنكى 800 ~ 900 مىللىلىتىر سۈت ئۈچۈن 600 ~ 700 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇل ساغرا ۋە بەلدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان مايلارنى ئاستا-ئاستا يوق قىلىدۇ.

بالىنى ئېمىتكەندە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنى تۆۋەنلەتكىلى، بولۇپمۇ ھەيز توختاشتىن ئىلگىرىكى سۈت بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. يەنە بالىياتقۇ راكى ۋە تۇخۇم نەيچىسى راكى بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى بالا ئېمىتكەن مەزگىلدىكى تۆۋەن ئانىلىق ھورمۇننىڭ قوزغىلىشى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئەمچەك، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم نەيچە ھۈجەيرىلىرىدە كۆپەيگەن ئانىلىق ھورمۇنلارنىڭ بارغانسېرى ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك كېسەللىكىگە ئۆزگىرىش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بالىنى ئېمىتىش ھەرىكىتى ئانا تېنىدىكى ھورمۇنلار ئۈچۈن پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئانىغا نىسبەتەن كۆڭۈللۈك، خۇشاللىنارلىق كەچۈرمىش بولۇپ قالىدۇ. بەدىنىدىكى قوزغاتقۇچى ئېلېمېنتلارمۇ ئانىنى راھەت، تىنچ ھېس قىلدۇرۇپ، كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كېچىدە بالا ئېمىتىش

بالا ئېمىتىشكېچىلىك تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئانىلارغا نىسبەتەن، كېچىدە بالا ئېمىتىشكە ئامراق بولۇپ قېلىش ئانچە تەس ئىش ئەمەس. پەقەت ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز بويىچە، ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىغا خۇشال-خۇرام مۇئامىلە قىلسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر ئانا يۇقىرىقىدەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەك ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا كېچىدە بالا ئېمىتىش يۈككە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمدىلا ئاتا-ئانا بولغانلار ئىمكانقەدەر كېچىدە بالا ئېمىتىشكە ئادەتلىنىشى ۋە ھەقىقىي ياقتۇرۇشى كېرەك.

كېچىدە بالا ئېمىتىش سەۋەبلىك، ئانىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىشىدىن قورقماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ئۇخلىتىدىغان ماددىلار بولۇپ، بالىنىڭ ئۇخلىشىغا پايدىلىق شۇنداقلا كېچىسى بالا ئېمىتىش ئانىنىڭ بەدىنىدىكى سۈت قوزغىتىش ھورمۇنلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالا ئېمىتىش

بالا ئېمىتىشھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالا ئېمىتىش توغرىسىدىكى بىر قىسىم تەييارلىقلارنى قىلىپ قويۇش كېرەك، نورمال بولغان ئەمچەككە نىسبەتەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەمچەكنى سەل بوشاتسا بولىدۇ. سۈت سۈمۈرگۈچى ئەسۋاب بىلەن ھەر كۈنى 4 ~ 5 قېتىم ئاستا-ئاستا شوراتسىمۇ بولىدۇ. تۈز، كىچىك ئەمچەك توپچىسىنى ئۇۋۇلىغاندا ۋە شوراتقاندا تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇش كېرەك. ئەمچەكنى كۆڭۈل قويۇپ ئۇۋۇلاش بالىغا بولغان كۆيۈنۈشنىڭ ئىپادىسى.

سۈت كەلمىگەندە بالا ئېمىتىش 

توغرا ئېمىتىش قىياپىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بالىغىمۇ توغرا ئېمىش شەكلىنى ئۆگەتكەندە، ئانا ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە بەختتىن بەھىر ئالالايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىرخىل كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ خىل خۇشاللىقتىن بەھىر ئالالمىغاندا، مەسىلەن: سۈت نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىپ، سۈتنىڭ كەلمەسلىكى سەۋەبلىك بالىنىڭ ئەمگەن ۋاقىتتا بەك كۈچ سەرپ قىلىشى تۈپەيلىدىن، بالا ئەمچەك توپچىسىنى بەك شوراپ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، سۈتنىڭ تىنىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، سۈت نورمال چىقمايدۇ. قۇرۇق ئەمچەك بىلەن ئەمچەكنىڭ ئاساسىي قىسمى تولۇق بېسىمغا ئۇچرىمايدۇ، بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن ئېمىتىشتىن ئىلگىرىكى ھۆل لۆڭگە بىلەن ئەمچەكنى ئىككى مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ، شاپىلاقلاپ ياكى تەۋرىتىپ، ئەمچەكنى بوشىتىش كېرەك. ئەگەر بالا ئېمىشنى خالىمىغاندا، سۈت سۈمۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سۈتنى سېغىپ، سۈتنىڭ تىنىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، سۈت بەزلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

بالا ئېمىتىش ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشتا غەلىبە قازىنىشتا دادىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بەزى بالىلارغا نىسبەتەن دادىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بولمىسا، ئانا قانداقمۇ خۇشال ئوڭۇشلۇق ھالدا، ئانا سۈتى بىلەن باقالايدۇ؟ دادا بۇ مەزگىلدە ئۆزى ۋە ئائىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ، ئانىنى داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە خۇشال بولۇشى كېرەك.

سۈتنىڭ يېنىپ كېتىشى—بالا ئېمىپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قىسىم سۈت ياكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندىن ئېغىز بوشلۇقىغا قايتىش ھادىسىسى بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىر-ئىككى يۇتۇم ئەتراپىدا يېنىپ كېتىدۇ. ئاشقازاندىكى كۆپ قىسىم نەرسىلەرنى ياندۇرۇۋەتكەندىكى قوسۇشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆپىنچە ھاللاردا ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچىسى ئېمىۋاتقاندا ھاۋانى كۆپ سۈمۈرگەنلىكى ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالا يىغلىغان ياكى ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنلا ئېمىتمەسلىك. ئۇنى بىر ئاز تىنجىتقاندىن كېيىن ئاندىن ئېمىتىش، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بالىنى تىك قۇچاقلاپ مۈرىگە يۆلەندۈرۈپ، دۈمبىسىنى يېنىك شاپىلاقلاش كېرەك. بالا زىيادە ئېمىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ قۇسۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئارام ئالدۇرۇپ، تاماق بېرىشنى 4 ~ 6 سائەت ئەتراپىدا توختاتسا بولىدۇ. ئاندىن ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم قايناق سۇ بېرىش كېرەك، ئەگەر بالا قۇسۇۋەتمىسە، ئاستا-ئاستا ئېمىتسە ۋە نورمال ئەمگۈچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، بەزىدە خىلمۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ ياندۇرىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ قۇسۇۋېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى پەقەت ئالتە ئاي ئىچىدىلا بولىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش مەزگىلىدىكى ياكى ئالتە ئايدىن كېيىنكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللاشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇش، ئومۇمەن ئانىلىق ھورمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا ئوڭايلىقچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. سىرتتىن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش نىسبەتەن ياخشى ئامال، سىرتتىن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش پۇرۇپكىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ۋاڭ بىن مەست قىلغۇچى بولۇپ، ئادەم بەدىنى بۇ نەرسىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، باشقا قوشۇمچە رولى يوق. يەنە بىرسى بولسا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوكۇلىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك. تۇغۇپ تۆتىنچى كۈنى بىرنى ئۇرغۇزۇش ياكى 42-كۈنى بىرنى ئۇرغۇزۇش، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە بىرنى ئۇرغۇزۇش كېرەك. بۇ بىرخىل ساپ بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسى بولۇپ، بەدەندىكى تۇخۇمنىڭ ئاجرىتىلىشىنى توسالايدۇ. (نورمال تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھەر ئايدا بىر تۇخۇم ئاجرىتىدۇ) ھەم دورا بەدەن ئىچىدە توپلىنىپ قالمايدۇ، شۇڭا بالا ئېمىتسىمۇ بالىغا تەسىرى بولمايدۇ.

بىرىنچىدىن

 بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىدا نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئانىلىق ھورمۇنلارنى قوزغىغۇچى قاتارلىق تۇغۇندى ماددىلار ئانا تېنىگە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ يېتىلىشىنى كونترول قىلىپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىغا تولۇق سۈت بەرگىلى بولمايدۇ، بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ ئوزۇقلۇقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر سۈتكە ئەگىشىپ بالىنىڭ تېنىگە كىرىدۇ، ھورمۇنلار بالىنىڭ يېتىلىشىگە بولۇپمۇ كەلگۈسىدىكى كۆپىيىش سىستېمىسىى يېتىلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا، ئانىلار بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن 

خىلمۇخىل مەركىزىي نېرۋىلارنى كونترول قىلغۇچى دورىلار مەسىلەن: فېنتوئىن ناترىي، فېنوباربىتال، دىئازېپام، مېپروبامات لىبرىئۇم دورىسى قاتارلىقلارنى سۈت ئارقىلىق بالا قوبۇل قىلغاندا، بالىنىڭ ئۇيقۇسى ئازلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ھەتتا قانسىراش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى چەكلەيدىغان خىلمۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك، ئۇلار بالىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ماددا ئالمىشىشىنى كونترول قىلىپ، بالىنى زەھەرلەپ قويىدۇ. 

مورفىن، كوكائىن، خېروئىن، كەندىر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ بۇ مەست قىلغۇچى دورىلارغا بولغان سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نەپەس ئېلىشىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. رادىئوئاكتىپلىق يودلۇق بىرىكمىلەر ۋە تىئوئۇراتسىل، كوئۇمارىن قاتارلىقلار دورىلارنى (مەسىلەن: گىپارىن، ئۇيۇشقا قارشى دورىلار قاتارلىق دورىلارنى)، ئېرگون ياسالمىلىرى (بالىياتقۇنى تارايتىدىغان دورا) ۋە ئاتروپىن قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈتكە كىرىپ، بالىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە بۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ياكى بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە ۋاقتىنچە بالىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.

ئۈچىنچىدىن 

ئانىلار كۆپ مىقداردىكى ئاتروپىننى ئىشلەتكەندە ئوخشاشلا ئېمىۋاتقان بالىمۇ ئاتروپىندىن زەھەرلىنىدۇ ۋە يۈرەك سوقۇشى نورمالسىزلىشىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار مېتىل تىئوئۇراتسىل تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇنىڭ سۈتىدىمۇ دورىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بالىلار بۇ خىل دورا مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈتنى ئەمسە، پۈتۈن بەدىنىگە ئەسۋە چىقىپ كېتىدۇ ياكى قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازلاپ كېتىدۇ. بالىنىڭ ئەگەر پېنىتسىللىن قاتارلىق دورىلارغا زىيادە سېزىمچانلىقى بولسا، بۇ خىل دورىنى ئىستېمال قىلغان ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن بالىلاردىمۇ پېنىتسىللىنغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق بولىدۇ، خلورومىتسېتىن قاتارلىق دورىلارمۇ بوۋاق كىلىكىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۈرەڭ بوۋاق سىندۇرمى كېلىپ چىقىرىش خەتىرى بار.

ئانىلار كۆپ مىقداردىكى ئاتروپىننى ئىشلەتكەندە ئوخشاشلا ئېمىۋاتقان بالىمۇ ئاتروپىندىن زەھەرلىنىدۇ ۋە يۈرەك سوقۇشى نورمالسىزلىشىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار مېتىل تىئوئۇراتسىل تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇنىڭ سۈتىدىمۇ دورىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بالىلار بۇ خىل دورا مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈتنى ئەمسە، پۈتۈن بەدىنىگە ئەسۋە چىقىپ كېتىدۇ ياكى قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازلاپ كېتىدۇ. بالىنىڭ ئەگەر پېنىتسىللىن قاتارلىق دورىلارغا زىيادە سېزىمچانلىقى بولسا، بۇ خىل دورىنى ئىستېمال قىلغان ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن بالىلاردىمۇ پېنىتسىللىنغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق بولىدۇ، خلورومىتسېتىن قاتارلىق دورىلارمۇ بوۋاق كىلىكىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۈرەڭ بوۋاق سىندۇرمى كېلىپ چىقىرىش خەتىرى بار.

تۆتىنچىدىن

تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاغرىق ياكى مەلۇم پايدىسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم ئانىلار قورساقنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغىدۇ. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئامىللار ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا پايدىسىز. ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى يارا ئېغىزىنىڭ ئاغرىقى سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئوغۇز سۈتى كۆرۈلگەن ۋاقىت بىر ئاز ئۇزۇن بولسا، بۇ ئوپېراتسىيە ۋاقتىدا ئىشلەتكەن مەست قىلىش تۈرلىرى ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىگە باغلىق بولىدۇ. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانا سۈتنىڭ ئانىغا ۋە بالىغا بولغان مۇھىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئانا بولغانلار تەبىئىي تۇغۇت ئارقىلىق ئانا بولغانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىتىلىش ئۇچۇرى مېڭىگە بارغاندىمۇ ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئانا سۈتى ئارقىلىق خروموسوما ئاجراتمىلىرىنى قوزغىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئانا ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتكەندە، بۇ خىل مۇسكۇللارنىڭ يېقىن تېگىشى بىلەن ئاجراتمىلار يېتەرلىك ھالدا مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ باشقا ئانىلارغا ئوخشاش بالىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېمىتىشىگە پايدىلىق. قوزغاتقۇچى ماددىلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا شەكىللەنگەن ئاجراتمىلار بولۇپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە. بالىنى سۆيگەندىمۇ بۇ خىل ئاجراتمىلار قوزغىتىلىدۇ، ئۇ ئەمچەك مۇسكۇللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈت چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئانا-بالىنىڭ يېقىنچىلىق بىلەن ئۇچرىشىشى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ بالا ئېمىتىشىدە ناھايىتى مۇھىم.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#